• ئوكتاۋىئو پاز

    خەتكۈچ:

    ئوكتاۋىئو پاز

    (مېكسىكا)

    يىللار دەرۋازىسنى ئېچىپ كىلىدۇ!



    يىللار دەرۋازىسنى ئېچىپ كىلىدۇ
    مۇساپىرلار خانىسىدا
    تىل تاۋۇشلىرىنى ئاچقاندەك!

    ئىسىمدا
    باردۇر،
    ئاخشامقى ۋەدەڭ
    "ئەتە"لەرنى ئالدىمغا سىزغان
    تەبىئيلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن
    چۆللەر ئارا جەڭنامە تىزغان،
    بىز،
    ئىجادىيەت ئۈچۈن
    قەغەزلەرنى يىرتىپ تاشلايمىز،
    ئەتەئۈچۈن
    بۇ ئالەمنىڭ سىرىنى ئاشكارىلايمىز!


    كېچىكىپلا  كۆزۈمنى ئاچتىم
    لەھزىلەر ئاراسىدا
    زامان قايتىپ كەلمەيدۇ
    يىللار قايتىپ كىلىدۇ
    ھېچنىمە يوق تارازىسىدا،
    ۋاقىت.
    ئۆتكەن كۈنلەرگە قارىغۇم يوق
    لەھزىلەر  بىزسىزمۇ كېتىپ قالىدۇ
    ئۆتمۈش ئالدايدۇ
    ۋاقىت
    ئاتقان ئوق،ئاتقان ئوق،

    دالادىكى بوش ئورۇنغا ئۆيلەر سېلىندى
    ئۆي ئۈستىدە چوققا- چوققا قارلىق كۆرۈندى
    قار ئۇستى جىمجىت ماكان
    دۇنيا سىرى شۇيەردىن باشلانغان !


    يېنىمدا ئۇخلاپ ياتاتتىڭ
    قارچۇقۇمدىكى جىمجىتلىقتەك
    گۈللەر ئارىسىدىكى قىزىلگۈلدەك
    ۋاقىت ،
    ئىجاد قىلىدۇ
    ئۆيلەرنى
    كوچىلارنى
    دەرەخلەرنى
    ئۇخلاۋاتقان ئاياللارنى
    بىز قاراپ قالىمىز كۈندۈزدەك!

    سەن كۆزۈڭنى ئاچساڭ ئۇيقۇدىن
    روھىمىزسىلكىنىسە يەنە باشقىدىن!

    ۋاقىتتىكى ئىجادىيەت
    پۈتۈلسە تاشقا
    كۈيلىسەم ھاياتنى
    بىر ھەقىقەتنى،
    ئارزۇ يوق دۇنيادا شۇنىڭدىن باشقا!

    يېنىمدا ئۇخلاپ ياتاتتىڭ
    كېچە چۈشى بىلەن
    كۈندۈزئىجادىيتىنى قوبۇل قىلمىغانتىڭ!
    بۇزۇق ئىش بىلەن

    بەلكىم سەن
    مىنىڭ ئىجادىيەتلىرىمدە
    كۈن ئاخىرىدا بولۇپ قالغانسەن!


    ۋاقىتقا مۇتلەق ئىشىنىمىز
    ئۇ،
    ھەممە ئىشنى ھەل قىلىدۇ
    كۈندۈزنىڭمۇ دەرۋازىسى بار
    بەلكىم بىز
    ...........

    .............

    شۇ ۋاقىتتا بىز
    نامسىزلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز !