-
قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە - [تەرمىلەر]
قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە
داۋ چى تېڭ سۈن
(ياپۇنىيە)
قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە،
ئېيتقىلى بولمايدىغان بىر سىر بار.
بۈگۈنگىچە ياشىيالىشىمنىڭ سەۋەبى دېسەم،
سەندىن باشقا كىممۇ بىلسۇن يار؟
ئەگەر مەن بىر قۇش بولسام،
دەرىزەڭنىڭ ئالدىدا ئۇيان-بۇيان يۈرەتتىم ئۇچۇپ
ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىماستىن قانات قېقىپ،
قەلبىمدىكى مۇھەببەت ناخشىسىنى بىرەتتىم ساڭىلا ئېيتىپ.
ئەگەر مەن بىر موكا بولسام،
نازۇك بارماقلىرىڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە،
تۈگىمەس-پۈتمەس خىياللىرىمنى،
كىرگۈزەتتىم تۇقۇلىۋاتقان رەخت ئىچىگە.
ئەگەر مەن بىر يايلاق بولسام،
دالا سىرتىدا بولاتتىم سەن چۈن يېپىنچا .
پۇتلىرىڭنى سۆيەلىسەملا،
رازى ئېدىم ئايىغىڭ ئاستىدىكى لاي بولۇشقا .
خۇرسىنىشلىرىڭغا بولاتتىم يوتقان ،
غەملىرىڭگە چىلاشقان ياستۇق.
تاڭ ئاتمايلا ئويغانغان ئەرۋاھ،
كۆز ياشلاردىن نەملەنگەن كارىۋات.
كۆڭۈل سۆزلىرىم بەك بەك ...كۆپ،
قايسىسى قەلبىمنى تولۇق ئىپادىلىيەلەر؟
قەلبىم پەقەت يېنىپ تۇرغان بىر گۈلخان،
ساڭا ئەۋەتەي يېقىملىق بىر ناخشا.
مەنبە:«ئوقۇرمەنلەر» ژورنىلى 2005-يىللىق 22-سانىدىن گۈلباھار مەھەممەت تەرجىمىسى