• مېنىڭ ئورمىنىم

    خەتكۈچ:

       مەن بىر تۈپ دەرەخ ئەمەس، بىر تال شاخ باراقلاپ ئۆسكەن، بىخ سۈرىۋاتقان بىر تال شاخ تۇمۇچۇق كېلىپ قونىدىغان.

       مەن بۇلاق ئەمەس، كۆلمۇ ئەمەس، ھەتتا  كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان كىچىك ئېرىقمۇ بولالماسلىقىم مۈمكىن. مەن پەقەت بىر پىيالە سۇ.كىملەردۇر شىكەر سېلىپ ئىچىدۇ تاتلىقكەن دەپ، كىملەردۇر ئۆزلىرى زەھەر سېلىشىپ ئاندىن قاخشايدۇ مېنى ئۆلتۈردۈڭ دەپ ،كىملەردۇر ئۆز پېتى ئىچەر ھەم شاتلىنار ئۇسسۇزلىقى قېنىپ،يەنە كىملەردۇر...

        مەن گۈلزار ئەمەس،پەقەت بىر تاللا گۈل نېھايەت.مەن سۈپ-سۈزۈك ئاسمان ئەمەس،  پەقەت ئۇندىكى بىر پارچە بۇلۇت ئىزدەپ ئۈزگەن دوستلىرىمنىڭ جەننىتىنى.

    دوستلىرىم، سىلەر- مېنىڭ ئورمىنىم ، مەن ئاشۇ ئورماندىكى بىر تۈپ كۆچەت.

    سىلەر ھەم مېنى گۈل قىلغان گۈلزارىڭلاردا، سىلەر بولغاچقىلا مەن  ھاياتىمدا سۈپ-سۈزۈك بىر پىيالە سۇ بولالايمەن،  چۈنكى  مەن سىلەرنىڭ تامچىلىشڭلاردىن تولغان پىيالە. سىلەر بولغاچقا مەن ھايات ئاسمىنىنى ئەركىن كېزەلەيمەن...

    دوستلىرىم، سىلەر مېنى ئەزىز بىلگەچكىلا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەزىزلىگىمنى ھىس قىلالايمەن.

       سىلەر مېنىڭ ھەممە نەرسەم...سىلەرسىز دۇنيا ۋە ئۇنىڭ كارى ماڭا بەرىىبىر، دۇنيانى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن سىلەرسىز ھەرگىز!

    2010يىلى 11ئاينىڭ9-كۈنى

     

    分享到:

    评论

  • [avatar:30]مەنىسى چۇڭقۇر يازمىلارئىكەن، يازمىڭىزدىن سۈيۈندۈم.
  • [avatar:30]ئايقۇتنىڭ ئورمىنى ئەجەپ چوڭقۇركەن!