• مېنى يوقىتىپ قويدىڭىز

    خەتكۈچ:

     

    كوچىڭىزغا كىرمەيمەن ئەمدى،

    خازانلارغا بەرگۈم يوق ئازار.

    خازان ئەمەس يۈرەكتۇر بەلكىم ،

    زاېر-زار يىغلاپ ئۇ يەردە ياتقان.

     

    تەسەللى دەپ تەرمەيمەن چىچەك،

    مەيلى چۈشسە تۆكىلەر يەرگە.

    دەرتلىرىمنى بىرىمەن سۆزلەپ ،

    چۈشۈمدىكى ناتونۇش ئەرگە.

     

    يېىڭىزغا كەلمەيمەن قايتا،

    سىملار چىگىچ ئۇلانماس تىلىفۇن.

    ئىزلىرىمىز ئۆچتى شامالدا،

    <<ھېلىقى دەرەخ >>قىسقاندا بويۇن.

     

    ئاسمىنىڭىز مۇڭلىنار ئايسىز،

    كۆلىڭىزدە قاغجرايدۇ سۇ.

    كۈيلىرىڭىز ياڭرايدۇ تەنھا،

    ھايات دىگەن بەلكىم مۇشۇ شۇ.

     

    گۈللەر ئەمدى ئۈزەر ئۆزىنى،

    چۈشلەر ئەمدى كۆرەر ئۆزىنى،

    مەن يوقاتتىم ئازاپلىرىمنى ،

    سىز يوقىتىپ قويدىڭىز مېنى.

     

     

    分享到: