-
سۈرىيە شائىرى ھۆسەيىن ھەبەش شېئىرلىدىن
شائىر ھۈسەيىن ھەبەش 1970-يىلى سۈرىيەنىڭ ئەفرىن ۋىلايىتىدىكى كورتلار ياشايدىغان شەيخۇل ھەدىد يېزىسىدا تۇغۇلغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيەنىڭ بونىن شەھرىدە ياشاپ «گۈللەر قېتىدا»ناملىق تۇنجى شېئىرلار تولىمىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئەرەپ ۋە كورت تىللىرىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان بۇ شائىرنىڭ ھازىرغىچە تۆت پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۆپلىگەن چەتئەل تىللىرىغا، جۈملىدىن ئېنگىلىز، ئىسپان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەتئەللەردە نەشىر قىلىنغان. ھۈسەيىن بىرنەچچە خەلقارالىق ئىجادىيەت ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، كۆپلىگەن خەلقارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان.
ئىككى ئاشىق
ئىككى كىشى ئىدۇق
يالغۇز ئىككى نەپەر
سىزدۇق دەرۋازا
ئارقىسىدا كونا شەھەر
بىرىنىڭ ئىسمى جەمشىد
ئىككىنچىسى ئانا
بىرى ئۆي غېمىدە
ئاختۇرار باشپاناھ،
ئىككىنچىسى بولسا
ئايال دەردىدە
ئىزلەر قايناق ھېس...
ئەمما، لېكىن شەھەر
شەپقەتسىز شەھەر
كەڭ ئېچىپ غۇلىچىنى
قوغلار ئارقىدىن
قولىدا چۈمۈچ
سېپى قوغۇشۇن...
پەرۋانە
ئانا ئېمىتمەكتە بالىسىى،
كۆكرەكلىرى ئۇنىڭ پەرۋانە.
مېھرى-مۇھەببىتى بىمىننەت،
ئەسلا جاۋاپ كۈتمەس ئاۋارە،
يۈرەكلىرى ئۇنىڭ پەرۋانە.
بىر قۇش ئۇچۇپ بارار ئۇپۇقتا،
مەيىن قاناتلىرى پەرۋانە.
ئۇسۇل ئوينار قەغەزدە قەلەم،
سىياھ-دۈۋەتلىرى پەرۋانە.
بۇ مەيداننىڭ قەپ ئوتتۇرىسىدا
پىر ئايلانغان شائىرنىڭ بېشى
مۇڭلۇق بايانلىرى پەرۋانە.
بىتخوۋىن ۋە كورتلار
بىتخۇۋىننىڭ ھەيكىلىگە باققاندا،
بەكمۇ غەمكىن كۆرىمەن ئۇنى.
بارچە كورتلار توپلىشىپ
شەھەر مەركىزىگە تىكەر كۆز
قەدەملەر بىلەن
ھېچنېمە يوقىتالماس ئۇلارنى
سېغىنىشتىن بۈلەك،
بىتخوۋېننى يىغلىتىش ئۈچۈن
شەھەرنى تەڭ ئىككىگە بۆلگەن
شۇ رېيىن دەرۋزىسىغا قارايمەن
ئۇمۇ غەمكىن كۆرۈنەر بەك-بەك
ئىفرات ئەمەسمۇ ئۇمۇ شۇ تاپتا،
بەخىتسىز، غرىپ ۋە شورلۇق ئىفرات؟!
رېيىن دەرياسى بويىدا بىر كېچە
سوغۇق يالىڭاچ دەرەخلەرنىڭ
غايىسىنى قىلىدۇ قۇربان
ئالدىرىما دەيدۇ بىر ئايال
قاپقارا چاپىنىغا پۈركۈنۈپ
بىز ئالدىغا سىجىيمىز ئاستا
يالغۇز ئىككى كىشى
ئۇ ۋە مەن
چۈشەر قەدەم ئارقىدىن قەدەم
يامغۇر تۆكىدۇ
سارغايغان بەرگىلەرنى
دەريادا ئۈزەر
يۈكلۈك كېمىلەر
يىراقلىشىپ كېتىدۇ بىردىن
ئارىمىزدا قالغان مۇساپە
ۋە ۋىلىلداپ تۇرغان چىراقلار
شۇ ئارىدا
قۇچاقلىشار ئۇلار بىر-بىرىن
سۇ ئىكرانى ئالدىدا تۇرۇپ
ئۇندىن شىرىن ھوزۇر ئالىمەن
ئېھتىراسلىق سۆيگۈسىنى دەپ
ئالدىرار مايسا
رېيىن دەرياسى چالىدۇ مۇڭلۇق
مىڭ خىل رەڭ بىلەن
باشلايدۇ ناخشا
«بەخىتلىك بۇلۇڭ»دەپ
دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلاشلىرى
ئەپسانىلەر يازار ياپ-يېشىل
تۈرلۈك سىرلارئىچرە كۆمۈلۈپ
دەريا بىلەن قۇرىمىز سۆھبەت
شۇنداق گۈزەل ۋە پەيزى كېچە!历史上的今天:
مەھمۇد قەشقىرى توغرىسىدا ھېكايەتلەر 2011-06-12ئوكتاۋىئو پاز 2011-06-12خۇشىد دەۋران شېئىرلىردىن 2011-06-12ئۆزبىك شھئىرى ئىقبال مىرزا شېئىرلىدىن 2011-06-12