ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ھوزۇر ئەپەندىم ، نەچچە كۈن تورغا كىرەلمەي  مەسلىھەتىڭىزدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن ، كەچۈرۈڭ !!!! سەت بوپتۇ 
يۇقۇردا ئاقيولنىڭ دىگىنىدەك قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ ، لىكىن مەنمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكىم بويىچە قورۇش ئۇسۇلىنى دەپ بىرەي ، بىراق ھېچكىمگە دىمەڭ جۇمۇ ؟ 

ئاساسى ماتىريال: چوڭ كىچىكلىگى ئوخشاش بولغان بىر خىلدىكى مۇچتىن 12 تال 
قوشۇمچە : ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى، لاۋگەنما، سامساق ، غولپىياز ، پەمىدۇر قىيامى ، چانالغان مۇچ قېقى ، 
تېتتقۇلار: تۇز، تېتتقۇ، شىكەر، ئاچچىق سۇ ، 
ئىشلەش ئۇسۇلى : مۇچنىڭ ساپىغىنى كىسىپ پۈتۈن پېتى يۇيۇپ تەييارلايمىز
پۇرچاق بوتقىسى ‹ يېرىم قوشۇق › ، چانالغان مۇچ قېقى‹ يېرىم قوشۇق › ، لاۋگەنما ‹ بىر قوشۇق ›  ئۈچىنى قوشۇپ يۇمشاق قىلىپ چانايمىز ، سامساق ، غولپىياز ، ئايرىم - ئايرىم  ئۇشاق چانىلىدۇ ، 
قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندا تەييارلانغان مۇچنى سېلىپ بىر قەۋەت پوستى يېرىلىپ چىققۇچە پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىزدە ئاز ماي قالدۇرۇپ يۇقۇردا بىرلەشتۈرۈپ چانىۋالغان ئۈچ خىل ماتىريالغا ئازىراق پەمىدۇر قىيامى ، چانالغان سامساق ، غولپىيازنى قوشۇپ قورۇيمىزدە پۇرىغى چىققاندا ئازىراق سۈزۈك شورپا قۇيۇپ ، قاينىشىغا كىچىككىنە تۇز، تېتتقۇ ، ئىككى قوشۇق شىكەر سېلىپ ، پىشۇرۇپ سۈزىۋالغان مۇچنى سالىمىزدە ئىككى ئۆرۈپ قازاننىڭ قىزىغان يىرىگە يېرىم چۈمۈچتىن ئازىراق ئاچچىقسۇ ئۇرۇپ ،  ئارلاشتۇرۇپ خۆل كىراخمال بىرىپ قويۇلدۇرۇپ ئالىمىزدە تەخسىگە ئۇسىمىز 
شۇنىڭ بىلەن مىزىلىك پىشقان يولۋاس تىرىسىدەك مۇچ قورۇمىسى تەييار بولىدۇ 
ئاق گۈرۈچ ئىشى بىلەن يەيمىز