مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 4ئىنكاس
  • 379كۇرىلىشى

ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
8491
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
قىزىققۇچى ئەزا
يازما
66
نادىر تىما
0
مۇنبەرپۇلـــى
425
شۆھـرىتـــــى
425
تۆھپــــــــــە
22
سودا پۇلــــى
425
ياخشـى باھا
88
تەجىربىسى
95%
ھالىتى
توردا:
  • 55 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-14
    ئاخىرقى:
    2012-10-12
    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! تۆۋەندە سىلەرگە قانداق قىلغاندا ئائىلىدە بەختلىك بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمەن. ئوقۇپ بەھرىمەن بولغايسىلەر.

    ئىسلام دىنىدا ئائىلە بىناسى ئۈچ چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاساسلار ئائىلىنى بەختلىك، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان مەنىۋىي ئامىللاردۇر. بۇلار جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز رەھمەتنىڭ نەتىجىلىرىدۇر.

    بۇ ئاساسلار تېپىلمايدىغان ئائىلىلەردە ھوزۇرمۇ، خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ. ھالبۇكى ئائىلە بىناسىنىڭ بۇ ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ئاساسلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىسلامنىڭ ئەمرىدۇر.

    ئىسلامدا ئائىلە بىناسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۈچ چوڭ ئاساس مۇنۇلار:

    1- مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت. يەنى ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئۆتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە قارىتا مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت بولۇش.

    2- ئادالەت. يەنى ئەر - خوتۇنلار بىر - بىرىگە قارىتا ئادىل ۋە ھەققانىيەتچى بولۇش.

    3- ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش. يەنى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ ئەمەلىي شەكىلدە داۋام قىلىشى.

    قۇرئان كەرىمدە بۇ ئاساسلار مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.»[1]

    ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بىر ئىھسانى بولغان ۋە ئەر - خوتۇنلار ئارىسىدا نىكاھ رىشتىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ مېھىر - مۇھەببەت مەۋجۇد بولغان مۇددەتچە ئائىلە ھوزۇرلۇق ۋە بەختلىك بولىدۇ؛ تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا قارشى مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ، داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ھاسىل بولغان بۇ مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت تۇيغۇلىرى ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغا دەرىجىدە نازۇك ۋە ئىنچىكىدۇر. چۈنكى بۇ تۇيغۇلار ئائىلە ئەزالىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ لۇتفى، مەرھەمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر.»[2]

    كىيىم (پەردە) ئىنساننى يۆگەپ، مۇھاپىزەت قىلغاندەك، ئەر - خوتۇنلارمۇ بىر - بىرلىرىنى ماددىي - مەنىۋىي زىيانلاردىن قوغدايدۇ ۋە كەمچىلىكلەردىن ساقلايدۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىمۇ ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە مەرھەمەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا سىلە - رەھىم قىلىشنى (يەنى ئۇرۇق - تۇغقانلىق رىشتىسىنى داۋامللاشتۇرۇشنى) بۇيرۇيدۇ.

    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: "سىلەردىن كىمكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ۋە رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى خالىسا، سىلە - رەھىم قىلسۇن."[3]

    ئىسلامدا ئائىلە ئۇقۇمى ناھايىتى كەڭ ۋە ئومۇمىيدۇر. بۇ جەھەتتە ئاتا - ئانا، بالا - چاقا، چوڭ ئانا، چوڭ دادا، ئەر - ئايال قېرىنداشلار، تاغا ئاكا - تاغا ئاچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھەممىسى ئائىلە ئۇقىمىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. سىلە - رەھىم سۆزى بۇلارنىڭ يىغىنچاقلانغان ئىپادىسىدۇر. بۇلار دەرىجىسىگە كۆرە مىراسخورمۇ بولىدۇ.

    ئائىلە تايىنىدىغا ئىككىنچى ئاساس ئادالەتتۇر.

    ئادالەت – ئەر بىلەن خوتۇننىڭ بىر - بىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدە يەنە بىر ئالاھىدە ھەققى بار.

    ئەگەر ئەر كىشى خوتۇنى ھەققىدە ئادىل بولالمايدىغانلىقىنى قەتئىي بولسا، بۇ ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئۆيلىنىشى جائىز بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىكى كىشىنىڭ ئۆيلىنىشىنىڭ جائىز بولماسلىقى ھەقسىزلىق قىلىشتىن، گۇناھ ئىشلەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇ ئايالىغا سالىدىغان زۇلۇم نەتىجىسىدە چوقۇم جازاغا ئۇچرايدۇ. تەقۋادار كىشى بۇنداق ئاقىۋەتتىن قاچىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھېچقانداق زۇلۇمنى جازاسىز قويمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دىندار كىشى ئادالەتلىك بولۇشقا مەجبۇردۇر. ئادالەت بولسا ئائىلە ھەقلىرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. تەبىئىيكى بۇ ئەھۋال ۋىجدان بىلەن بولىدىغان بىر مەسىلە. شەرىئەت قانۇنى جەھەتتىن مۇنداق بىر ئەھۋال يوقتۇر. لېكىن دىندار بىر كىشى شۇنى قەتئىي بىلىدۇكى: «ئاسماندا ۋە يەردە ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.»[4]

    ئائىلە تايىنىدىغان ئۈچۈنچى ئاساس ئائىلە ئىچىدىكى ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىقتۇر. ئەر - خوتۇنلار نىكاھلىنىش بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.

    ئائىلىدە ئەر - خوتۇنلار ئىنسان تەبىئىتى تەقەززا قىلىدىغان ئاساسلارغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە بىر - بىرىگە ياردەمچى بولۇشقا بۇيرۇلغاندۇر. كۈچلۈك بولغانلار ئاجىز ۋە زەئىپ بولغانلارغا ياردەم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

    ئەر كىشى ئائىلىسىنى تەمىنلەش ئۈچۈن سىرتتا ئىشلەيدۇ؛ ئائىلىسىنى ھەر تۈرلۈك خەتەرلەردىن قوغدايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلىدىغىنىڭلاردۇر» دەيدۇ.[5]

    ئىسلامدا ئەر كىشى ئائىلىنىڭ رەئىسى، ئۇ ئائىلىنىڭ ئىنتىزامىنى ساقلاش ۋە ئائىلىنى بەختلىك قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر. ئايال بولسا ئىچكىرىدە ئۆينىڭ خوجايىنى، ئەرنىڭ ئەڭ سادىق ۋە سەمىمىي ياردەمچىسىدۇر. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى خالىغىنى بويىچە رەتكە سالىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى ئىدارە قىلىدۇ، بالىلىرىنى قوغداپ، تەربىيىلەيدۇ. بۇلار ئايال كىشىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى بەختلىك قىلىدىغان ئىشلاردۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئەر ئائىلىسىدە بىر پادىچىدۇر ۋە قولى ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر. ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدە بىر پادىچىدۇر ۋە قولى ئاستىدىكىلەردىن ۋە بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىدىن مەسئۇلدۇر.»[6]

    ئەسلىدە ئۆينىڭ پۈتكۈل ئىھتىياجىنى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا كۆرە قامداش ئەرنىڭ ۋەزىپىسى. ئەر كىشى نامرات، ئايالى باي بولغان تەقدىردىمۇ، خوتۇننىڭ چىقىمى يەنە ئەرنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب. خوتۇننىڭ مېلى ئۆزىگە ئائىت، ئۇنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ.

    ئىسلام ئايالنىڭ كىشىلىكىنى ھۆرمەتلىك قىلغان ۋە ئۇنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ھەر جەھەتتىن مۇھاپىزەت قىلغان.

    يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام ئەر - خوتۇننى چىن كۆڭلىدىن، مۇھەببەت، مەرھەمەت ۋە ئادالەت بىلەن ياشاشقا بۇيرۇيدۇ؛ كۈچى يېتىشىچە بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ياردەملىشىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

    ئەر - خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرىگە قارىتا ئادىل ۋە ئىشەنچ ئىچىدە بولۇشى ئائىلە تۈزۈمىنىڭ روھى ۋە تۈۋرىكى؛ مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت بولسا كۆڭۈلنىڭ ھوزۇرى ۋە ئائىلە بەختىنىڭ ئاساسىدۇر. ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئىسلامدا ئائىلە بىناسىنىڭ ئاساسى بولغان بۇ ئۈچ ئامىلغا ھۆرمەت قىلىش بىر ۋەزىپە ۋە ئەينى ۋاقتىدا بىر ئىبادەت. بۇلارغا رىئايە قىلىش ئەر - خوتۇنلارنىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە بولغان پاك ئەقىدە ۋە مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرىدۇ. بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىپ چىقىشىغا ئەڭ تەسىرلىك سەۋەب بولىدۇ. ئىجتىمائىي تەرەپتىن بۇنداق بىر ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كۆز نۇرى بولۇپ، ئۈلگىلىك ئائىلىلەردىن بولۇش خۇشاللىقىغا ئېرىشىدۇ.

    بۇنداق ئائىلىدە ئەر توغرا يول كۆرسىتىدىغان، ئىشەنچلىك رەھبەر، ئەڭ ياخشى نەسىھەت قىلىدىغان مۇئەللىم، ئائىلىنى ماددى - مەنىۋى خەتەرلەردىن سەمىمىيەت بىلەن قوغدايدىغان بىر ھامىيدۇر. ئايال بولسا ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆينىڭ ئىشلىرىنى ياخشى ئىدارە قىلىدىغان، تەدبىرلىك، ئۆلچەملىك، ئىسراپتىن قاچىدىغان، ئۆينىڭ پاكىزلىقىنى، ئىنتىزامىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغان، ياخشى ۋە ماقۇل ئىشلاردا ئېرىنىڭ ياردەمچىسى ۋە مەسلىھەتچىسىدۇر. ئېرى خاتا كەتكەندە مېھرى شەپقەت ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇشنى بىلىدىغان، ئېرىگە ئىتائەت قىلىدىغان، نەسىھەتلىرىنى ئاڭلايدىغان، ۋەزىپىلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئادا قىلىدىغان، ئۆي ئىچىدە ھوزۇر ۋە سائادەتنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆيىنى ئېرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن بىر جەننەت ھالىتىگە كەلتۈرىدىغان، سالىھە كىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۇنيا بىر ماتادۇر، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى ماتا (يەنى نېمەت) سالىھە خوتۇندۇر» دېگەن.[7]

    [1] سۈرە رۇم: 21- ئايەت.

    تېما تەستىقلىغۇچى: مۇتتەقې
    تەستىق ۋاقتى: 2012-09-17, 20:31

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    1124
    نادىر تىما
    6
    مۇنبەرپۇلـــى
    3612
    شۆھـرىتـــــى
    10016
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    9965
    ياخشـى باھا
    1240
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 279 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 09-28
    ناھايتى پايدىلىق تىما رەخمەت سىزگە،

    مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8698
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    249
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    125
    شۆھـرىتـــــى
    1315
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    1315
    ياخشـى باھا
    268
    تەجىربىسى
    46%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 238 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-03
    ئاخىرقى:
    2012-10-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 09-18
    ھەقىقەتەن قالتىس تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. ئاللاھىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5341
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1042
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9638
    شۆھـرىتـــــى
    9638
    تۆھپــــــــــە
    2
    سودا پۇلــــى
    9605
    ياخشـى باھا
    1125
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 257 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-17
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 09-18
    ئاللاھ،،رەھمەت قىلسۇن،

    ئەتىگەندە بىر ياخشى تىما كۆرۇپ تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8511
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    220
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    2640
    شۆھـرىتـــــى
    1720
    تۆھپــــــــــە
    59
    سودا پۇلــــى
    1180
    ياخشـى باھا
    314
    تەجىربىسى
    49%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 182 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-17
    ئاخىرقى:
    2012-10-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 09-18
    تىمىڭزغا  كوپ  رەخمەت  ،  ياخشى  تىما  ئىكەن،،،،،،،،،،،،،

    ئوغۇل   بالا   .ئەركەك
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى