-
قۇرىغان دەريا - [شىئرلار]
ئاھۇ تاشلاپ كەتتى تاغلارنى،
قاخشاپ يۈرەر بۇلبۇلسىز باغلار.
كۆڭۈللەرنى سەگىتسە شامال،
كىلەر ئەسكە سۆيۈلگەن چاغلار.
رەنجىشكىمۇ بارمايدۇ كۆڭۈل،
كەچمىشلەردە نە قىلسۇن گۇناھ ؟
قۇشلار يۈرەر ئورماندا ئەركىن،
ھەسرەت نىمە تونىماس ئۇلار ؟
يوللار ياتار يولدا يالىڭاچ،
ئۆزىنى سېلىپ كۈز ئاپتىپىغا.
مەن كۆڭلۈمنى قويدۇم قىستۇرۇپ،
بىر تۈپ دەرەخنىڭ نەم كاۋىكىغا.
ئاندىن قايتتىم مېڭىپ پىيادە،
بوسۇغىدىكى ئاينىڭ ينېىغا.
ھىلىلا يازغان بىر تال مىسرانى ،
سېلىپ قويدۇم ئىسسىق قولىغا.
تامغا يۆلىنىپ تۇردۇم قانچىلىك،
بەلكىم ئۆتتىمىكىن بىرەر ئاش پىشىم.
ئىللىغان تېنىمنى كەتتىم ياندۇرۇپ،
لىكىن ساقلىمايتى مېنى ھىچكىشىم.
كىتاپ...كومپىيۇتىر...ياكى تېلىفۇننىڭ،
يېنىغا بېرىشنى خالىماي قالدىم.
قۇرىغان دەرياغا چۈشكەندە كۆزۈم،
تۇيۇقسىز قەلبىمنى ئېسىمگە ئالدىم.
قىزاردى ئۇپۇقنىڭ كۆزلىرى يەنە،
بۇ تەنھا تۇرقۇمغا كېلىپ ھەسىتى.
قايتتىم يېنىغا كونا تەقدىرنىڭ،
بوپتۇلا شۇ بولسا قىسمەتنىڭ قەستى.
2010.10.20