• مەھمۇد قەشقىرى توغرىسىدا ھېكايەتلەر

    خەتكۈچ:

    مەھمۇد قەشقىرى توغرىسىدا ھېكايەتلەر

     

    1.رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوغۇزخان ۋە ئاپراسىياپ دەۋىرلىرىدىن تارتىپ شاھىنشاھلار، ئوردا ئەمەلدارلىرى، سەركەردىلەر ياز ۋە كۈز كۈنلىرى ئويپال (ئوپال) دىيارىنىڭ ئاي باقى، يۇدۇغۋاش، بۆرە توقاي يايلاقلىرىدا سەيلە-تاماشا قىلىپ، ئوي ئويلايدىكەن. قاراخانىيلار دەۋىردىمۇ بۇ جاي مۇھىم ئارامگاھلاردىن بىرى بولغان. "كارۋان بۈيۈك" يولى بىلەن مادايىن، باغداد تەرەپلەرگە ئۆتكۈچى كارۋانلار ئويپالدىكى "غوجا قونار" دىگەن بەندەگاھقا چۈشۈپ، ھاردۇقلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، كارۋان قوشۇنلىرىنى باشلاپ كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقا يۈرۈپ كىتىشىدىكەن.
    قاراخانىيلار دەۋىردە ئۆتكەن شاھى ئەھرام دىگەن پادىشاھ بىر يىلى يازنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئويپالنىڭ ئاقدالادىكى "قىزىل مەسچىد ئاتام" ئەتىراپىغا شىكارغا چىقىش ئۈچۈن جابدۇنۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا يىراقتىن بىر ئەزىز مېھمان كىلىپ قاپتۇ-دە، شاھ ئۆز ئورنىدا ئوغلى ھۈسەيىننى شىكارغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەپتۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ھۈسەيىن پەم-پاراسىتى، جاسارىتى ۋە پالۋانلىقى بىلەن ھەرۋاقىت شاھنى سۆيۈندۈرۈدىكەن. ھۈسەيىن شىكارنى ئويپالنىڭ ئۆزىگە تونۇش بولغان كۈن يورۇش تەرىپىدە بىجىرىشنى ئىلتىجا قىلىپ، شاھ ئاتىسىدىن ئىجازەت ئىلىپ،تەزىم-تەۋەززۇلار بىلەن يولغا چىقىپتۇ.

    شاھزادە ھۈسەيىن ئۆز كىشىلىرى بىلەن بۈك-باراقسان ئورمان،تاغ-قايراقلارغا بۈركۈت قويۇپ، ئوقيا ئۈزۈپ يۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان ئوۋ غەنىيمەتلىرىگە ئىرىشىپتۇ. ئۇلار قايراق باغرىدىكى قۇمباغ توپىلىكىگە كەلگەندە،ئالدىغا بىر كىيىك ئۇچۇراپتۇ. شاھزادە ھۈسەيىن ئوقيا چىلتېسىدىن ئوق ئىلىپ، كېيىككە قارىتىپ كىرىچتىن ئوق ئۈزۈپتۇ. مەجرۇھ بولغان كىيىك قاپتالدىكى توقايلىققا قاراپ قىچىپتۇ. شاھزادە ئۇنى قوغلاپ "ئازىخ" دىگەن جايغا كەلگەندە، كىيىك كۆزىدىن غايىپ بوپتۇ.
    كېيىكنى نەزىرىدىن قاچۈرۈپ قويغان شاھزادە ھۈسەيىن ئۆزى تۇرغان تۆپىلىكتىن تۆۋەنگە قارىغۇدەك بولسا، بۈك-باراقسان باغلار،كۆپكۆك چىمەنزار، ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدا بۇلاق سۈيى خۇددى يىپەك تارتقاندەك ئېقىۋاتقان، بىر ساھىبى رەنا چىغىر يولدا بۇلاقتىن سۇ ئېلىپ كىرىپ كېتىۋاتقان ئىكەن،شاھزادە تىنىق كۆكتە يالتىراپ تۇرغان چولپاندەك بۇ ساھىپجامالنى كۆرۈپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس قاپتۇ-دە، تىكىلىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. شاھزادىنى بۇ ھالدا كورگەن ھەمرالىرى :"نىمىگە مۇنچىۋالا زوق-شوخ بىلەن قاراپ كەتتىلە؟" دەپ سورىغان ئىكەن. شاھزادە ھۈسەيىن "ئويدا چولپان كوردۇم" دەپ جاۋاپ بەرىپتۇ. كېيىنچە،بۇ جاينىڭ نامى"ئوي چولپان" دەپ ئاتىلىپتۇ.

    2.ئانار شەربىتى

    شاھزادە ھۈسەيىن ھەمرالىرىغا مۇشۇ يەرنى قونالغۇ قىلىشقا ئەمىر قىپتۇ. ئۇلار ئوۋ قوراللىرىنى،شىكاردا ئېرىشكەن غەنىيمەتلەرنى ئاتلىرىدىن چۈشۈرۈپ،بىر باغلىق ھويلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئازادە بوستانلىققا جايلىشىپتۇ، بۇلاق بېشىدىكى چىمەنلىكنى بويلاپ ئورۇن راستلاپتۇ.
    بۇ ئارىدا شاھزادە ھۈسەيىن تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ گۇزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىپ، تاماشا قىلىپ، ئۈنچە-مارجاندەك پاقىراپ،شىر-شىر ئېقىۋاتقان ئېرىق بويىدىكى مەجنۇن تاللار ئارىسىدىن كېتىۋېتىپ،ھېلىقى ھويلىنىڭ ئارقىسىدىكى باغقا كۆز چۇشىپتۇ.قارىسا، باغدا بىر مويسىپىت كىشى بىلەن رەسىدە بولغان سايىپجامال بىر قىز ئانار ئۈزۈپ سېۋەتكە قاچىلىشىۋاتقۇدەك، شاھزادە ھۈسەيىن بۇ ساھىپجامالنىڭ بايا سۇ ئېلىپ ماڭغان قىز ئىكەنلىكىنى تونىپتۇ-دە، قىزنىڭ ھوسۇن-جامالى شاھزادىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىپ،پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئىشىق ئوتى چىرماپ ئاپتۇ.لېكىن، ئۇ ئوردا كىشىلىرىگە خاس ئەخلاق-پەزىلەت بويىچە، دەرھال بوستانلىققا قايتىپ، ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇ.
    شىكارچىلارنىڭ ئوپۇر-تۇپۇرلىرىنى ئاڭلاپ،ئۇجمە تاختايلىرىدىن ياسالغان قوش قاناتلىق دەرۋازدىن چىقىپ كەلگەن باغۋەن ئېھتىرام بىلەن سالام بېرىپ، شىكارچىلاردىن ھاردۇق سوراپ،مېھمانلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ، ئەمما، شاھزادە ھۈسەيىن:
    - بىز شىكار كىشىلىرى، بۇ ھاۋاسى تولىمۇ باب يەر ئىكەن. مۇشۇ بوستانلىقتا ئارام ئېلىپ ئۆتسەك دىدۇق، رەخمەت،- دەپ ئۆزرە ئېيتىپتۇ. ئاندىن تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان پالاس ئۇستىدىكى يولۋاس تېرىسىدە ئولتۇرغان شاھزادە،باغۋەننى ئۆز يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ.
    ئۇلار ئەھۋاللىشىپ ئولتۇرغاندا،باغۋەننىڭ نام-شەرىپى موللا سەيپىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بوپتۇ. شاھزادە ھۈسەيىن ئۆز كىشىلىرىگە تىنىق بۇلاق سۈيىدىن ئۇسسۇزلۇق كەلتۈرۈشنى ئېيتقاندا، موللا سەيپىدىن ئاكا:"ئۇسسۇزلۇقنى ئۆزۇم كەلتۇرەي" دىگىنىچە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپلا ئويىگە كىرىپ، قىزىغا ئەھۋالنى سوزلەپ بەرىپتۇ. ئۇ قىز چەبدەسلىك بىلەن بىر دانە ئانارنى سىقىپلا گۇللۇك تاۋاقنى توشتۇرۇپ، خونچىلاپ ئاتىسىغا بېرىپتۇ. موللا سەيپىدىن ئاكا ئۇنى ئېلىپ چىقىپ شاھزادە ھۈسەيىنگە سۇنۇپتۇ، شاھزادە ئۇنى ئېلىپ ئىچىپتۇ. سۇ ئورنىغا ئانار شەربىتى سۇنغان بۇ ئائىلىلىكنىڭ سەمىمى،ئاق كۆڭۈل ۋە مېھماندوسلۇقىدىن مىننەتدار بولغان شاھزادە ھۈسەيىن يەنىمۇ چوڭقۇر سىناپ كۆرۈش ئۇچۇن، يەنە بىر تاۋاق بېرىشنى ئۆتۈنىپتۇ.
    موللا سەيپىدىن ئاكا تەزىم بىلەن خونچىنى ئېلىپ ئۆيىگە مېڭىپتۇ. بۇ چاغدا شاھزادە ھۈسەيىننىڭ كۆڭلىدىن "بۇ ئەھۋالنى شاھ ئاتامغا ئېيتسام، رەئىيەگە ئانار سېلىقى سىلىنسا، ئوردا ئەمىر-ئەركانلىرى سۇ ئورنىغا ئانار شەربىتى ئىچسەك،نىمە دىگەن ياخشى" دىگەن خىيال كېچىپتۇ.
    موللا سەيپىدىن ئاكا قىزىنىڭ بۇ قېتىم سىقىۋاتقان ئانىرىدىن شەربەتنىڭ كەم چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:"قىزىم،مېھمانلار سۇ سورىغان ئىكەن،كۇپنىڭ مۇزدەك سۇيىنى بەرسەك بولماسمۇ؟" دەپتۇ. قىزى بۇنىڭدىن تەئەجۇپلىنىپ:" سۇ سورىغان مېھمان ئانار شەربىتىگە لايىق بولغانلىقتىن" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ-دە، يەنە چوڭ بىر ئانارنى ئېلىپ سىققان ئىكەن، گۈللۈك تاۋاق يېرىممۇ بولماپتۇ، ئاندىن يەنە بىر دانە ئانارنى ئېلىپ سىقسا، ئۇنىڭدىن شەربەت تېخىمۇ ئاز چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، 3 دانە ئاناردا گۈللۈك تاۋاق ئاران يېرىملىشىپتۇ. موللا سەيپىدىن ئاكا:" ۋاقىت ئۆتمىسۇن قىزىم" دەپتۇ. قىزى ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ:"ئەي! دادا ،قىسمەت ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ، تاۋاقنىڭ يېرىملىقى سورىلىپ قالسا، شاھزادىمىزنىڭ كۆڭلىگە خەلق سېلىقىنى ئاشۇرۇدىغان بىرەر خىيال كەچتىمىكىن، ئاناردىكى شەربەت قېچىۋاتىدۇ دەڭ" دەپتۇ.
    موللا سەيپىدىن ئاكا گۈللۈك تاۋاقتىكى شەربەتنى خونچىلاپ ئېلىپ چىقىپ، شاھزادە ھۈسەيىنگە سۇنغاندا،راست دىگەندەك شاھزادە ھۈسەيىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. موللا سەيپىدىن ئاكا بولغان ۋەقەنى ۋە قىزىنىڭ پەرىزىنى بايان قىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھزادە ھۈسەيىن باياتىن كۆڭۈلگە كەچكەن پىكىرىدىن يېنىپ،دەرھال توۋە-ئىستىغبار ئوقۇپتۇ.

    3.ئاشىق شاھزادە
    شۇ كۈنى كەچ شىكارچىلار كەڭ داستىخان يېيىپ،شىكار غەنىيمەتلىرىنى پىشۇرۇپ،تەييارلاپ قويىپتۇ. موللا سەيپىدىن ئاكىمۇ ئۆز بېغىنىڭ كۈزلۈك مىۋە-چىۋىلىرىدىن كەلتۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ھەمدەستىخان بولۇشۇپتۇ. موللا سەيپىدىن ئاكىنىڭ ئۆيىگىمۇ نىسىۋە سۇنۇلۇپتۇ.
    شاھزادە ھۈسەيىن شۇ كېچە موللا سەيپىدىن ئاكىنىڭ قىزىنىڭ ئەقىللىقلىغى، بىلىملىكلىكى ۋە ھۆسۈن-جامالى ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىپتۇ-دە، قايىل بولغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ.ئەتىسى ئۇ موللا سەيپىدىن ئاكا بىلەن خەيرىلىشىپ، ھەمراھلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
    شاھزادە ھۈسەيىن بىلەن شىكارغا بىللە چىققان باھادىر تۈنۆگۈندىن بۇيان شاھزادىنىڭ جىمىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يول بويى قەدەمدە بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، سەۋەبىنى سوراي دەۋاتقاندا، شاھزادە كەينىگە بۇرۇلۇپ، يىراقتا قارا كۆرۈنۈپ تۇرغان باغ تەرەپكە قاراپ يەنە بىر تىن ئاپتۇ. تەجرىبىلىك باھادىر " شاھزادەمگە بىرەر ئىشىق-مۇھەببەت ئوتى سىرايەت ئەيلىگەن بولىشى مۇمكىن" دەپ قىياس قىپتۇ.
    شىكاردىن يانغاندىن باشلاپ شاھزادىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ھىچ نەرسە يىمەپتۇ. كۈندىن-كۈنگە چىرايى سارغىيىپ،رەڭگى روھى ئۆچۈپ،ئۇيقىسى قېچىپ بىئارام بولغىلى تۇرۇپتۇ. شاھ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ،دەرھال ھۆكۈمالارنى يىغىپ، ئوغلىنى كۆرسەتكەن ئىكەن، ھەرقايسىسى ئوزىگە لايىق كېسەللىك ئېھتىماللىنى دەپ دورىلار بېرىشىپتۇ، لېكىن تەسىر كۆرسەتمەپتۇ. قېرى ئەمچى (تىۋىپ) يۈرەكتىكى سەكتەگە قاراپ ئانار شەربىتى بۇيرىغان ئىكەن، شاھزادە ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە پىيالە شەربەتنى ئىچىپ،ئاندىن كۈلۈپتۇ ۋە بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ.
    بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلىغان شاھ پۇت-پۇتىغا تەگمەي ئوغلى قېشىغا كېلىپ مۇبارەكبادلىق قىپتۇ ۋە نىمە پايدا قىلغانلىقىنى سورىغاندا،شاھزادە:"ئانار شەربىتى" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئەمما،شاھزادە ئۇنىڭدىن باشقا تائاممۇ يىمەي،يەنە باش قويۇپ ياتقان ئىكەن، تىت-تىت بولغان شاھ سىر ئېلىش ئۇچۇن قېرى باھادىرنى ئوغلىنىڭ يېنىغا قويىپتۇ. شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ ئايايدىغان تەجرىبىلىك باھادىر ئۆزىنىڭ ياشلىقىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ، پىراقى مۇھەببەتتىن سۆز ئاچقاندا، شاھزادە ئورنىدىن تۇرۇپ،كۆڭۈل قويۇپ، كۆزىنى ئۈزمەي تىكىلىپ قاراپ ئاڭلاپ:"يەنىچۇ،.......يەنە قانداق بولغان..... قانداق بولىتى؟..." دەپ كېلىپ، ئاخىرىدا قاتتىق بىر تىنىپلا دۇم يېتىپ يىغلاپتۇ.قېرى باھادىر شاھزادىنى ئاستا يۆلەپ تۇرغۇزغان ئىكەن،ئۇ تەشنالىق سوراپتۇ. بۇ چاغدا ئانار شەربىتى تۈگەپ قالغانلىقى ئۇچۇن، مۇزدەك كاشكاپلەر بەرسىمۇ شاھزادە ئىچمەپتۇ.
    قېرى باھادىر شاھزادىنىڭ ئانار شەربىتىنى مۇنچە ياخشى كۆرىشتىكى سەۋەبىنى ئالدىرىماي سۈرۈشتە قىلىپ كۆرگەندە،شاھزادە ھۈسەيىن سۆز باشلاپ موللا سەيپىدىن ئاكىنىڭ قىزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى،بىلىم-كامالىتى ۋە ھۆسۈن-جامالى ئۈستىدە گەپ ئېچىپتۇ. ئاشۇ قېتىمقى شىكاردىن بۇيان شاھزادىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۇشۈپ قالغانلىقىدىن تولۇق خەۋەر تاپقان قېرى باھادىر بۇ ئەھۋاللارنى پادىشاھقا بىرمۇ بىر بايان قىپتۇ.

    4.ئەلچى بىلەن دانىشمەن قىز

    شاھى ئەھرام ئوغلى ھۈسەيىننىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن، ئاغلاقچىلار ئارقىلىق موللا سەيپىدىن ئاكىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىپتۇ. ئاغلاقچىلار كەلتۇرگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا،دىيانەتكار دەھقاننى ئەشىرەپ سەيپىدىننىڭ ئاقىل ۋە دانىشمەن قىزىنىڭ ئىسمى بۇبى رابىيە ئىكەن.ئۇ قىز ئانىسىدىن يەتتە ياشتا ئايرىلىپ يىتىم قىلىپ،ھازىر كامالەت يېشىغا يېتىپتۇ.ئاتىسىنىڭ ھەممە ئىشىغا بۇ قىز ئەقىل كورسىتىدىكەن.ئەدەپ-ھايا، نۇمۇسكويلۇقتا بۇ يۇرتتا بۇ ئاتا-بالىدەك ئادەمنى يەنە تاپقىلى بولمايدۇ، دەپ ھەقەمسايىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك شاھىتلىق بېرىپتۇ.
    شاھ بۇبى رابىيەنى يەنىمۇ چوڭقۇر سىناپ كۆرمەكچى بۇلۇپ،ئۆزى شىكارغا چىققان ۋاقىتلىرىدا موللا سەيپىدىن ئاكا بىلەن ئايرىم ئۇچۇرشىپتۇ. ئۇنى قىزى بىلەن ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ كۆرىشىپ، ئەدەپ-ئەخلاقنى بايقاپتۇ.
    بىر كۈنى شاھ ئۆز ئەلچىسىدىن موللا سەيپىدىن ئاكىغا "ئۇچ يىلدا تۇغدۇرۇپ،21 قىلىپ بەرسۇن" دەپ 7 قوشقار ئەۋەتىپتۇ. ئۇنىڭدىن موللا سەيپىدىن ئاكا قاتتىق غەمگە چۆمۈپتۇ. بۇبى رابىيە بولسا،ئاتىسىغا تەسەللى بەرىپ:"ئەلچى شاھنىڭ يارلىقىنى يەتكۈزۈشنىلا بىلىدۇ،جان دىل بىلەن قوبۇل قىلىپ ئالايلى" دەپ ئەلچىگە تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، يەتتە قوچقارنى ئېلىپ قاپتۇ.ئەلچىنى ئۇزۇتۇشقا بىرىنى سويىپتۇ،قالغانلىرىنى ئۇدۇللۇق سويۇپ، سېتىپ يەپ ئاخىرى بىرسى قاپتۇ.
    بۇبى رابىيە بىر كۇنى ئاڭلىسا، ھېلىقى ئەلچىنىڭ چىشى ئاغرىپ قاپتۇ.ئۇ ،دەرھال ھېلىقى بىر قوچقارنى سويدۇرۇپ،دەستىخان قىلىپ ئەلچىنى يوقلاپ كەپتۇ.داستىخانلىرىنى يېيىپ بولغاندىن كېيىن:" مۇبارەك بولسۇن ئەلچىم،كوزىيىۋاپلا" دەپتۇ. چىش ئاغرىقىغا چىدىيالماي ياتقان ئەلچى ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ:"نىمە دەۋاتىسىز،ئەر كىشىمۇ كوزىيەمدۇ؟" دەپتۇ. بۇبى رابىيە تەمتىرىمەي تۇرۇپ:" تەخسىر، قوچقارمۇ قوزىلامدۇ؟" دەپتۇ. جاۋاپ تاپالماي ئاچچىغىنى يۇتقان ئەلچى ئەتىسى ئوردىغا بېرىپ، شاھقا دادلانغان ئىكەن، شاھ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ-دە، دەرھال بۇبى رابىيەنى چاقىرتىپ كېلىپ:"بارىكاللا، قىزىم ئەقلىڭگە" دەپتۇ ۋە كۆپ ئىنئام-ئەھسانلار بېرىپ، ئۇنى لايىغىدا ئۇزۇتۇپتۇ.

    5.شاھزادىنىڭ ئىلىم-ھۈنەر ئۆگۈنىشى

    شاھ ئەھرام ئوغلى ھۈسەيىننى ئۆيلىك-ئوچاغلىق قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىغىنى ،پەرزەتخلىك قىلىش ئۈچۈن، دېھقانى ئەشرەپ سەيپىدىننىڭ نۇرە چەشمىسى بۇبى رابىيەنى لايىق كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ،قېرى باھادىر ئارقىلىق ئوغلىدىن رىزالىق سوراپتۇ. شاھزادە ھۈسەيىن رازىلىقىنى بايان قىپتۇ. شاھ ئوغلى ھۈسەيىننى ئەمىر سەبلىككە ئۆستۈرۈپ،ئۇنىڭ بۇبى رابىيە بىلەن نىكاھلىنىش تەلىپىنى قوبۇل قىپتۇ.
    شاھ ئەھرامنىڭ ئوردا ئەلچىلىرى موللا سەيپىدىن ئاكىنىڭ كەڭ ئېتىكى،تار قوينىغا سېغىنىپ كەلگەن ئىكەن.موللا سەيپىدىن ئاكا قىزى بۇبى رابيەنىڭ بېشىنى كۆكرىكىگە يېقىپ،سىلاپ تۇرۇپ،كۆز يېشى قىلىپ:"قىزىم،بىز سەھرايى گادا تۇرساق، ئۇلار شاھ-سىپاھ تۇرسا، ئۇلار بىلەن قانداق قۇدۇلىشارمىز؟" دەپ غەمگە چۈشىپتۇ. بۇبىر رابىيە دادىسىنىڭ ئىسسىق كۆز يېشىنى يۇمشاق قوللىرى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ.:"ئاتا، شاھزادە ھۈسەيىننىڭ ھۇنىرى بارمىكەن، ئىلىم ئۆگىنىپتىكەنمۇ؟ دىگەن سۆزدىن باشقىنى دىمىسەك" دەپتۇ. موللا سەيپىدىن ئاكا ئوردا ئەلچىلىرىگە مۇشۇ سۇئاللارنى قويۇپ،لايىغىدا مېھمان قىلىپ ئۇزۇتۇپتۇ.
    ئوردا ئەلچىلىرى يەتكۈزگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغان شاھ توي تەييارلىقى پىشقىچە، ئوغلى ھۈسەيىننى ئىلىم-ھۇنەر ئۆگىنىپ كەلسۇن دەپ، 40 قېچىرغا مال يۈكلەپ، 3 ئاي ئىچىدە ئىلىم-ھۇنەرلىك بولۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ، شاھزادە ھۈسەيىن شاھ ئاتىسىغا ئېھتىرام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن،كارۋاننى باشلاپ يولغا چىقىپتۇ.
    شاھزادە بىر كۈنى يېڭىسارنىڭ توپىلىق يايلىغىدا كېتىۋاتسا، بىر توپ پادىچىلار لايدا شاترانج(شاھمات) ياساپ ئويناۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن شاھزادە دەرھال كارۋان يۈكلىرىنى چۈشۈرتكۈزۈپ، ئىككى كۈن ئىچىدە شاھمات ئويناشنى پادىچىلاردىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىۋاپتۇ. ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ، يەكەنگە بېرىپ كارۋان سارايغا ئورۇنلىشىپتۇ. ئەتىسى شاھزادە ھۈسەيىن بىر مەدىرىسەنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، بىر قانچە تالىپلار ھەدەپ ئەبجەد ھېسابى ئۈستىدە مۇنازىرلىشىۋاتقۇدەك. شاھزادە ھۈسەيىن ئىككى قېچىر مالنى ئۇلارنىڭ ئۇستازىغا سوغا قىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئەبجەد ھېسابىنى ئۆگىنىپ،رەقەملەردىن جۈملە تۈزەلەيدىغان بوپتۇ.
    شاھزادە ھۈسەيىن يەكەننىڭ سەھرا-يېزىلىرىنى ئارىلاپ،تاغ ئىچىدە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ زىلچا توقىۋاتقانلىقىنى كۆرىپتۇ ۋە 10 قېچىر مال بېرىپ،40 كۈندە ئۇستازىغا ئوخشاش زىلچا توقىيالايدىغان بوپتۇ. ئۇستازى:"قولۇڭىز مەندىن تېز بوپتۇ. كونىلار قولى ئاستا كاساپىتىدىن،ئايىغى ئىتتىك قەلەندەر ياخشىئ دەپتىكەن، قولىڭىز بەركەتلىك بولغاي" دەپ دۇئا قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۈسەيىن :
    "ئۇيالما مەرىپەتنى ئۇرگە نۇرىدىن،
    بولۇر ھالىڭ تونۇر، قالساق تونۇردىن"
    دىگەننى دائىم ئېسىدە تۇتۇپ، ئىككى خىل ئىلىم ۋە 3 خىل ھۈنەر ئۆگىنىپ، قالغان قېچىرلاردىكى ماللارنى سېتىپ ئوردىغا قايتىپتۇ.

    6.شاھزادىنىڭ ئۆيلىنىشى

    شاھ ئەھرام ئوغلى ھۈسەيىننىڭ 3 ئاي جەريانىدا ئۈگەنگەن ئىلىم-ھۈنەرلىرىنى بىر قۇر سىناپ كۆرىپ،"ئەمدى تويىڭنى باشلاي" دەپ، موللا سەيپىدىنگە سوغا سالاملار بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. بۇلار ھىچقانداق سۇئال قويماستىنلا توي باشلاشنى ماقۇل كۆرۈپ، شاھقا جاۋابەن سوغا -سالاملار يوللاپتۇ. ئەھۋالنى ئاڭلىغان شاھ:"موللا سەيپىدىن بىلەن بۇبى رابىيە دانىشمەنلەردىن ئىكەن. بولمىغاندا، ئالدىنقى قېتىم قويغان سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى سورىشى لازىم ئىدى." دەپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ، شاھ توي تەييارلىقىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شەھەر- شەھەرلەرگە نامە يوللاپتۇ. پۇتكۈل ئەل-يۇرتقا 40 كېچە-كۈندۈزگىچە ھەرقانداق ئۆيدە قازان ئاسماسلىققا يارلىق چۈشىرىپتۇ. ھەممە ئەل توي ئويناپتۇ. يىراق شەھەرلەردىن كەلگەنلەر ئەمىر شەب ھۈسەيىننىڭ توي مەرىكىدە كۆرسەتكەن ئات ئوينىتىش، چېلىشىش، ئوقيا ئۈزۈش،توپۇق ئويۇنى،چاۋگەن ئۇرۇش (ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرىنىڭ قەدىمكى شەكىللىرى) ،سۇ ئۈزۈش ماھارىتىنى كۆرىپ ئاجايىپ قايىل بولىشۇپتۇ. شاھ لەشكەرلىرىنىڭ ماھارىتى ۋە خەلق سەنئەتكارلارنىڭ جانبازلىق،دارۋازلىق ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ مەدىھە ئوقۇپتۇ،تارتۇقلار سۇنىشىپتۇ، شاھ ئەھرامنىڭ شۆھرىتىگە شۆھرەت قوشۇلۇپتۇ.
    40 كېچە-كۈندۈزلۈك توي-تاماشىدىن كېيىن،شاھزادە ھۈسەيىن بىلەن بۇبى رابىيەنىڭ نىكاھى خۇتبىش ئوقۇلۇپتۇ. ھەمدۇسانا بىلەن باشلانغان بۇ نىكاھ مۇراسىمدا، ئەينى چاغدىكى قەشقەرنىڭ كاتتا ئولىمالىرىدىن بولغان خەتىپ جامالىدىن قەشقىرى مۇنداق دەپتۇ:
    -- نىكاھ تۇرمۇشىمىزدا ئەر-خوتۇننىڭ خوشاللىق، قايغۇ كۈنلىرىدە بىر-بىرىنىڭ خوشاللىقىنى خوشاللىق،قايغۇسىنى قايغۇ دەپ بىلىدىغان، بىر-بىرىگە ياردەم ۋە شەپقەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىدىغان، ئائىلە يۈكىنى بىللە كۆتۈرۈدىغان، ئائىلىنىڭ ئىناق ۋە ھالال مۇھەببىتىنى داۋاملاشتۇرۇدىغان، تۇرمۇش-روزىگارچىلىق داۋامىدا، بەزى دىشۋارچىلىقلارغا يولۇققاندا، ئەر-خوتۇننىڭ ساداقىتىنى ئايرىيدىغان،بىر-بىرىنى چۈشىنىپ يېتىدىغان،تونىيدىغان،تاۋلايدىغان بوتا ئوچاققا ئوخشاش ئۆلچەمدۇر. نىكاھ بىلەن ئەرگە جۈپتى روزىگار بولغۇچى زاتنى "قاتىن" دەپ ئاتايمىز. بۇ،قېتىلدى،قويۇشتى،قوشۇلدى دىگەنلىك.يەنى ئىككى يات كىشىنىڭ مۇشۇ نىكاھ ۋەدىسى بىلەن كۆڭلى (دىلى) كۆڭلىگە،جېنى-جېنىغا،قېنى-قېنىغا قېتىلدى(ئارلاشتى) دىگەن سۆزدۇر.(نىكاھدىكى بۇ مېھرىبانلىقنى ئاققۇ قۇشلىرىغا ئوخشىتىپ،مانى دىنىدىكى ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ قوللانماقتا).
    خاتىپ جامالىدىن قەشقىرى نىكاھىنىڭ خۇتبە نۇتقىنىڭ يېرمىنى تۈگۈتۈپ،بىر بوردا ناننى تۇزغا تەككۈزگەندىن كېيىن،ئۇنى شاھزادە ھۈسەيىن بىلەن بۇبى رابىيەگە يىگۈزۈشنى بۇيرۇپتۇ. ۋە بۇ ئىشنىڭ مەنىسىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ:
    -- بۇ ، تۇز بىلەن باشلانغان تۇنجى ناننى بىز بىللە يىدۇق. ئەمدى شۇ سائەتتىن باشلاپ،بىر قازاننىڭ تۇزىنى تەڭ يەيمىز. بىز ھەرگىز تۇزكورلاردىن بولمايمىز. تۇز بەرگەن ئانا ۋەتەنگە،ئەلگە ۋە ئائىلىمىزگە خىيانەت قىلمايمىز.... دىيىش ئۈچۈن شەرتلەشكەن تۈنجى روزىگارنىڭ غىزاسىدۇر،يەنى قەسەمدۇر.(مانى دىندىكىلەرنىڭ "تۇزغا شاش قىلىپ بېرەي" دەپ قەسەم ئىچىشلىرى،تۇزنى ھۆرمەتلىشى، دۈشمەن تەرەپ مەجرۇھلارنى داۋالاشتا تۇز بەرمەسلىكى تاسادىپى ئەمەس.
    ئۇنىڭدىن كېيىن،جامالىدىن قەشقىرى نىكاھ خۇتبەسىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ئاۋال بۇبى رابىيەدىن خاتۇن بولۇش رىزالىقىنى،ئۇنىڭدىن كېيىن شاھزادە ھۈسەيىننىڭ جۈپتى روزىگار بولۇش ماقۇللىغىنى ئاڭلاپ،مۇبارەكبادلىق بىلدۈرۈپتۈ.
    توي ئەھلى ناخشا-ناۋا،رەقىس-ساملار قىلىپ،بۇرغا،كانايلار چېلىپ،بۇبى رابىيە ئوردىغا كېلىنلىك ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىنىپتۇ. يولدا ھولۇ سالغۇچىلارغا تون-تەلپەك،يارماق-دىنارلار چېلىپتۇ.

    7. جانغا ئەسقاتقان ھۈنەر

    ئەمىر ھۈسەيىن تويدىن كېيىن بۇبى رابىيە بىلەنلا بولۇپ كېتىپ،خىزمىتىگە ئۆزى قاراپتۇ.بۇبى رابىيە ھامىلدار بوپتۇ. بىر كۈنى بۇبى رابىيە گەپ باشلاپ:
    -- ئەي ئەمىرىم،شاھىمىز سىزنى بىر ناۋاي قىلىپ يېتىشتۇرگەن ئىكەن بېشىڭىزدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن تەۋەڭدە تۈگۈمەس نېنىڭىز بار ئىكەن،ئىشتىھايىڭىز كەلگەندە قولىڭىزنى سۇنىپلا ئېلىپ يەيدىكەنسىز. ناۋاي بوينىنى تىك تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭمىسا،بېشىدىن تەۋەڭ چۈشىپ كېتىپ، ناننىڭ بۇلغىنىشى تۇرغان گەپ،بېشىڭىزدىكى تەۋەڭ يانتۇ كۆرىنىدۇ، پەخەس بولمايدىكەنسىز، تەۋەڭنىڭ چۈشىپ كېتىش خەۋىبى بار كۆرىنىدۇ.- دەپتۇ.
    ئايالىنىڭ بۇ مەنىلىك سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن ھۈسەيىن دەرھال ھوشىنى يىغىپتۇ، ئۇ رەئىيەنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كۈنى ئوتۇنچى قىياپىتىدە ياسىنىپ، بېلىگە ئىككى زاغرىنى تۈگۈپ،ئىككى ئېشەككە ئوتۇن ئارتىپ،"ئوتۇن قانچە؟" دىگەنلەرگە "چاغلاپ بېرەلا، كەم بولا" دەپ قويۇپ، شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپتۇ.
    ئەمىر شەب ھۈسەيىن سېتىقچى،قاسساپ،ناۋاي،كاۋاپچى،قىسقىسى ھەممىلا ساھادىكىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپتۇ. پاششاپ،چەكادى،جەسەكچىلەرنىڭ توغىرىلىرىنى؛ رەئىيەنىڭ ئاھۇزارلىرىغا قۇلاق سالماي،رەئىيەنى مەنسىتمەي تەكەبۇرلىشىپ كەتكەنلەرنى؛ئوغرى،مەككار،خىيانەتچىلەرنى ئەتىراپىغا يىغىۋالغانلارنى بايقاپتۇ. خەلىقنىڭ بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاپتۇ.ماڭا-ماڭا، نامازشام ۋاقتىدا بىر كاۋاپچىنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ قاپتۇ.كاۋاپچىنىڭ ئوتۇنغا كۆزى چۈشۈپ:"ئوتۇن قانچە؟" دەپ سوراپتۇ. ھۈسەيىن " چاغلاپ بېرەلا" دىگەن ھامان. كاۋاپچى "تازا بىر سەھرالىقكەن بۇ " دەپ ئويلاپتۇ-دە، ھۈسەيىننىڭ كېلىشكەن گەۋدىسىگە سەپسەلىپ قاراپتۇ.
    ئەمىر شەب ھۈسەيىن كاۋاپچىنىڭ قىياپىتىنىڭ خەۋىپلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ،سالۋا تۇمىقىنى چۆكىرىپ كىيىپ،ئېشەكنى :"قىغ" دەپ مېڭىشىغا، كاۋاپچى باشقىلارنىڭ سالا-سۇلھىسى بىلەن ئوتۇننى ئۆرىرەك باھادا ئاپتۇ،ھۈسەيىنگە ئوتۇننى بالىخانىغا تىزدۇرۇپتۇ. بۇ ئارىدا ۋاقىت خۇپتەندىن ئوتۇپ قاپتۇ، كوچىدا كىشىلەرمۇ ئاز قاپتۇ. كاۋاپچى:" ھوي ئوتۇنچى، مەيەرگە كېلىپ قوساقنى تويدۇرۋال" دەپ توت زىخ كاۋاپ بىلەن چاي قويىپتۇ. ئەمىر شەب ھۈسەيىن كاۋاپنىڭ پۇرۇقىدىن "ھارام مالنىڭ گۆشىمىكىن؟" دەپ شۇبىھلىنىپ، ئوز نېنىنىلا يەپتۇ ۋە :" پۇل خىجىللىقىم بار ئىدى، چىقىم قىلىۋەتسەم، ھۇنەر دەسمايەم كېمىيىدۇ" دەپ ئۆزرە ئېيتىپ، كېتىشكە ئالدىراپتۇ.
    كاۋاپچى ئەتىراپدا كىشى قالمىغانلىقىنى بايقاپ،گۆش پارچىلىغۇچىغا:" ئاۋال ساندۇقتىكى پۇلدىن ئېلىپ بەرگىن" دەپتۇ. ھۈسەيىن ساندۇقنىڭ يېنىغا پۇلنى سانىۋېلىش ئۇچۇن بارغان ئىكەن ، دەسسەپ تۇرغان ئورنىدىن بىر ئىشىك ئاستى تەرەپكە ئېچىلىپ ، ئۇ يەر ئاستى زىندانغا چۈشىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىكەن.ئۇلار ھۈسەيىنگە:"ۋاي ئېسىتەي،كېلىشكەنلا يىگىت ئىكەنسەن...." دىيىشىپ ئىچ ئاغرىتىپتۇ. ھۈسەيىن ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ، ئىشىنىڭ ئۇجۇر بۇجۇرلىرىنى بىلىۋاپتۇ. ھۈسەيىن بۇ يەردىكىلەرنىڭ دىققەتچىلىكىنى تۈگۈتۈش ئۇچۇن ،لايدا شاھمات ياساپ،ئۇلارغا ئۆگىتىپ، ئوينىشىپ مەلىكە بولىشىپتۇ.
    بىر كۈنى كاۋاپچىنىڭ جاللىتى پىچىغىنى چىشلەپ كىرىپ،ئۇنى-بۇنى مىجىقلاپ كۆرىپتۇ.ھۈسەيىننى گوداڭ بېشىغا سۆرەپتۇ.جاللات ئۇنى باغلاپ،پىچاق سۈركىگىلى تۇرغاندا،ھۈسەيىن:"ۋاي ئېسىت ھۈنەر-بىلىملىرىم،گوش قىلساڭلار، بىر ئاخشاملىق كاۋاپ بىلەنلا تۈگەيمەن، مۇشۇ ئادەملەر بىلەن ھۈنەر قىلسام،نەچچە يۇز تىللاغا يارايتتى، بۇنىڭدىن جىق پايدا ئالاتتىڭىز" دەپتۇ. جاللات:" ھۈنىرىڭ نىمە؟ تېز ئېيت" دەپتىكەن ھۈسەيىن :"زىلچا توقۇيمەن" دەپتۇ. جاللات پىچىقىنى قايتۇرۇپ، ھۈسەيىننى جايىغا سولاپ قويىپتۇ ۋە كاۋاپچىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق زىلچا توقۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ بېرىپتۇ. 3 كېچە كۈندۈز دىگەندە، ھۈسەيىن ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرۇدىغان بىر پارچە زىلچا توقۇپتۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يولۋاس، يولۋاسنىڭ بېشىدا خەنجەر چىشلەپ تۇرغان بىر مۈشۈكنىڭ يولۋاسقا چاڭگال سېلىۋاتقان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن،سۈرەتلەرنىڭ قوساق تەرىپىگە ئەبجەد رەقەملىرىنى گۈل شەكلىدە بېرىپ،ئۆزىنىڭ كاۋاپچىنىڭ زىندانىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ.
    كاۋاپچى زىلچىنى كۆرۈپ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كېتىپتۇ:"دەرھال پەردازلا،ئىككىنجىسىنى توقۇشقا كىرىش" دەپتۇ. ئىچىدە " بازارغا سالىمەنۇ، دىگىنىمگە ساتىمەن،لېكىن مىڭ تىللاغىمۇ بەرمەيمەن" دەپ ئويلاپتۇ.
    ئەمدى گەپنى ئوردىدىن ئاڭلايلى. ھۈسەيىن قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن،بۇبى رابىيە ئەھۋالنى شاھقا مەلۇم قىلماقچى بوپتۇ. ئۇ "ھۆرمەتلىك شاھ ئاتا،ھەزرەتلىرىگە مەلۇم، ئەمىر شەبلىرى ھۈسەيىن خىزمەت يۈزىسىدىن ئىككى ئۇلاغ ئوتۇن بىلەن ئوتۇنچى سۈپىتىدە چىقىپ كېتىپ،بەلگىلەنگەن مۇددەتتە قايتىپ كېلەلمىدى، قايسى ئىلىمنى ئوقىغان، ھۈنىرى نىمە ئىدى، ۋاقىپ بولىشلىرىنى سورايمەن، پەرمانلىرىنى كۈتىمەن" دەپ ئىككىلىك خەت يېزىپ، ھامىلدارلىق بويى بىلەن شاھ ھوزىرىغا كىرىپ،تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ،خەتنى سۇنىپتۇ. شاھ خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ،بۇبى رابىيەنى خاس خانىسىگە باشلاپ كىرىپتۇ. ئوردا ئەمىرلىرى:"بىر قانچە كۈندىن بېرى ئەمىر شەب ئوردىدا سالامغا ئىشتىراك قىلالمىدى.بۈگۈن ئەتە كۆزى يورۇشنى كۈتۈپ تۇرغان بۇبى رابىيە خېنىكەمنىڭ خاس كېلىشىدە ئىھتىمال سەۋەب بار" دىيىشىپ پەرمان كۈتۈپ تۇرۇشىپتۇ.
    شاھ خاس خانىسىدە ئوغلى ھۈسەيىننىڭ نىكاھلىنىش ئالدىدا ئۆگەنگەن ئىلىم-ھۈنەرلىرىدىن بۇبى رابىيەنى خەۋەرلەندۈرۈپ، تېزدىن ئىزدەش چارىسىنى ئويلىشىپتۇ. ئەتىسى شاھ مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ: "بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئوردىغا ھەر خىل نۇسخىدىكى زىلچىلار سېتىپ ئېلىنىدۇ.بارلىق زىلچا توقۇپ ساتقۇچىلار ياكى ئائىلىسىدە زىلچىسى بارلار ئوردىغا ئەكىلىپ كۆرسەتسۇن،زىلچا سېتىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرگۈچىلەرگە زىياپەت بېرىلىدۇ. زىلچا يارىسا دىگەن باھاسىغا ئېلىنىدۇ. يارىماي قالغاندىمۇ، شاھنىڭ ئەمىر-پەرمانىنى ئىجرا قىلغانلىقى يۇزىسىدىن كېلىش كېتىش ھەققى بېرىلىدۇ. يارىغان زىلچىلارنىڭ پۇلى نەق بېرىلىدۇ. ئوردىنىڭ تەستىقسىز بازاردا زىلچا ساتقۇچىلار شاھنىڭ ئەمىر-پەرمانىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قارىلىپ،جازاغا مۇستەھىق قىلىنىدۇ.".
    بۇ پەرمان ھەممە يەرگە يەتكۈزۈلۈپتۇ. زىلچا كۆرىش ئۈچۈن ئايرىم ئۆي راسلىنىپتۇ. خەزىنىچى،مېھمان كۈتكىچىلەر تەييار بولىشىپتۇ. شاھنىڭ ئالدىدا بولسا ۋەزىر ئەزەملەر، ئەمىر لەشكەرلەر، ئالاقىلدار قاراۋۇللار سەپراس بولۇپ تۇرۇشىپتۇ. شاھنىڭ ئەمىر-پەرمانىدىن ۋاقىپ بولغان خالايىق ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ،زىلچىلىرىنى قولتۇقىغا قىسىشىپ،ئوردىغا قاراپ ئېقىشقا باشلاپتۇ.
    پەرماننى ئاڭلىغان كاۋاپچى دۇكاننى شاگىرتىغا تاشلاپ،ئۆيىگە كىرىپ جابدۇنۇپ،ھېلىقى زىلچىنى قولتۇقىغا قىسىپ،ئوردىغا يول ئاپتۇ.زىلچا تاللاش خانىسىگە كىرىپ زىلچىنى يايغان ئىكەن، ئوردا كىشىلىرى زىلچىنىڭ گۈزەللىكىگە ھەيران قېلىشىپتۇ. بۇبى رابىيە زىلچىنى كۆرىپلا ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ."مانا مۇشۇنداق رەڭدىكى، مۇشۇنداق نۇسخىدىكى گىلەم قانچە پۇل بولسا شۇنچىلىك ئالىمىز " دەپ كاۋاپچىنى زىياپەتكە باشلاپ قويۇپ، زىلچىنى ئېلىپ شاھنىڭ ھوزىرىغا كىرىپتۇ. قالغانلار كاۋاپچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرۇپتۇ،كاۋاپچى مەغرۇرلۇق بىلەن:"بۇنداق زىلچىنى مېنىڭ خوتۇنىم توقۇيدۇ،باھاسىغا كېلىشەلىسەكلا قانچە دىسە توقۇپ بېرىمىز" دەپتۇ.شاھ كاۋاپچىنىڭ ئۆيىگە تېزدىن مەخپى ھالدا كىشى ئەۋەتىپ قارىغۇدەك بولسا، خوتۇنى بويىدىن ئاجىراپ ياتقان، زىلچا تۈگۈل ئىشتانباغ توقۇغۇچىلىك تەلەتى يوق ئىكەن.
    شۇنداق قىلىپ، باھالىشا-باھالىشا، كاۋاپچىنىڭ دىگىنىگە يەتكۇدەك بولغان ئارلىقتا شاھنىڭ پەرمانى بىلەن كاۋاپچىنىڭ دۇكىنى قورشاۋغا ئېلىنىپ ۋە زىندان ئىشىكى پاچاقلىنىپ، ئەمىر شەب ھۈسەيىن باشلىق بەند زىندانلار ئازاد قىلىنىپتۇ. كاۋاپچىنى ھەددىدىن ئاشقان جىنايىتى ئۈچۈن شەھەر ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلىپ يۈرگەندە، شائىرلارنىڭ پارىش زەباندىكىلىرى:" ھۇنەردار ھۇنەرسەت، بى ھۇنەر خارەست" دىيىشسە، تۇركى زەباندىكلىرى :" تىكەنكى باش چىقارسا مەملىكەت گۈلزارىدىن، سىياسەت تىغى بىلەن باشنى ئۈزمەك كېرەك" دىيىشكەن ئىكەن.
    شاھ دار ياسىتىپ، كاۋاپچىنىڭ پۇلغا تويماس نەپسىگە ھېلىقى زىلچا باھاسىغا كېلىشكەن تىللانى ئېرىتىپ ئاغزىدىن قۇيۇپ،دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.
    ئەمىر شەب ھۈسەيىن پاجىئەدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز مەرتىۋىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، شاھى ئەھرام:" ھازىردىن باشلاپ ھەر بىر باشقا مىڭ خىل ئىلىم-ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ. ھاياتلىقىدىن-ماماتلىققىچە ھەر قانداق ئەر-ئايال ئىلىم-ھۈنەر ئۆگىنىپ ئۆزىنى قەدىرلىسۇن. كىمكى ئىلىم-ھۇنەر ئەھلى بولۇشقا ئادەتلەنمەيدىكەن، سېلىقنىڭ كۆپ قىسمى شۇلاردىن ئېلىنسۇن، چۈنكى مۇنداق كىشىلەر ئۆز ئۆزىنى خار قىلغۇچىلاردۇر" دىگەن پەرماننى چۈشىرىپتۇ.

    8. مەھمۇدنىڭ تەۋەللۇتى
    شاھى ئەھرام ئوغلى ھۈسەيىن بىلەن دېھقاننى ئەشرەپ موللا سەيپىدىن ئاكىنىڭ قىزى بۇبى رابىيەنىڭ سەمىمى مۇھەببىتىدىن ۋىسال چەشمىسىدىن سۇ ئىچىپتۇ. شاھ ئوردىسىغا بۇبى رابىيەنىڭ كېلىن بولۇپ كېلىشى،سەلتەنەتتىكى ئادالەتنىڭ روناق تېپىشىغا،يۇرتنىڭ مەمۇر،ئەلنىڭ بەختىيار بولىشىغا سەۋەب بوپتۇ.
    بۇبى رابىيە ھامىلدار بولۇپ،ئارزۇ ئاسمىنىدا پەرزەنت سۇبھىسى ئاقىرىشقا باشلاپتۇ.ئەمىر شەپ ھۈسەيىن ئايالىنىڭ يەڭگىش ئىپادىسى بىلىنگەچكە،شاھ ئاتىسىغا ھۆزرە بايان قىلغان ئىكەن، بۇبى رابىيە ئاتىسى موللا سەيپىدىن ئاكا ئالدىغا ئاسراپ ئەۋەتىپتۇ.توققۇز ئاي،توققۇز كۈن،توققۇز سائىتى توشقاندىن كېيىن،بۇبى رابىيە ئاتىسى سەيپىدىن ئاكىنىڭ سۆسەر ئاغزى ئازىخ كەنتىدىكى باغۇ ئەرەملىك ھويلىسىدا پەيشەنبە كۇنى قۇببەيلى سەھەردە ئاپتاپ سۈرەتلىك بىر پەرزەنت تۇغۇپ،تىنچ-ئامان،ساق-سالامەت ككزى يورۇپتۇ.
    موللا سەيپىدىن ئاكا توغۇت ئانىلىرىدىن:"بۆرىمۇ تۈلكىمۇ؟" دەپ سورىغان ئىكەن.ئۇلار :"بۆرە" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.ئوغۇلنىڭ ھەمرىيىنى ياچاق بىلەن كۆمگەندىن كېيىن،موللا سەيپىدىن ئاكا سۆيىنىپ "قۇددىسى شاھ ئەھرام بىلەن كۈيوغلى ئەمىر شەب ھۈسەيىنگە خوش خەۋەر قىلىمەن" دەپ، بېغىدىكى يېڭىلا پىشقان ئۆرۈكتىن بىر سېۋەت قاچىلاپ يولغا راۋان بوپتۇ.
    شاھ ئەھرام شاھزادىلىرى بىلەن ئوپال ئارت "قىرىق بۇلاق" ئەتىراپىغا شىكارغا بارغان ئىكەن، تاغدىكى ھاڭ ئۈستىدىن ئىرغىغان ئاتنىڭ تۇۋىقى تېيىلىپ كېتىپ،شاھ ئېتى بىلەن ھاڭغا چۈشىپ كەتكەن.لېكىن،ئات قازا تېپىپ،شاھ ئۆزى سالامەت قالغان مەھەلىدە موللا سەيپىدىن ئاكا يېتىپ كېلىپ،ھۈسەيىن باشلىق ئەمىرلەر بىلەن قۇچاغلىشىپ كۆرىشىپتۇ. قۇۋانچىلىق خەۋەرنى شاھقا ۋە كۈيئوغۇلغا يەتكۈزۈپتۇ.
    شاھ ئۆزىنىڭ زور پالاكەت ۋە دىشۋارچىلىقتىن سالامەت قالغانلىقى، يېڭى نەرۋىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى شەرىپىگە شىكارغا مىنىپ چىققان 40 يىگىتنىڭ ئاتلىرىنى نەزىر قىلىپ،شۇكرانىسىغا دۇئا-تەكبىر ئۆتكۆزۈپتۇ. سەيپىدىن ئاكىغا ئاجىخ بېرىپ تارتۇقلاپتۇ ۋە:"بۈگۈندىن ئېتىبارەن شەنىڭىز خوجا سەيپىدىن بۇزرۇك بولغاي،بۇبى رابىيە قىزىمىزنىڭ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگىنىگە مۇبارەك بولغاي" دەپتۇ.ھەممەيلەن خوجا سەيپىدىن بۇزرۇك بىلەن ئەمىر شەب ھۈسەيىننى تەبىرىكلىشىپتۇ. شاھ يەنە پەرمان چۈشىرىپ،ئەمىر شەب ھۈسەيىنگە ئەمىر سۇلتان مەرتىۋىسىنى بېرىپتۇ.

    9. ئات تويى

    شاھ ئەھرام پۇتكۇل ئەلدىكى ئاتاقلىق مۇنەججىم،موللا-ئۆلىما ۋە يۇرت كاتتىلىرىنى يىغىپ،نەۋرىسىگە ئىسىم قويۇش تويى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ،ئاكبىرلارغا خەۋەر بېرىپتۇ. ھەممە يىغىلىپ "ئات تويى" نى كاتتا زىياپەت-تەنتەنە بىلەن "قىزىل مەسچىت ئاتام" دىكى ئوردىدا ئۆتكۈزۈپتۇ. زىياپەت ئاخىرىدىكى دۇئايى خەيرىدىن كېيىن،شاھنىڭ يېڭى نەۋرىسى تۈرۈك خاقانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە ئاق كىگىزگە ياتقۇزۇلۇپتۇ.ئۇنى بىر توققۇز سىپاھ كۆتۈرۈپ،ئوردا مېھمانخانىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەكىرىپ،يەردە قويماي كۆتۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ.
    سورۇن ئەھلى ۋە خوجا سەيپىدىن بۇزۇرۇك قاتارلىق مېھمانلارنىڭ ھەممىسى:" قۇتلۇق بولسۇن شاھىمىزغا " دەپ مۇبارەكبادلىق قىلىپتۇ. ئاندىن ۋەزىر ئەزەم بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ،پىشانە ۋە تاپانلىرىغا سۆيۈپ:" شاھزادە يەتتە ئىقلىمغا شاھ بولغاي" دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ شاھى ئەھرام مىيىقىدا كۈلۈپتۇ. ئىككىنجىسى بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ :" كاتتا باھادىر ۋە ئەقىللىق بولىشى-قۇلاقنىڭ چوڭلىقى،پىشانىسنىڭ كەڭلىكىدىن بىلىنىپ تۇرۇدۇ. ئەلۋەتتە،بۇ خاسىيەت شاھزادىغا خاستۇر" دەپتۇ. شاھقا بۇ سۆزمۇ بىر نەۋى تۇيۇلغاندەك، قىياپەت-بەشىرسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.ئۈچۈنجى،تۆتىنجى،بەشىنجى،ئالتىنجىلىرىمۇ شاھقا ياخشى كۆرىنىش ۋە خوشامەتتىن يېقىشلىق سۆزلەرنى سېخىلىق بىلەن تۆكۈشكە باشلاپتۇ. يەتىنجى نۆۋەتتە شاھنىڭ قۇدىسى موللا سەيپىدىن ئاكا نەۋرىسىنى قولىغا ئېلىپ:" تەڭرىم بىزگە بىر يېڭى مېھماننى ئاتا قىپتۇ.- دەپتۇ ئاندىن:
    تەڭرىدىن ئەلچى كېلىپتۇر سانى يوق،
    ئەلچىنىڭ مىنگەن ئېتىنىڭ جانى يوق.
    ئەلچىگە جۇپ قوي بېرىپتۇ تەڭرىمىز،
    پوستى بارۇ،گۆشتى بار،ئۇستىخانى يوق."
    دىگەن نەزمىنى ئوقىغاندىن كېيىن. " مەن تەڭرىگە مىڭ مەرتىۋە شۇكۇرلەر بەجا كەلتۈرمەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بەخشەندە قىلىدىغان ھەرقانداق بايلىقى ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگۈتۈشتىن ئەۋزەل ئەمەستۇر. نەۋرىمىز تەڭرىم نىسىپ قىلسا، تەربىيىمىز بىلەن ئالىم بولغىسىدۇر." دىگەن ئىكەن. پۈتكۈل مېھمانخانىدىكىلەر "بارىكاللا" توۋلىشىپ كېتىپتۇ. ئارقىدىنلا "ئاللاھۇ ئەكبەر!...." دىگەن تەكبىر ساداسى ئاسمانغا كۆتۈرلۈپتۇ.
    شاھنىڭ خوشاللىق يېشى كۆز چانىقىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ئېقىپ،نورۇز بۇلاق سۈيىدەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ. شاھ يۈگۈرۈپ كېلىپ موللا سەيپىدىننى قۇچاغلاپ، يېڭى نەۋرىسى بىلەن بىللە كۆتۈرۈپ،چۆگىلىتىپ، ئاندىن يەرگە دەسسىتىپتۇ.
    شاھى ئەھرام نەۋرىسىنى قولىغا ئېلىپ باش-كۆزلىرىگە سۆيىپتۇ. كېيىن خالايىققا قاراپ:
    "ئىلىم ئىلەدۇر نىزامى ئالەم،
    ئەدەپ ئىلەدۇر كامالى ئادەم."
    دىگەن نەزمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن.- مەن يەتتە ئىقلىمغا شاھلىقتىن ئەۋلادىمنىڭ ئالىم بولغىنىنى چوڭ دەرىجە دەپ بىلىمەن. ئالىملىق ئىككىلا دۇنيا نىجاتلىقى ۋە شاھلىقىدۇر. مېنىڭ دىلىمدىكى ئارزۇيىمنى ۋەلى (ئالدىن بىلگۇچى- كارامەت قىلغۇچى) گە ئوخشاش قۇدۇمىز موللا سەيپىدىن تاپتى. مەن بەكمۇ رىزا بولدۇم. شۇڭا، بۈگۈندىن باشلاپ، بۇ كىشىنىڭ نامى پۈتكۈل ئەل "سەيپىدىن ۋەلىيۇللا" دەپ ئاتىغاي.- دەپ پەرمان قىپتۇ. ھەممە بەيەكبار تەزىم بىلەن :" خوپ!" دەپ رىزالىق بىلدۇرۇشىپتۇ.
    ئۇنىڭدىن كېيىن، شاھى ئەھرام مۇنەججىملەرگە قاراپ:" بىزنىڭ شان-شەۋكىتىمىزگە بۇ ئوغۇلنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىغى يەنە شەرەپ قوشتى. قەنى،مۇنەججىم-ئولىمالىرىمىز ئىسىم بەلگىلەيلى" دەپتۇ. ھەر كىم ئۆز مۇتائىئەلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپتۇ. ئولىمالاردىن بىرى:" شاھ جانابلىرى بۈگۈن ئىلىمۇ ئەرپانپەرۋەرلىكلىرىنى ئايان قىلىپ، ئارزۇلىرىنى شاھلىقتىن يوقىرى تۇتۇپ، بىزگە ساداقەت يولىنى كۆرسەتتىلە،ئىلىم ئەھلىلىرى تولىمۇ مەمنۇن بولدۇق،شۇڭا سىلىدەك شاھىمىزنىڭ دەۋرى بىلەن ماختىنىمىز. ھەممىمىز مۇشۇ ماختىنىش ۋە مەمنۇنىيەتلەرىمىزگە شۈكرىلەر بەجا كەلتۈرۈپ،ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىمىز. بىزنىڭ مۇشۇ نىيەت-مۇددىئامىزنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، قۇتلۇق قەدەملىك پەرزەنتىمىزگە باش ھەرىپتىن ئىبارەت بولغان "مەھمۇد"(ماختىغۇچى) دىگەن ئىسىم قويۇشنى ئىلتىجا قىلىمىز. بۇ ئىسىم ئۇلۇغ ئەلچىنىڭ 5-ئىسىمى ۋە ھەر بىر ھەرىپىگە خاسىيەتلىك مەنىلەر يوشۇرۇنغاندۇر. بىرىنجى ھەرىپ "م" مېھرى-شەپقەت، مۇرۇۋۋەت، ماھارەت،مەمنۇنىيەت دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇدۇ."ھ" ھەمدۇسانا ئېيتقۇچى، ھاياتبەخىش، ھايالىق،ھازىر، ھۆر،ھېلىم دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇدۇ. "م" مۇددىئا، مۇراد-مەخسەد، مۇنىس، مېھرىبان،مەرد،مەغرۇر، مۇرادىغا ئېرىشكەن دىگەن مەنىنى بىلدۇرۇدۇ."ئۇ" ۋاپادار، ۋايىغا يەتكۈچى،نەسەبنىڭ ۋارىسى،ئىلىمنىڭ ۋارىسى دىگەن مەنىلەر بىلدۇرۇدۇ. "د" دادىل، دىيانەتكار،دىلكۇشاھ،ئىلىم-بىلىم ھۈنەر-ماھارەت بىلەن ماختانغۇچى، شۆھرەت قازانغۇچى، داھى راخ ، يول باشلىغۇچى دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇدۇ. - دەپ ئىزاھ بېرىپتۇ.
    شاھ ئەھرام خالايىق موتىۋەرلىرى ئالدىدا.
    -- ئۇنداق بولسا ، كۆز نۇرىمىز بولغان نەۋرىمىزنىڭ ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن بولسۇن.- دەپ دۇئاغا قول كۆتىرىپتۇ. ھەممەيلەن "قۇتلۇق .. قۇتلۇق..." دەپ مۇبارەكلىشىپتۇ.
    ئاخىرىدا، شاھى ئەكرام :"ئوغلىمىز ھۈسەيىن بۇ مۇبارەك پەرزەنت ھۆرمىتىدىن بۈگۈندىن باشلاپ سۇلتان ھۈسەيىن دەپ ئاتالسۇن، خالايىق ئىچىدە ئىلىم ۋە ھۇنەر شۇنداق روناق تاپسۇنكى، ئىلىم ھۇنەر بىلىمىگەن بىرەر كىشى سەلتەنەتىمىز تەۋەسىدە كۆرۇنمىگەي. ھەر قانداق كىشى ئىلىم-ئەخلاق ئىگىسى بولۇپ، پەرزەتتىنى ئارتتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانى بىباھالىقىنى كۆرسەتكەي،كىمكى ئىلىم-ھۇنەر ئەھلى بولىشقا ئادەتلەنمەيدىكەن، ئۇنداقلار ئۆزىنى ئۆزى خار قىلغۇچىلاردۇر. ئىلىمۇ ئىرپانغا قىيا باققۇچىلارنى ھاشارغا ھەيدەپ،ئۇلارنىڭ سېلىقىنى ئېغىرلاتقاي" دەپ پەرمانى ئالىي قىپتۇ.

    10.مەھمۇدنىڭ بوۋاقلىق دەۋرى

    شاھزادە مەھمۇد تەلپۈنگەندە،شاھى ئەھرام قۇۋانىپ بىر توقسان قوي ئۆلتۈرۈپ،ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە "ھەقىق تويى" قىپتۇ. پىشۇرۇلغان گۆشنىڭ سوڭەكلىرىگە تىغ تەگكۈزمەي بېغىشلىرىدىن ئاجىرتىپ،مېھمانلارغا ئۆز لايىغىدا تارتۇقلاپتۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن،ئۇستىخاننىڭ ھەممىسىنى يىغىپ"كېپەنلەپ"، بالىنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن ئۇچۇن "قىزىلچاي ئاتام" دىكى زەرەتكارلىققا "دەپنە" قىلىپ،پاتىھە بېرىپتۇ.

    مەھمۇدنىڭ دەسلەپكى قىرىق چېچىنى ئالدۇرغاندا،ئېلىنغان چاچنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن باراۋەر ئالتۇننى ساتىراش ئۇستامغا بېرىپتۇ،سورۇن ئەھلىگە ئالتۇن ئاياقتا دىنار ھەدىيە قىپتۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلىگەندە قارا باسمىسۇن ئۇچۇن،بۆشۈك ئاستىغا (ئوۋۇدا ئاستىغا) كۆمۈش خەنجەر، ئوقيا ۋە تۇز سېلىپ بۆلەپتۇ. تىلى چىقىشقا تەمشەلگەندە،خوراز ئالدىغا ۋە قارلىغاچقا تەلپۇندۇرۇپتۇ.باتۇرلۇق نىشانى بولسۇن ئۇچۇن، ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە نىياز قىلىپ،سىكىلەك قويدۇرۇپتۇ.
    بىر كۇنى بۇبى رابىيە ئاپتاپ ئۆتۇش بىلەن خەستىلىگەنلىكتىن، شاھ مەھمۇدنى ئەمدۇرۇش ئۇچۇن ئىنىكانا ئىزدەپتۇ.لېكىن، بۇبى رابىيە:
    -- بالىنىڭ ئانىسى ئۇنى تۇققان مەنلا ئەمەس،بەلكى ئوغلۇمنى ئېمىتكەن خوتۇنمۇ ئانىلىققا مۇناسىپ.كائىناتقا قۇياشنىڭ تەسىرى قانداق بولسا، ئەۋلادىغا ئانىنىڭ تەسىرى ھەم شۇنداقتۇر.قۇش بالىلىرى، تايچاق، بوتىلاق،قوزا-مەچەرەكلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئاتىسىنى ئەمەس ، ئانىسىنى تونۇيدۇ. ئانا تەرىپىدىن ساغلام،ئىلمى،ئەخلاقى تەربىيە كۆرمىگەن بالا دۇنيانىڭ ھەممە ئىلىمىنى ئۇقسا، دىۋانىلارنى تولدۇرغاندەك مەلۇماتنى مىڭىگە جايلاشتۇرسا،ئۇ ھەتتا پەيلاسۇپ بولسىمۇ،ئەمما ھەقىقى ھايات ئادىمى،ئىلىم،ئەخلاق،دىن ئادىمى بولالمايدۇ.بىر مىمار(تامچى) ئۇستام تامنىڭ ئۇل خىشىنى مايماق قويسا،ئۇنىڭ تېمى ئاسمانغا تاقاشسىمۇ مايماق چىقىدۇ. ئوغلۇم مەھمۇد خاندانلىقىمىزنىڭ نەشەئىسى، ھاياتىمىزنىڭ مىۋىسى، تاناسىل ۋە تەكسىر مەۋزىئىدە ئۆمرىمىزنىڭ غۇنچىسىدۇر. شۇڭا، ئۆزۈم قارىشىم ۋە ئەمدۇرۇشىم كېرەك،- دەپ ، ئوردىدىن تاپقان ئىنىكئانىنى رەت قىپتۇ.

    بۇبى رابىيە ئوغلى مەھمۇد تەلپۈنگەندە ئاۋايلاپ،تەمتەم ماڭغاندا ئارقىسىدا يۈرۈپ،يىقىلسا يۆلىمەي،ئوزى تۇرۇشنى،جۇرئەتنى ئۆگىتىپ. مېيىپ،مەجرۇھ، مەلغۇن قىلماي،تەتە ئېتىپ ئايىغىنى تېز چىقىرىپتۇ. بالىنىڭ ئالىغاي بولۇپ قالماسلىغى ئۇچۇن،بىر نەچچە مەرتىۋە چېچىنى ياندۇرۇپتۇ. ھاپ قوۋۇز بولۇپ قالماسلىغى ئۇچۇن،ئوڭ-سولدىن ئەمدۈرۈپتۇ،ساغلام ئۆستۈرۈپتۇ.
    بالىلىق چېغىدىن ئىنساپلىق يېتىلگەن مەھمۇد ئانىسىنىڭ ھەرقاچان ئوڭ بېغىرىنى (بەغىرداق،لىپتىك دىگەنلىك. ئۇنى ئۇيغۇرلار بەك بۇرۇن ئىشلەتكەن) ئېمىپ، سول قىسمىنى سىڭلىسى ئۇچۇن قالدۇرغان دىگەن رىۋايەت بار.

    نىزاقەتنى ئادەت قىلغان بۇبى رابىيە دائىم بېغىرىنى پاكىز يۇيۇپ تاھارەت ۋە پاكلىق بىلەن ئېمىتكەن.ئوغلى ئالدىدا يالغان سۆزلەش،بو-بو قىلىش، بىر نەرسىنى يوشۇرۇپ قويۇش،شىتىلىق قىلىش،ياتاق كىيىملىرى بىلەن كۆرىنىشتىن ساقلانغان،مەھمۇدقا ئېچىغان،بۇزۇلغان سۈتلەرنى ئەمدۈرمىگەن.
    ئەمچەكتە بالىلىرى بولغان ئاياللارغا يېقىنلىشىش، خاتۇنلارنىڭ سۈتىنى بۇزۇدۇ. بۇ سۇت بالىلارنىڭ مىجەزىنى بۇزۇدۇ.

    بۇبى رابىيە ساماۋى كىتاپ "قۇرئان كەرىم" نىڭ ئەمىرى بويىچە،بالىنىڭ ئانىدىكى سۈت ھەققى ئىككى يىل ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ كېيىنكى پەرزەنتىگە ھامىلدارلىقى بىلىنگەچ،ئوغلىنىڭ چوڭ سىپاھلىققا قاتناشقىنىدا ئات چېپىشقا يارىماس بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن،شاھزادە ھۈسەيىننىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئوغلىنى سۈتتىن توختاتقان.
    مەھمۇدنىڭ تىلى چىققاندىن كېيىن بۇبى رابىيە ھەر كۈنى ئۇنى ئەتتىگەندە تۇرغۇزۇپ:
    1.يالغان گەپ رىزقىنى يەيدۇ.
    2.شاراپ ئىماننى يەيدۇ.
    3.غەم ئۆمۈرنى يەيدۇ.
    4.سەدىقە بالانى يەيدۇ.
    5.توۋۋا گۇناھنى يەيدۇ. دىگەن سۆزلەرنى تەكرار ئېيتىشنى ئادەتلەندۈرۈپ،مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆگۈتۈپ بولغان...
    11. مەھمۇدنىڭ مەكتەپكە كىرىشى

    مەھمۇد تۆت ياش،تۆت ئاي،تۆت كۈنلۈك بولغاندا "كونا قورغان" دىگەن جايدىكى ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان كاتتا جامە قېشىدىكى مەكتەپكە تەنتەنە بىلەن ئېلىپ بېرىلىپتۇ.
    مەكتەپكە مەھمۇدنى ئېلىپ بېرىشتا،بوۋىلىرى شاھى ئەھرام بىلەن سەيپىدىن ۋەلىيۇللا ئوڭ ۋە سول قوللىرىنى يېتەكلەپتۇ،ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان خالايىقلارغا خونچىدە كۆتۈرگەن كۈمۈش دىنارنى ھەر دوقمۇشتا ئوغلىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ چېچىپ بېرىپ،ساخاۋىتىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇلار دەرسخانىغا كىرىپ،ئۇستازلارغا سالام قىلىپ،ھال-ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن،پەرزەنتى مەھمۇدنى خەلپىتىمگە تاپشۇرۇپ:" پەرزەنتىمىز ئۈچۈن ئاتىلاردا بولىدىغان ئىككىنچى ھەققى،يەنى ئىلىم تەلىم بېرىشنى بۈگۈن سىلىگە تاپشۇرۇپ ئادا قىلىشقا كەلدۇق.ئۇمۇدىمىز زايە بولمىغاي" دەپتۇ.
    ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارغا بىر ئېتەكتىن ياڭاق،بىر توققۇزدىن تۇخۇم،توققۇز پۇلدىن يارماق تارقىتىپتۇ. ئۇستازىنى بىر ئات،دەستا(سەللە)،ئېرقىدىن تىكىلگەن تون،كىمسەندىن تىكىلگەن مەسە-كالاچ بىلەن تارتۇقلاپتۇ. ئۇلار بىر ئاز ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇستازغا ساۋاقداشلارنى "سالاۋات"قويۇپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىپ قايتىشىپتۇ.

    داۋامى بار...