-
تىۋىش ئىزدەش - [شىئرلار]
تىۋىش ئىزدەش
ھېچ بىلمىدىم كۈلكەمگە زار بولار كىملەر ،
كىم ئىنتىزار بولاركىن كۆز ياشلىرىمغا؟
كىم يۈرەركىن ئىزلىرىمغا كۆزلەر تىكىپ،
يەنە كىملەر ئوغا تەڭلەر ئاشلىرىمغا ؟
مالامەتلىك كۈنلىرىمدىن كىملەر كۈلەر؟
كىملەر تۆكەر مېنىڭ ئۈچۈن ياشلىرىنى؟
كىملەر توسار يۈرىكىنى قىلىپ قالقان،
ماڭا كەلگەن ئاھانەتنىڭ تاشلىرىنى؟
كىمكەرگە يار بولۇپ ئۆتەر خىياللىرىم،
كىملەر يۈرەر باغلىرىمدا ئۈزۈپ ئانار؟
كىملەر يېزىپ تۈنلىرىمگە تىلىكىنى،
مېنىڭ ئۈچۈن تۈڭلۇكۇمدا تاڭ بوپ ئاتار؟
كىملەر بىدار يازار ھايات قىسمىتىنى،
كىملەر كېتەر مېنى مۇندا دەرتكە تاشلاپ؟
ئۆكۈنمۈدۈم، كەلمىشلەرگە ئاچتىم قۇچاق،
كىملەر قالغان بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشاپ؟
مەيلى كۈلەي ياكى يىغلاي ئۆتەر كۈنلەر،
مەن كېتەرمەن، كېتەر ھەممە قالار دۇنيا.
كىم كىملەرگە بەرسۇن ئازار، قىلسۇن مەدەت،
قىلمىشلارغا سۈكۈت بىلەن كۈلەر دۇنيا.
يۈرەكلەردە ھېسلار باردۇر بەكمۇ چوڭقۇر،
ئىستەك باردۇر، غۇرۇر باردۇر مۇڭلىرىمدا.
ئىشەنچ باردۇر، يۈرۈگۈمنى ئوقۇشقا يار؛
كېلەر ھامان ئاي يورۇتقان تاڭلىرىمدا.
2012يىلى9-ئاينىڭ14-كۈنى