• كۈندىلىك پىسخۇلىگىيە - [تەرمىلەر]

    خەتكۈچ:

    كۈندىلىك پىسخولۇگىيە

     

    ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى(يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن ئېلىندى)

    ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، مەن تور ئارىلىۋېتىپ «كۈندىلىك پىسخولۇگىيە»每日心理学 تېمىسىدىكى بۇ ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. كىشىلىك ھايات يولى ئەگرى-توقاي، ھايات مۇرەككەپلىك ۋە سىرلارغا تولغان. ئادەم بەزىدە ئازراقلا ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدۇ. تۈۋەندىكى بۇ «كۈندىلىك پىسخولۇگىيە» دە ئوتتۇىغا قويۇلغان ھېكمەت تۈسىدىكى نەسىھەتلەر بەلكىم ھاياتلىقتا ئۆزىمىزنىڭ توغرا يول تاللىشىمىزغا ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن دېگەن ئويدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

    -1-

     

    كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان چاغدا ھەرقانداق قارارنى چىقارماڭ، كەيپىيات ناچار چاغدا قانچە ئاز سۆزلىسىڭىز شۇنچە ياخشى.

    ئوخشاش بىر مەسىلىنى تەكرار ئويلىنىۋەرمەڭ، بارلىق ھېسىياتىڭىزنى پەقەتلا بىر ئادەمگىلا ئاتىماڭ، سىزنىڭ يەنە ئاتا-ئانىڭىز، باشقا دوستلىرىڭىز بار ئەمەسمۇ؟

    بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويۇشتىن قورقىماڭ، خاتا قىلىپ قويغان تەقدىردىمۇ كۆڭلىڭىزنى غەش قىلىپ يۈرمەڭ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۆزى نۇرغۇن خاتالىقلارغا تولغان، شۇنداق بولغان ئىكەن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن خاتا بولغانلىرىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىسىز.

    ناچار كەيپىياتنىڭ بولىشى نورمال ئىش، لېكىن سىز بۇنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر تەرىپى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىز، كەيپىياتىڭىزنى ئىمكان قەدەر تۇراقلاشتۇرۇشنى بىلىشىڭىز كېرەك.

    بەزىلەر تۇيۇقسىز سىز بىلەن ئالاقىلاشماي قالغان بولسا بۇ ئىنتايىن نورمال ئىش، ئۇ كىشى يەنە تۇيۇقسىز ئالاقىلىشىپ قالسا بۇمۇ نورمال ئىش، بۇ ھېچنىمىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.

    بىلمىسىڭىز بىلمەيمەن دەڭ، مۇبادا بىلسىڭىز ھېچنىمە دىمەي كۈلۈپلا قويۇڭ.

    بارلىق بىئاراملىقلارنى ئۆزىمىز تاپىمىز، شۇڭا ھەممىنى پەقەت ئۆزىمىزلا ھەل قىلالايمىز، دوستلىرىڭىزنى ئىزدەپ ھال ئېيىتىپ يۈرىمەڭ، ئۇلارنى توپ ئويناشقا ئىزدەڭ.

    دېگەن گېپىڭىزگە ئەمەل قىلىڭ، ئۇ ئىنتايىن ئەخمىقانە سۆز بولغان تەقدىردىمۇ، ھەرقانداق ئەخمىقانە سۆزمۇ ئىشەنچىسىزلىكىتىن ياخشىراق.

    مەيلى قانداق كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەسلى قانۇنىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىماڭ، ۋاقتىدا تاماق يەڭ، ۋاقتىدا ئۇخلاڭ.

    بىرەر ئىشنى قىلىشقا بېرىشتىن قورقىماڭ، كۆرگەن مەنزىرىڭىزنىڭ سىزنى ئازاپلاپ قويۇشتىن قورقىماڭ، خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن قورقىماڭ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشتىن قورقىماڭ، كېلىچەككە يۈزلىنىشتىن قورقىماڭ.

    مەيلى خاتا ياكى توغرا بولسۇن، سىزدە بىر ئۆلچەم بولسۇن، ھەر ۋاقىت بۇ ئۆلچەمگە رۇئايە قىلىڭ، ھەمدە رىئال تۇرمۇش ئەملىيىتىگە ئاساسەن ئۈزلىكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىڭ. ھېمىشە ئەزمىلىك قىلىدىغان كىشىلەرنى باشقىلار ياقتۇرمايدۇ، ھېمىشە خاتالىشىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ ئوبرازى ھەرگىز خاتالىقنى تۈزەتكەن كىشىلەرنىڭكىدىن ياخشى بولمايدۇ.

    ئۇ سىزگە «بىز بىر مەزگىل ئۆزىمىزنى بېسىۋالساق قانداق» دىگەندە سىزمۇ تەمكىنلىك بىلەن بولىدۇ دەپ ئاندىن تېلېفۇننى قويۇۋېتىڭ، ھەرگىز يېلىنىپ يالۋۇرماڭ، ئۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان ئەمەس. 

    كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دەۋەتمەڭ، بۇلار پەقەتلا ئۆزىڭىزگە تەۋە بايلىقتۇر.

    سىز قانچىلىك ئىشەنچىلىك ھېس قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بىر گۇرۇھ ئىچىدىكى يەنە بىر ئادەم بىلەن شۇ گۇرۇھ ئىچىدىكى ئادەم ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماڭ.

    ئۇنىڭغا نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى بىلەلمىگەن ۋاقتىڭىزدا، ھېچنىمە دىمەڭ، سۈكۈت قىلىش چەكسىز مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

    ھېچقانداق نەتىجىگە ئىنتىلمەڭ، ھەممە ئادەمنىڭ نەتىنجىسى ئوخشاش، ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز.

    مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆكۈنمەڭ، ئۆكۈنۈش(پۇشايمان قىلىش)كەيپىياتى ھەرقانداق خاتا قىلغان ئىشتىنمۇ قورقۇنىچلىق، ئۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى بەربات قىلىدۇ، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى ساقلاشنىڭ سىزنى تېخىمۇ خاتا بىر ئىشنى قىلىشقا ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور بولىدۇ.

     

    -2-

    ھەرقانداق ئادەمنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ.

    سىزنىڭ ئۇنچىۋىلا كۆپ تاماششىبىنىڭىز يوق بولغانكەن، ئانچىۋېلا چارچاپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

    ئادەم ۋە ئىشلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىڭ، خالىغانچە ئاچچىقلىنىپ يۈرمەڭ، ھېچكىم سىزگە قەرزىدار ئەمەس.

    دەماللىققا ئىنتايىن ئازاپلانغاندەك قىلغىنىڭىز بىلەن، بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنداق قىلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

    سىزگە يامان نىيەتتىكى كىشلەردىن مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزۈڭ، ئادەم مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىلا ئاندىن يېقىن دوست بولغىلى بولىدۇ.

    سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەملەرگە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، چۈنكى ئۇلار بەك بىچارە كېلىدۇ، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق قىينىلىدىغان يېرى بولىدۇ، ھەممىيلەنگە ئاسان ئەمەس.

    ۋاز كېچىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، ئىچىگە قانچە سېلىۋالغانسېرى يەنىلا ئازاپلىنىدىغىنى باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئۆزىڭىز.

    سالماق بۇلۇڭ، بىرىنى ئېلىپ بېرىنى تاللاشتا جەزمەن ئېرىشىشمۇ ياكى يوقۇتۇشمۇ بولىدۇ.

    ئۆزىڭىزگە ھەرقانداق باھانە سەۋەب تېپىشقا ئۇرۇنماڭ، خاتالىق ئالدىدا ھېچكىمنىڭ بۇ باھانە سەۋەپلەرنى ئاڭلىغۇسى كەلمەيدۇ.

    ئېھتىيات بىلەن سۆزلەش، مۇستەقىل تۇرۇش، مۇرەسسە قىلىشنى ئۈگنىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسى پىرىنسىپىڭىزدا چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

    بەدەل تۆلىگەنلىك بىلەنلا نەتىجە بولىشى مۇمكىن ئەمەس، چىڭ تۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قېلىش مۇمكىن.

     

    ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتمىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما داۋاملىق ئۇنى كۆتىرېۋىلىپ يۈرمەسلىك لازىم.

    ئەركىن ئازادە ياشاڭ، ھەر قانداق ئىشتا بىر ياخشى، بىر يامان ھېساۋات بولىدۇ.

    ئاددى، پۇختا، ئەمىلىيەتچىل ئادەم بۇلۇڭ، خام خىيالغا غەرق بولماڭ، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز باش ئاغرىقى تېپىۋالماڭ.

    يالغان گەپ قىلماڭ، ھامان بىر كۈنى يالغانچىلىق قىلغانلىقىڭىز پاش بولۇپ قالىدۇ.

    بەزىلەر پەقەت ئۆزىنىڭ يۈزەكى تەرىپىنى كۆرسىتىشى مۈمكىن، بەلكىم ئۇنىڭ كىشلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئازاپلىرى بولۇشى مۇمكىن.

    ئىمكان بار ئۆزڭىزنى كۈچەيتىپ تۇرۇڭ، نېمە ئۈگىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۈگىنىشنى توختىتىپ قويماڭ. تىل، ئاشپەزلىك، ھەر خىل ھۈنەرلەرنىڭ ھېچقايسىسى زىيان قىلمايدۇ.

    ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيلىنىشىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، سىز بالىنىڭ دەل تۇنجى ئۇستازى.

     

    ئاتا-ئانىڭىزغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىڭ، ئېغىزىڭىزدا دەپلا قويماڭ، نەچچە قېتىملىق تېلېفۇننى ئارتۇق ئۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    ئاتا-ئانىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ھاياتلىق بەردى، شۇنداقلا ئۇلار سىزنى ئەڭ غەرەزسىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەردىندۇر.

    بەزىدە بىراز ئەمىلىي ۋە ياسالمىراق بۇلۇڭ، چۈنكى بۇنداق قىلمىڭىسز كۈن ئالمىقىڭىز بەك تەس.

    ئاچچىقلانماڭ، ئاچچىقىڭىز كەلگەندە بەزىدە دەرھال جىم بولۇۋىلىڭ، چۈنكى بىردەملىك ئاچچىقلىنىش پۇشايمان قىلىپ ئورنغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

    مەيلى قانداق چاغدا، قانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر ئوبدان مۇلاھىزە قىلىڭ. (ئويلىنىڭ)

    ئۆزىڭىزگە خائىنلىق قىلغان دوستىڭىزغا مەڭگۈ ئىككىنچى قېتىم خائىنلىق قىلىش پۇرسىتى بەرمەڭ.

     

     

    مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەركىمنىڭ ئۆز ئۆلچىمى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىشەنچ تېخىمۇ شۇنداق.

    باشقىلارنىڭ سەمىمىي پىكىرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى بىلىش كېرەك.

    باشقىلارنىڭ گېپىنى كاللاڭغا خاتىرلىۋال، ئۆزەڭنىڭ گېپىنى قەلبىڭدە ساقلا.

    ئىمكان بار دوستلىرىڭنىڭ ئىشلىرىنى كەمرەك سۆزلە.

    بۇتقا ئىشىنىشتە ئىشىنىش سەۋەب ۋە نەتىجە، ھەقىقى سەۋەب نەتىجە ئالدىدا ئادەمنىڭ كۈچىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق.

    تۇرمۇشنىڭ سىزگە سوۋغا قىلغانلىرى مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن خاتىرجەم قوبۇل قىلىۋېرىڭ.

    ئۆزگىرىپ تۇرۇشنىڭ چىن مەنىسىنى ھەقىقى چۈشىنىۋېلىڭ، سىز ئازاپلانغان چاغدا بۇ ئازاپنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى ئويلاڭ.

     

    خۇشال، ئۇچۇق-يورۇق، قەتئىي جاسارەتلىك، ئىللىق بۇلۇڭ، مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقى سەمىمىي بولالايسىز.

    مەنىسىزلىك، زېرىكىشلىك ھېس قىلغان چېغىڭىزدا كىتاب ئوقۇڭ، لېكىن چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش نىشانى ۋە پىلانى بولۇشى كېرەك.

    خارەكتېردىكى ئاجىزلىققا نىسبەتەن ئېنىق تونۇش بولۇشى كېرەك، ئەمما چىن سەمىمىي مۇھەببەتكە ئىشىنىڭ، مۇھەببەتكە نىسبەتەن مەڭڭۈ ساپ (غەرەزسىز) ئىنتىلىشىڭىز بولسۇن.

    ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەملەرگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالماڭ، پەقەت  ئۆزىڭىزلا ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچەلمەيسىز.

    كىتاپنى كۆپ ئوقۇڭ، ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇڭ.

    ئازراق يەڭ، ياخشى يەڭ.  

    قەدىمقىلار ئېيتقان، كۈلگۈنچەك قىزلارنىڭ تەلىيىنىڭ بەك ناچار بولىشى ناتايىن.

    كۆپرەك دوست تۇتۇڭ، ياخشى دوست تۇتۇڭ، قىزلار سىرلىرىنى مەخپى ساقلىشى كېرەك.

    ئېسىڭىزدە بولسۇن، ياخشى دوستنىڭ تەدبىرى مۇنداق بولىدۇ: ئەگەر سىز ياخشى كۈن كۆرسىڭىز ئۇ چىن كۆڭلىدىن سىز ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ، ئەگەر كۈنىڭىز ياخشى بولمىسا ئۇ سىز ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئازاپلىنىدۇ.

    خام خىيال قىلىش يامان ئىش ئەمەس، ئەمما ئۇزۇننى كۆزلەش كېرەك.

    بىر ئادەمنى تىرىشىپ سۆيۈڭ، تۆلەنگەن بەدەلنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىلىك بولىشى ناتايىن، بەدەل تۆلىمەسە نەتىجە چىقماي قالمايدىغان ئىش يوق، مۆجىزە يۈز بېرىشىنى ساقلاپ تۇرماڭ.

    ۋەدە بېرىش ئىنتايىن ياخشى ئىش، ئەمما ياخشى نەرسىلەرنىڭ رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلىشى ناتايىن.

     ھەر بىر ئادەمنىڭ روشەن ئۆز تەشەببۇسى ۋە خاسلىقى بولىدۇ، باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماڭ، ئوخشاشلا باشقىلار تەرپىدىن ئۆزگەرتىلىپ كەتمەڭ، ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز ئۇ سىز بولماي قالىسىز.

     

    مۇكەممەل نەرسە بولمايدۇ، مۇكەممەل ئادەممۇ بولمايدۇ، مۇھىمى بۇنىڭدا سىزگە كېرەكلىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك، ئويلىغىنىڭىزغا ئېرىشكەن ئىكەنسىز، يەنە باشقا بىرىدىن مەھرۇم قالىسىز. ھەممە نەرسە بولسا بولاتتى(ھەممىگە ئېرىشسەم بولاتتى) دەپ ئويلىسىڭىز شۇ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسىز(ھەممىدىن قۇرۇق قالىسىز).

    بۇ دۇنيادا ئەڭ نازۇك نەرسە ھاياتلىق، تەننىڭ ساق بولىشى ئىنتايىن مۇھىم.

    خۇدا ھەممىيلەنگە ئىتايىن ئادىل.

    باشقىلارنى تېزگىنلىۋېلىشنى ئويلىماڭ، باشقىلارنىڭ سىزنى چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلماڭ.

    ھازىر ياشىۋاتقان ئىكەنسىز، ئۆتكەن ئىشلارنى  ياكى گۈزەل كېلىچەكنى دەپ ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزنى نابۇت قىلماڭ.

    ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئىشتا ئەسلىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

    سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، مەرد، كەڭ قورساق، سالماق بۇلۇڭ.

    ئۇنتۇشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، ئۇنتۇشنى بىلىش بىر خىل ياخشى ئىش.

    خۇشال-خورام ئۆتۈڭ، پائالىيەتچان بۇلۇڭ، كۆپرەك كۈلۈمسىرەڭ، ئەينەككە كۆپرەك قاراڭ.

    باشقىلار دېگەن گەپكە ئىشىنىڭ، ئەمما راست دەپ قالماڭ.

    ھەممە ئىشقا كۆپرەك قەلب كۆزى بىلەن قاراڭ.

    ئۆزىڭىزنى ئەقىللىق چاغلىماڭ.

    ئۆز قارارىڭىزنى چىقىرىڭ، ئاندىن ئاقىۋىتىگە ئىگە بولۇشقا تەييارلىق قىلىڭ. باشلىنىشىدىنلار ئۆزىڭىزنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ، دۇنيادا پۇشايماننىڭ دورىسى يوق.

    ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمگە سۈكۈتلۈك كۈلۈپلا قويسىڭىزلا بولدى؛ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە قانداق قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى ياخشى كۆرۈشنى توسىمەن دەپمۇ توسۇپ بولغىلى بولمايدۇ، ئاشكارىلىنىپ قالغىنى قالغان.

    قىلمىشقا چۈشلۇق جازاسىنى تارتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ، بۇ دۇنيانىڭ  ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.

    چىدام ۋە قەتئىي چىڭ تۇرۇشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.

    بۇ دۇنيادا ھەقىقى مۇھەببەت يوق… ۋاقىت ھەممىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

    كىرپەدەك بولماڭ، باشقىلار بىلەن ئۆچەكەشمەشمەي ئۆتكىلى بولسا ئۆچەكەشمەي ئۆتۈڭ، كىممۇ بىر ئۆمۈر شۇنداق ئۆتەلەيمەن دىيەلەيدۇ، بەزى ئىشلارنى كۆڭلىدە تۈگىنىچ قىلىپ ساقلىۋېلىشنىڭ زۆرىيىتى يوق.

    بەزىدە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشنى ئۈگىنىپ قويۇڭ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنى ئازاپلاپ يۈرىمەيدىغان بولىسىز.

    ئۆتمۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەندىلا ئاندىن يېڭى باشلىنىش بولىدۇ.

    ۋاقىتقا رۇئايە قىلىشنى كىچىك ئىش دەپ قارىماڭ، ۋاقىتقا رۇئايە قىلىش-دەل باشقىلارغا قىلىنغان ھۆرمەتتۇر.

    ۋاقىت ئارقىلىق ئادەملەرگە باھا بېرىڭ، ۋاقىت ئەڭ چوڭ باھالىغۇچى.

    ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىڭ-ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئۇ ئادەمنى ئاندىن چۈشەنگىلى بولىدۇ.

    دوستلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ قويۇڭ-بۇ ئادەم ئىشلەتكەندا ئۆكىنىشنىڭ ئاز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    دوستلۇق چەمبىرىكىنى كېڭەيتىشتە تەشەببۇسكار بۇلۇڭ، باشقىلار مېنى ئىزدەپ كېلەرمۇ دەپ ساقلاپ تۇرماڭ.

    دوست تۇتۇشتا ئىلاستىكىلىقنى ساقلاڭ، مۇنداقتا دۈشمەنمۇ دوستقا ئايلىنىدۇ.

    سىزنى «ئەدەبلەپ» تۇرىدىغان دوستلارنى تۇتۇڭ- بۇنداق دوست سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىزدىكى ئۇستازىڭىزغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

    ئۆزىنى ئۆزى كۆرسىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپ بولىدۇ—باشقىلار سىزنى كۆرىدۇ، سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزنى بىلىدۇ، سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى بىلىدۇ.

    تۇيۇقسىز يېقىنلىشىپ كەتكەن دوستلىقتىن ئېھتىيات قىلىڭ- بۇ خىل دوستلىققا مۇئامىلە قىلىشتىكى توغرا پوزىتسىيە: ئىترىۋەتمەسلىك، قارشى ئالماسلىق، بارماقنىڭ كەلمىكى بار دىيىشتىن ئىبارەت.

    ئادەمنىڭ ئەدەب-قائىدە ئىچىدە تۇرغىنى ياخشى، بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت-باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.

    «ماددى جەھەتتىكى پايدا»نى «ھېسسىيات جەھەتتىكى پايدا»غا ئالماشتۇرۇڭ-چۈنكى «ماددى جەھەتتىكى پايدا» ۋاقىتلىق بولىدۇ، «ھېسسىيات جەھەتتىكى پايدا» ئۇزاق مەزگىللىك بولىدۇ.

     

    يالغۇز شان-شۆھرەتنىلا ئويلىماڭ، بۇگۈن يالغۇز شان-شۆھرەتتىن بەھرىمەن بولغىنىڭىز بىلەن، ئەتە يەنە خاس ئاچچىق مېۋە يەپ قېلىشڭىز مۇمكىن.

    بىر «كىيىم-كېچەك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاتا-ئانا» تېپىڭ، ئۇ ئادەم سىزنىڭ تىمىسقىلاپ يۈرۈيدىغان ۋاقتىڭىزنى ئازايتىدۇ.

    بىللە تۇرۇشقا بىر رىقابەتچى تېپىڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرسىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.

    سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئۇنى ئىسسىتىڭ، سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ باققان تۇرسىڭىز يەنە نىمىدىن ئەنسىرەپ يۈرۈيسىز.

    باشقىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىق ئەندىزىلىرىدىن پايدىلىنىڭ-باشقىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەندىزىلىرى بىر خىل ماياككا ئايلىنىپ سىزنى ئالغا بېسىش يۆنىلىشىڭىزدە تايانىچقا ئىگە قىلىدۇ.

    ئۆزىڭىزمۇ يوشۇرۇنچە خوجايىن ۋە باشلىق بولۇپ بېقىڭ—مۇشۇنداق بولغاندا ئاستا-ئاستا خوجايىن ۋە باشلىق بولۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيسىز.

    كۆز ئالدىڭىزدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتىن قانائەتلىنىپ قالماڭ-ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: بۇ بىر ئۆمرۈمدە مەن مۇشۇنداق ئۆتىمەنمۇ؟

    تېزدىن ئۆز كەسپىڭىزدىكى مۇتەخەسىسكە ئايلىنىڭ—پەقەت ماھارىتىڭىزنى ئاشۇرسىڭىزلا تۆمۈر لومنىمۇ كىچىك يىڭنىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

    تالانىتىم يېتەرلىك تونۇشقا ئىگە بولالماي قالارمۇ دېگەن تونۇشتا بولماڭ—تالانىتىڭىزنىڭ يېتەرلىك تونۇشقا ئىگە بولالماسلىقنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆزىڭىز كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز.

    يىقىلىپ كەتسڭىز، چوقۇم ئۆمىلەپ بولسىمۇ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ—ئورنىڭىزدىن تۇرالمىسىڭىز باشقىلار سىزنى كۆزگە ئالمايدۇ، ئۆزىڭىزمۇ پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالىسىز.

    مەغلۇپ بولۇشقا سەۋەب ئىزدىمەڭ—ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ، تېزلىكتە مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىنى تېىپ چىقىڭ.

    مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىتنى ئۆزگەرتكەندىن ئۆزىنى ئۆزگەرتكەن ياخشىراق.

    ئىشەنچ بولمىغان جەڭنى قىلماڭ، ھاياتلىق بۇنداق تەكرار ئىسراپ قىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

     

     

    كۈندە ئۆزىڭىزنىڭ قىلغانلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ—چۈنكى سىزنىڭ ھەممىدە تاكامۇللىشىپ كەتكىنىڭىز يوق، سىزنىڭمۇ خاتا سۆزلەپ قويىدىغان، خاتا ئىش قىلىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرىڭىز بار.

    روھى سۇلغۇن بولغان چاغدا، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىلھاملاندۇرۇڭ، ھەرگىز سازاڭ قۇرۇتتەك تۈگىلىۋالماڭ.

    باشقىلارنىڭ ئەقىلغا تايىنىپ ئىش قىلىش—بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ھامان چەكلىك.

    .relpost{clear:both}

    分享到: