-
سېنىڭ يەكشەنبەڭ - [نەسىرلەر]
سېنىڭ يەكشەنبەڭ
ئاسمىنىڭنى سۈرتۈپ، بۇلۇتلىرىڭنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ ئولتۇرۇپ سېنى ساقلىدىم. سېنىڭ يەكشەنبەڭ كېلىدۇ، ئونسەككىز ياشلىق قىزدەك چېكىپ دەسسەپ، ھەم كېتىدۇ يەنە، ئېرىدىن يامانلىغان خوتۇندەك، بوقچىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، كۆزلىرىنى ياشلاپ. لىكىن سەن كەلمەيسەن پەقەت سەنلا...
كۈتىمەن سېنى، ھەم سېنىڭ كېلىۋاتقان يەكشەنبەڭنى...سەن ئۆمۈچۈك خانىشتەك ئولتۇرۇپ تور توقۇيسەن، يەكشەنبەڭنىڭ تورىنى، لىكىن ئۇ ماڭا تۇتاشمايدۇ. سېنىڭ يەكشەنبەڭ كېلىدۇ... مەن ئۇنىڭ پايانىدا ئولتۇرۇپ سېنى ساقلايمەن...سېنى! سەن تورلىرىڭنى بويلاپ يۈرۈپ خەجلەپ تۈگىتىسەن يەكشەنبەڭنى، لىكىن ماڭا نىسىپ بولمايدۇ ئۇنىڭ سېرىق سىنتىسى. يەكشەنبە يەنە كېتىدۇ، ئانىسىدىن ھىيىتلىق ئالالمىغان بالىدەك قىيداپ... بۇتناپ...لىكىن يەنە كېلىدۇ.
سېنى ساقلاپ، ئىگىز ھەم سۈزۈك ئاسمىنىڭدا بۇلۇتلىرىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن، ساڭا قارىغاندەك...
سېنىڭ يەكشەنبەڭ، ھامان كېلىپ توختايدۇ پەقەت مەندە...مەندىلا
مەلىكەم، سەن ھامان بارلىق يەكشەنبىلىرڭنى مەن ئۈچۈن خەجلەيسەن.
قالىمىز بارلىق يەكشەنبىلەردە ئىككىمىزلا…