مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 9ئىنكاس
  • 1109كۇرىلىشى

كۆكتات شورپىسى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
8815
جىنسى:
قىز
دەرىجىسى
يېڭى  ئەزا
يازما
2
نادىر تىما
0
مۇنبەرپۇلـــى
25
شۆھـرىتـــــى
25
تۆھپــــــــــە
6
سودا پۇلــــى
25
ياخشـى باھا
5
تەجىربىسى
73%
ھالىتى
توردا:
  • 31 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-20
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:
        ئاشپەز  تورىدىن ئۇزۇندىن بېرى تولىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، ئۇستاملارنىڭ ئالدىدا سۆزلەشتىن خىجىل بولۇپ تىزىملاتمىغان ئىدىم. قارىسام بەزىلەر كۆكتات شورپىسى توغرۇلۇق سوراپتۇ. «بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما» دېگەن گەپ بار،  توردىن بىر خىل كۆكتات شورپىسى قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم، تەييارلاش ئۇسۇلى بەك ئاددىيكەن، شۇڭا كۆپچىلىك پايدىلىنىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە يوللاپ باقتىم. ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ ئىچىپ باقساڭلار.  
        بەلكىم بۇ سىز بۇرۇن تەييارلىغان بەزى تاماقلارغا ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ خىل ئۇسۇلدا سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. گەرچە توخۇ گۆشى ئىشلىتىلسىمۇ مىقدارى ئاز بولغانلىقتىن ھەم ئاساسلىق ماتېرىيالى كۆكتات بولغانلىقتىن، بۇ شورپا يەنىلا كۆكتات شورپىسى دەپ ئاتالدى. سۈرەتكە تارتىش قولايلىق بولماي قالدى، كۆپچىلىكنىڭ ئەپۇ قىلىۋىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

        كېرەكلىك ماتېرىياللار: توخۇ گۆشى ئازراق (بىر قانات ياكى پاچاقنىڭ گۆشى بولسا يېتىدۇ)، سامساق يېرىم باش، زەنجىۋىل ئازراق، ئۇششاق غولپىياز ئىككى باش، گۈمبەدەك 200 گرام، ماش ئۇيۇتمىسى 100 گرام،  پىنتۇزا، مايلىق يېسىۋىلەك ئۈچ-تۆت باش، كەسمە چۆپ (گۇامىيەن)، ئاشكۆكى ئازراق (ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان باشقا كۆكتاتلاردىن قوشسىڭىز بولىدۇ)
        تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، قارىمۇچ، زىرە، كاۋاۋىچىن ئۇنى، جىياڭيۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
        تەييارلاش ئۇسۇلى:
        1. توخۇ گۆشىنى ئۇششاق دان-دان توغرىۋالىمىز، ئاندىن توخۇ گۆشىگە ئازراق تۇز، مۇۋاپىق قارىمۇچ، زىرە، كاۋاۋىچىن ئۇنى، جىياڭيۇ سېلىپ، ئېلەشتۈرۈپ بەش مىنۇت تۇرغۇزۇۋالىمىز.
        2. كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ.  سامساق بىلەن زەنجىۋىلنى نېپىزراق پارچە قىلىپ توغرايمىز. گۈبەدەكنى تىتىپ سۈيىنى سىقىۋىتىمىز. پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سەل چوڭراق دان-دان توغرايمىز. مايلىق يېسىۋىلەكنىڭ بىرىنى ئىككى پارچىلا قىلىۋالىمىز.  ئۇششاق غولپىيازنى، ئاشكۆكىنى ئۇششاق چانايمىز. پىنتۇزىنى پاكىز چايقىۋالىمىز.
        3. قازانغا ئازراقلا ماي قۇيۇپ، ياخشى قىزىتىپ، تەملەندۈرۈلگەن توخۇ گۆشىنى سېلىپ تېز قورۇيمىز، ئاندىن سامساق بىلەن زەنجىۋىلنى سالىمىز، خۇشپۇراق چىققاندا قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيىمىز.
        4. قازاندىكى شورپىنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە (ئۇزۇنراق بولسا تېخى ياخشى) قاينىتىپ، ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن گۈمبەدەكنى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى، پىنتۇزىنى، كەسمە چۆپنى سېلىپ، سەل تۇرغۇزۇپ چۆپ پىشاي دېگەندە، مايلىق يېسىۋىلەكنى سالىمىز. ئاندىن ئۇششاق غولپىياز بىلەن ئاشكۆكىنى قازانغا سېلىپلا تۇز-تەمىنى تېتىپ ئۇسۇساق بولىدۇ.

        ئالاھىدىلىكى:
        1. رەڭگى قېنىقراق، تەمى يېقىشلىق. مۇچ سالمىغىنىڭىز بىلىنمەيدىكەن. ئۆيدە مۇچ يىمەيدىغانلار بولسا ئىككى خىل تاماق ئېتىپ يۈرمەيسىز.
        2. كەسمە چۆپ سالىدىغان بولغاچقا سۇيۇقئاشتەك بولۇپ ئىپتارلىق ئۈچۈن تەييارلاشقا ماس كېلىدۇ. ئىپتارغا ئىككى ۋاق تاماق تەييارلايدىغانلارغا ئاددىي ھەم قولايلىق سۇيۇق-سەلەڭ تاماق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
        3. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ماش ئۇيۇتمىسىدا ئاقسىل، باشقا كۆكتاتلاردا تۈرلۈك ۋىتامىنلار مول. توخۇ گۆشى ئىشلەتكەچكە تەمى ساپ كۆكتات شورپىسىدىن ئۆزگىچە.
        سەمىمىي ئەسكەرتىش: كەسمە چۆپ ئالغاندا ئىشەنچىلىكىنى تاللاپ ئېلىپ، پەقەت بولمىسا خېمىرنى ئۆزىڭىز يۇغۇرۇپ ئىنچىكە قىلىپ كەسسىڭىز ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ.
    [ بۇ تېماخەندانبۇ يەردىن2012-08-13 05:39قايتا تەھرىر ]

    تېما تەستىقلىغۇچى: admin
    تەستىق ۋاقتى: 2012-08-13, 12:04

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8827
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    دائىملىق ئەزا
    يازما
    33
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    200
    شۆھـرىتـــــى
    200
    تۆھپــــــــــە
    14
    سودا پۇلــــى
    200
    ياخشـى باھا
    44
    تەجىربىسى
    53%
    ھالىتى
    توردا:
  • 87 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-11
    ئاخىرقى:
    2012-08-25
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 08-13
    كوريەلكلەر كوپ ئىچەمدىكى بۇ كۆكتات شورپىسىنى كىنولىرىدا كوپ دىيىلىدىغۇ...بۇنى قىلىشنىمۇ بىلىۋالدۇق رەھمەت .
    رەسىملىرى بوپ كەتكەن بولسا....

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8511
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    217
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    2625
    شۆھـرىتـــــى
    1705
    تۆھپــــــــــە
    59
    سودا پۇلــــى
    1165
    ياخشـى باھا
    311
    تەجىربىسى
    49%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 182 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-17
    ئاخىرقى:
    2012-10-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 08-13
    تىمىڭزغا  كوپ  رەخمەت  ،،،،،،،،،،،،

    ئوغۇل   بالا   .ئەركەك
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8815
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    يېڭى  ئەزا
    يازما
    2
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    25
    شۆھـرىتـــــى
    25
    تۆھپــــــــــە
    6
    سودا پۇلــــى
    25
    ياخشـى باھا
    5
    تەجىربىسى
    73%
    ھالىتى
    توردا:
  • 31 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-20
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 08-13
    بۇ كورىيەنىڭ كۆكتات شورپىسى ئەمەس، بىر ئامېرىكىلىقنىڭ قىلغىنىدىن ئۆگىنىۋالدىم، ئەمىلىيەتتە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى گۈمبەدەك شورپىسى دېگەن خەنزۇلارنىڭ شورپىسىغا ئوخشاپ قالىدىكەن. ئاللاھ خالىسا كورىيىلىكلەرنىڭكىنى ئىزدىنىپ كۆرۈپ تاپالىساملا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويىمەن.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8833
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    دائىملىق ئەزا
    يازما
    18
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    90
    شۆھـرىتـــــى
    100
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    100
    ياخشـى باھا
    20
    تەجىربىسى
    84%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 2 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-12
    ئاخىرقى:
    2012-09-15
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 08-13
    مەنمۇ ئۆيدە قىلىپ سىناپ كۆرسەم بولغۇدەك ، كۆك مۇچتىن بىرەنى  ئارلاشتۇرساقمۇ تەمى بۇزۇلۇپ كەتمەس ھە ...؟

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5341
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1042
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9638
    شۆھـرىتـــــى
    9638
    تۆھپــــــــــە
    2
    سودا پۇلــــى
    9605
    ياخشـى باھا
    1125
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 257 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-17
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 08-14
    waalaykumassalam

    timigizgarahmat

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8582
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    دائىملىق ئەزا
    يازما
    16
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    90
    شۆھـرىتـــــى
    90
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    90
    ياخشـى باھا
    16
    تەجىربىسى
    81%
    ھالىتى
    توردا:
  • 14 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-23
    ئاخىرقى:
    2012-08-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 08-14
    [

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2273
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1044
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    4887
    شۆھـرىتـــــى
    10083
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    10050
    ياخشـى باھا
    1080
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 164 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-20
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 08-14
    تازا ئىچىشلىك بولغۇدەك..

    بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                             ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    1124
    نادىر تىما
    6
    مۇنبەرپۇلـــى
    3612
    شۆھـرىتـــــى
    10016
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    9965
    ياخشـى باھا
    1240
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 279 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 08-23
    رەسىمى يوقكەنغۇ بۇنىڭ..

    مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5663
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    238
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    1710
    شۆھـرىتـــــى
    1709
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    1705
    ياخشـى باھا
    238
    تەجىربىسى
    54%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 83 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-31
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 9 ئېلان قىلىنغان: 08-30

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى