-
قىزىمغا
ھاياتىم! سەن مەن توغرا قىلغان بارلىق ئىشلار ئىچىدىكى ئەڭ توغرىسىسەن، نۇرغۇن تاللاشلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ توغرا بولغان بىر قېتىملىق تاللىشىمسەن، مەن بارلىققا كەلتۈرگەن بارچە بارلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ نادىرىسەن!
ئېرىشكەنلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ پەخىرلىك نەتىجەمسەن.سەن ھاياتلىق بېغېمدىكى قىش- ياز ئىچىلىپ تۇرىدىغان ئەتىرگۈلۈم، دائىم لىققىدە مېۋىگە تولۇپ تۇرىدىغان ئالما دەرىخىم سەن.
ئەزىزىم، سەن بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمەن، ئۆزلۈكسىز چاقلىنىپ ئىتتىكلەۋاتقان زېھنىڭ، ئادىمىلىك قىممىتىڭىنى سائەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭغۇسى.
ئالىم بولۇشۇڭنى... دوكتۇر بولۇشۇڭنى ...ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن‹‹ئادەم›› بولۇشنىڭ تەقەززاسى ئالىم بولۇش تەقەززاسىدىن ئارتۇق مۇھىم.مەلىكە بولۇشۇڭنى تىلىمەيمەن، لېكىن ئۆز ئەجرىڭ بىلەن مەلىكىلەرنىڭ پاراغىتىنى يارىتىپ ياشىغىنكى، ئاددىلىق ئىچىدىكى ھېكمەتلەرنى ئۇنتۇپ قالما.
پەرىشتەم! مەيلى سەن مەلىكە بول ،خانىش بول ، لېكىن ئايال بولۇشنى چوقۇم بىلگىن . ئايال بولۇش ئايالچە كىيىم، ياكى ئايالچە سالاپەت بىلەنلا ئوتتۇرىغا چىقىش ئەمەس.
سېنى بارلىققا كەلتۈرگىنى، سېنى ھازىرقى ئۆزۈڭنى بىلگۈدەك ھالەتكە ئەكەلگىنى، چىت كۆينەك كىيىپ... ھويلا سۈپۈرۈپ... كۈپ توشقۇزۇپ... ئېتىزلىقتا ئەرلەر بىلەن بىللە ئىشلەپ ئۇزۇن چاچلىرىدەك ئۇزۇن ياشىغان موماڭنىڭ روھى.خۇددى ئۈجمە دەرىخىدەك مىننەتسىز ...تاماسىز ياشاپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئاناڭنىڭ روھى!
ئايال بولۇش جاپالىق...مۇشەققەتلىك شۇنداقلا چەكسىز بەختىيارلىقتۇر.
ئايال بولۇش گۇناھ ئەمەس... قۇل بولۇشمۇ ئەمەس... شۇنداقلا يۇقىرى- تۆۋەنلىك داۋاسى قىلىپ جىدەل تېرىش ئەمەس.
مەلىكەم، ئايال بولۇش ئانا بولۇش دىمەكتۇر. سەن پەقەت ئۆز بالىلىرىڭنىلا ئانىسى ئەمەس، دۇنيانىڭ ئانىسى بولۇشنى بىلگىن. مېھرىڭ قۇياشتەك بارچە دىللارنى ئىللىتسۇنكى ، قەدىمىڭ يەتكەنلىكى جاي شاتلىققا تولسۇن! سەنسىز قالغاندا ئۇلار يوقلىقىڭدىن پەريات چەكسۇن، ھەرگىزمۇ بار ياكى يوقلىقى بىلىنمەيدىغان ئادەم بولۇپ قالمىغىن.
مېھرىڭ بىلەن قەھرىڭ ھەر زامان سەندىن ئايرىلمىسۇن، ئېسىل ، گۈزەل نەرسىلەر ھېچقاچان كۈشەندىسىز بولغان ئەمەس.شۇڭا ۋۇجۇدۇڭدىكى قىممەتلىك بايلىقلىرىڭنى، پاكلىق ھەم پاكىزلىقنى ھەر زامان ھەر قانداق جايدا ئاسراشنى ھەم قوغداشنى بىلگىن.
قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشنى ئازراقمۇ قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا پاكىز ھەم گۈزەل بىر كۆل سۇغا ،نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەنگە ئوخشاش بۇلغىنىدۇ. يىرگىنىچلىك، پاسكىنا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
بۇلغانغان ۋۇجۇد ، بۇلغانغان روھتا ئادەم مەھلىيا بولغۇدەك ھېچنىمە قالمايدۇ.
ئېتىقاد روھنىڭ تۈۋرىكى، ئېتىقادسىز ۋۇجۇد پۈچەك بولىدۇ. شۇڭا ھەر زامانكى ئۆز ئېتىقادىڭدىن ئايرىلىپ قالما، ئۇنى بېيىتقىن، قۇۋۋەتلەندۈرگىن.
ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرسىدا گاڭگىراپ قالما. ئېتىقاد مەدەنىيەت بىلەن زىت نەرسە ئەمەس. سەن ئۆز ئېتىقادىڭدىن يىراقلاشمىغان ھالدا ھازىرقى زامان مەدەنىيەتلىرى بىلەن قۇراللان. مەدىنىيەت ئۆزلۈكىدىن، ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىش ئەمەس، سەن ئەقىللىق، زىرەكسەن، نېمىنى قوبۇل قىلىش ۋە نېمىدىن ھەزەر قىلىشنى ئەلۋەتتە بىلىسەن.
تاشقى قىياپەتمۇ بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ، شۇڭا چاكىنا ۋە ناچار ئىللەتلەر سەندىن نېرى بولسۇن! چۈنكى قوغدايدىغان بارچە بايلىقلىرىڭ ئىچىدە تاشقى قىياپىتىڭمۇ، ئۆزۈڭگە ۋە بىزگە باغلانغان ئوبرازىڭمۇ بار.سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا تەۋە ئەمەس، سەن ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ئاندىن بىزنىڭ پەرزەنتىمىزسەن.
جېنىم قىزىم ، بارچە دىمەكچى بولغانلىرىم بۇ ئاددى يازمامدا قارارىنى تاپمايدۇ. بۇ پەقەت بىر قىسمى، سەن قىز بولۇپ يارالغىنىڭدىن پەخىرلەن ۋە ئۇنىڭ مۈشكۈللىكىنى ھېس قىلىپ ياشىغىن. ھاياتنىڭ ھەر مىنۇت ھەر سېكىنۇتىنى توغرا ئىشلارغا ئىشلەتكىن.ھاياتنى سۆي! ئۆزۈڭنى سۆي!
ئۆز قەۋمىڭنى ۋە ئەۋلاتلىرىڭنى سۆيۈپ ياشىغىن مەلىكەم!..
评论