-
ئەزىز نەسىن نەسىرلىرىدىن تاللانمىلار - [ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺧﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭ]
ئەزىز نەسىن نەسىرلىرىئاۋاز
يېرىم كىچىدە ئۆيگە قايىتقىنىڭدا ئىشىكتە ئاچقۇچنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭ،بىلگىنكى-سەن يالغۇزسەن.چىراغ كونۇپكىسىنى باسقىنىڭدا چىت قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىساڭ،بىلگىنكى سەن يەنە يالغۇزسەن.ئۇخلاش ئۈچۈن كارىۋاتقا چىققىنىڭدا يۈرىكىڭنىڭ سوقۇش ئاۋازىدىن بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمىساڭ،بىلگىنكى سەن يالغۇزسەن.بىر سادا سېنى ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە مەجبۇر قىلسا،بىلگىنكى سەن يالغۇزسەن.يالغۇزلۇقنىڭ قەدرىنى بىلمەي قۇتۇلۇشنى ئويلىساڭ،قۇتۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنە يالغۇزسەن .مېنىڭ كىمىم بار ئىدى؟ئۆيۈڭدىن،كىتاپلىرىڭدىن يىراقتىمۇسەن؟ئۇنداقتا ئۆزۈڭگە بىر تېلېفۇن قىلغىن، مەكتۇب يازغىن،جاۋابىنى كۈتمەستىن،بارغان ھەربىر يېرىڭدىن تەبرىك كارتىلىرىنى ئەۋەتكىن.سۆيۈملۈكۈم دەپ باشلىنىپ،سېنى سۆيىمەن دەپ ئاخىرلاشقان مەكتۇبلارنى ياز،سېنىڭ سەندىن باشقا كىمىڭمۇ بار ئىدى،ئىزدەي دېسەڭ.پويىزدىن ياكى ئايروپىلاندىن چۈشكىنىڭدە يالغۇزلىقىڭنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كۈتىۋالغىن.ئۆز-ئۆزۈڭنى قايتىش بولمىغان سەپەرگە ئاتىۋەتكىن.ئۆزۈڭنى كۈتكىن،«قايتىپ كەل» دەپ سەبىر ئىچىدە كۈتكىن،سېنىڭ سەندىن باشقا كىمىڭ بار ئىدى كۈتىدىغان.شاراپ ئۈستىلىدە ئۆزۈڭ ياپ -يالغۇز قالدىڭمۇ؟ سەن ئۆز- ئۆزۈڭگە يېتىپ ئاشىسەن.ئۆزۈڭ بىلەن قانغۇدەك مۇڭداشقىن، قەدەھنى ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتىگە كۆتۈر!ئۆزۈڭ بىلەن يىغلا،كۈل،تارتىشىپ ئوينا،سېنىڭ سەندىن باشقا يەنە كىمىڭ بار ئىدى؟دۈشمىنىڭنىڭ زەربىسىدىن يەرگە يىقىلغىنىڭدا ئۆز بېشىڭنى ئۆزۈڭ سىلكىپ،چاچلىرىڭنى يۇلۇپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەتكىن،ساڭا ئۆزۈڭنى تونۇتىدىغان بىر ئۆزۈڭدىن باشقا ھىچكىم يوق.ئۆلگەندە سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بولمايدۇ،شۇڭا ئۆزۈڭگە ئۆلۈم خەۋىرىڭنى يەتكۈز.سېنىڭ كىمىڭ بار ئىدى،ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزىدىغان.ئۆزۈڭنىڭ مىھمىنى ھەم ساھىبخانىسەن،ۋاقتىڭنىڭ بارىدا ئۆز- ئۆزۈڭنى ئەزىزلە.ئۆزۈڭنى سۆي،ھازىردىن باشلاپ سۆيۈشنى باشلا،سېنى سۆيىدىغان ئۆزۈڭدىن باشقا يەنە كىمىڭ بار ئىدى.مەن شۇنى خالايمەنكى....رەسۇل رىزامەن شۇنى خالايمەنكى،بۇلۇتلار يىغلىسۇن،ئەمما بالىلار يىغلىمىسۇن ،يىتىملىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسۇن.مەن شۇنى خالايمەنكى،ھەربىر گىياھ ئۆز تىلىدا سۆزلىسۇن،ئەمما قوراللارنىڭ ئاۋازى بېسىقسۇن.مەنمەن شۇنى خالايمەنكى، بارلىق ئىشىكلەرئېتىلسۇن زۇلمەتكە قارشى ،ئەمما كۆزلەر ۋە قەلىبلەرنىڭ ئىشىكى ئېتىلمىسۇن.مەن شۇنى خالايمەنكى ئوتلار ئۆچۈرۈلسۇن،ئەمما ئۈمىد ھەرگىز ئۆچمىسۇن.ھەممە ئۆز شېخىدا مىۋە بەرسۇنكى،دىللارغا قاتتىق بىر سۆز تەگمىسۇن.مەن شۇنى خالايمەنكى،شاخلار بەرىكەتتىن ئىگىلسۇنكى،ئىنسان ئوغلى نۇمۇستىن ياكى ئاجىزلىقتىن بېشىنى ئەگمىسۇن.مەن شۇنى خالايمەنكى كۆز يېشى كەبى ئاقسۇن بۇلاقلار پۈتۈن يەر يۈزىدە،ئەمما بۇلاق كەبى ئاقمىسۇن كۆز ياشلار،يەر-جاھاننىڭ ھىچبىر يېرىدە.مەن شۇنى خالايمەنكى سۆيۈنۈش مول بولسۇن، بەخت مول بولسۇن،ئىككى يۇرت ئارىسىدىكى يول بولسۇنئەلكۈيى تورىدىن ئېلىندى.(مەلەك ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان(