مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 3ئىنكاس
  • 815كۇرىلىشى

كېلىنلەر دىققەت [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
5341
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
چولپان ئەزا
يازما
1042
نادىر تىما
1
مۇنبەرپۇلـــى
9638
شۆھـرىتـــــى
9638
تۆھپــــــــــە
2
سودا پۇلــــى
9605
ياخشـى باھا
1125
تەجىربىسى
29%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 257 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-17
    شەرەپ مىدالى

                                                                                                     ياخشى كېلىن بولۇش ئۈچۈن

    كېلىن ـــ ئىككى ئائىلىگە تەۋە ئادەم بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز-ئارا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى بەرپا قىلغۇچى ئاساسى كۈچتۇر. ئۇلار خۇددى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ. شۇڭا كېلىننىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ قانداق بولۇشى قۇدىلارنىڭ ئەپ ئۆتىشىدە، ئائىلىنىڭ خاتىرجەم بولىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  
    كېلىن بولغۇچى قېيناتا- قېينانىڭىزنى، ئېرىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەڭ. ئۇلارغا مېھرىبان، شەپقەتلىك بولۇڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىتائەتمەن بولۇڭ، بۇيرىغانلىرىنى دەرھال ئورۇنداڭ. سىزنىڭ توغرا بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ گەپ تالاشماڭ، جاۋاپ قايتۇرماڭ. شېرىن سۆزلۈك بولۇڭ، بولۇپمۇ قېينانىڭىزنى سىزنى تۇققان ئانىڭىزدەك كۆرۈپ، ھۆرمەت قىلىپ رازى قىلسىڭىز، كۈنلەردىن بىر كۈنى سىزمۇ شۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىسىز.
    بىر يىگىت قېرىپ كۆزلىرى غۇۋالاشقان، بىر نەرسە تۇتسا قوللىرى تىتىرەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان دادىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمايدىكەن. بىر كۈنى بوۋاي كېلىنى تاماق ئۇسسۇپ بەرگەن تاۋاقنى تۇتالماي قالغانلىقتىن تاۋاق يەرگە چۈشۈپ سۇنۇپ كېتىپتۇ، بۇنىڭغا كېلىننىڭ ئاچچىقى كېلىپ بىر مۇنچە تاپا-تەنە، سېسىق گەپلەرنى قىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى بازاردىن ئالايىتەن ياغاچ چۆچەك سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ، دادىسىغا چۆچەكتە تاماق بېرىدىغان بوپتۇ. ئوغلى بىلەن كېلىنىدىن بۇ خورلۇقنى كۆرگەن بوۋاينىڭ دىلى بەكمۇ رەنجىپتۇ. بوۋاينىڭ بەش-ئالتە ياشلىق بىر نەۋرىسى بار ئىكەن. بوۋاي  ئۆز يېنىدىن بىردەم نېرى كەتمەيدىغان بۇ نەۋرىسى بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ئۆتىدىغان بوپتۇ. بۇ بالىمۇ بوۋىسىدىن ئۆزىنىڭ بالىلىق تىلى بىلەن ھەرخىل سۇئاللارنى سوراپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ قايغۇ-ھەسرىتىنى يېنىكلىتىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى دادىسى ئوغلىنىڭ پىچاق بىلەن بىر ياغاچنى ئويۇپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە بالىسىدىن:  
    -بالام نېمە قىلىۋاتىسەن؟-دەپ سوراپتۇ. بالا دادىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ:  
    -دادا، سىز بوۋامغا تاماق بېرىشكە بىر ياغاچ چۆچەك ئەكەلدىڭىزغۇ، ئاپام بوۋامغا ئاشۇ چۆچەكتە تاماق بېرىۋاتىدىغۇ، مەنمۇ مۇشۇ ياغاچتىن چۆچەك ياساۋاتىمەن، مەنمۇ چوڭ بولغاندا ئاپام بىلەن سىزگە مۇشۇ چۆچەكتە تاماق بېرىمەن،-دەپتۇ.  
    بالىنىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىپتۇ. ئۇ يىغلىغىنىچە دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. بوۋاينىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ ئەپۇ سوراپتۇ ۋە بوۋاينى ھەم يورۇق ھەم ئىسسىق ئۆيگە كۆچۈرۈپ ئەكىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تاماقنى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ يەيدىغان بوپتۇ. ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۈتۈپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتقانلىغىنى كۆرگەن بوۋاي:  
