-
ئەجەپ قىلدىڭ - [نەسىرلەر]
ئەجەپ قىلدىڭ! بۇ خازان پەسلىدە قېلىپ قېلىشىڭ كىرەكمىدى؟
سۇلار، ئېرىقلارغا... ئۆستەڭلەرگە كىرىۋىلىپ بىزنى تەشنا قىلىدۇ. سەن بۇ قىلمىشىڭ ئارقىلىق ماڭا نىمە قىلماقچى ئىدىڭ؟
بىز بىر باھار پەسلىدىن چىققان ئىدۇق، خۇددى دەرىخىنى سېغىنغان شاماللاردەك تەلپۈنۈشۈپ. قوزا چۈش بولاي دىگەندە سەن كېتىپ قالدىڭ...كۆزلىرىڭدە ئوۋچىنىڭ ھاياجىنى ...‹‹ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭمۇ خۇداسى بار›› ئەمەسمىدى؟! لىكىن سەن بىپەرۋا... بىغەم بىر ھالەتتە ئويۇنغا كىرىشكلەن بالىلاردەكلا ئىدىڭ. گۈللەرنىڭ مەڭزىدىكى شەبنەملەر قۇرۇشقا باشلىدى، كۈن پىشىمگە تايىن تىپىۋاتاتتى.
يىقىنلا يەردىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
زەپمۇ قىلدىڭ بىۋاپا،
مېنى قىلماس دىمىگىن.
نىمە كويلاردا يۈرۈيسەن،
مېنى بىلمەس دىمىگىن.
گۈللەر تۆكۈلۈشكە باشلىغاندا... قىرلاردا قىياقلار قىروۋ تۇتۇپ، قىشقا قاراپ ماڭغاندا يەنە پەيدا بولۇپ قالغىنىڭ نىمىسى؟
ناخشا ئاۋازى يىراقلاپ كەتتى، بىز ماڭغان يوللار قاچانلاردا خازانلىق يولغا ئايلىنىپ قالغاندۇ...
سېرىق رەڭگە ئۆچ ئەمەس ئىدىم، لىكىن بۇ خازانلارغا نىمە دىگۈلۈك؟! كۆزلىرىڭدىن ھىچنىمە
كۆرەلمىدىم...ھىچنىمە يوق ئىدى. خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەكلا ...
سەن ئۇ خازانلىق پەسىلدە قىپ قالدىڭ، سېنى ئېلىپ كېتىش خىيالىمنىڭ يوقلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ قىپ
قالدىڭ. مەن پەقەت مېڭىشىم كىرەكلىكىنى بىلەتتىم، مىڭىشىم، مىڭىۋىرىشىم كىرەك ئىدى. مۇشۇ
مېڭىشىمدا سەن بىلەن ئۇچراشقان باھار پەسلىگە بېرىپ قېلىشىم مۈمكىنمىدۇ؟ ئەجەپ قىلدىڭ! ئۇ
خازانلىق پەسىلدە قىلىپ قالماسلىقىڭ كىرەك ئىدى.
ئەگەر سەن بىللە كېتىشنى تەلەپ قىلساڭمۇ رەت قىلار بولغىيمىدىم؟!