    -بالىلىرىم، ئەمدى كۆڭلۈم غەم -قايغۇدىن قۇتۇلدى، مەن سىلەردىن رازىمەن، مانا مۇشۇ نەۋرەم سىلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى،-دەپتۇ.  
    كېلىن بولغۇچى قېينىئاتا، قېينىئانا، يولدىشى شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ماسلىشىشنى بىلىشى كېرەك. ھەر قانداق ئائىلىنىڭ ۋە شۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، مىجەز خاراكتىرى ئۆزگىچە بولىدۇ، «بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداقتى، بۇ ئۆيدە مۇنداقكەن» دەپ تۇرىۋالماڭ. قېينىئانا-قېينىئاتىڭىز چاي ئىچىشكە ئامراق بولسا، سىزمۇ تەدىرىجى ھالدا چاي ئىچىپ ئادەتلىنىشكە تىرىشىڭ. قېينىئانىڭىز گەپتان بولسا، سىز سۈكۈت قىلىشنى ئادەت قىلىڭ. قېينىئانىڭىز سەپرا مىجەز بولسا، سىز ئېغىر -بېسىق، تەمكىن بولۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىزلا ئۇلار بىلەن ماسلىشىپ كېتەلەيسىز، كۈنىڭىزمۇ خاتىرجەم ئۆتىدۇ. سەۋرى-تاقەتلىك بولۇڭ، يول قويۇشنى بىلىڭ، بىر ئائىلىدە چىنە -قاچىلارمۇ «تاراق- تۇرۇق » بولۇپ قالىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىمۇ ئۇقۇشماسلىقلار ۋە ناھەقچىلىكلەر پەقەت يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ قېينىئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىدا چۈشىنىشمەسلىك، ئۇقۇشماسلىقنىڭ بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئائىلىدە قېينىئانا بىلەن كېلىنلەر ئوتتۇرىسىدا، جېدەل-ماجرانىڭ سادىر بولۇشى كۆپىنچە سەۋرسىزلىكتىن بولىدۇ. كېلىن بولغۇچى ھەر قانداق ئەھۋالدا سەۋرى-تاقەتلىك بولۇپ، بىردەملىك ئاچچىققا ھاي بەرسە، ئۆتكەنگە سالاۋات قىلسا، ئائىلىدە ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان كۆڭۈل ئاغرىقى ۋە جېدەل-ماجرادىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئازراق ئىش ئۈچۈن يەڭگىلتەكلىك قىلسىڭىز،كىچىككىنە ئىشمۇ چوڭىيىپ ئائىلە مۇناسىۋېتىگە تەسىر يەتكۈزىسىز، شۇڭا ئەجداتلىرىمىز «سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. چېقىمچى، غەيۋەتخور بولماڭ. چېقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق كېلىنلەرنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئەڭ يامان ئىللەت. قولىڭىز ئەپچىل، ئايىقىڭىز چاققان، ئىش-ھەرىكىتىڭىز سىلىق بولسۇن. ئاش -تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش، يىڭنە ئىشى قىلىش، چاي-مەززە تەييارلاپ مېھمان كۈتۈش، بالا بېقىش قاتارلىق ئىشلار بىرخىل ھۈنەر بولۇپ، كېلىن بولغۇچى بۇخىل ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلارنى قانداق قىلىشنى بىلمىسىڭىز قېينىئانىڭىزدىن سوراپ ئۇگىنىۋىلىشقا تىرىشىڭ. بۇمۇ قېينىئانا كېلىن مۇناسىۋېتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغان ئوبدان بىر پۇرسەت.

    ******************
    شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلدى

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6693
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    قىزىققۇچى ئەزا
    يازما
    66
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    90
    شۆھـرىتـــــى
    490
    تۆھپــــــــــە
    11
    سودا پۇلــــى
    490
    ياخشـى باھا
    80
    تەجىربىسى
    93%
    ھالىتى
    توردا:
  • 24 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-14
    ئاخىرقى:
    2012-10-03
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 07-25
    راس دەيسىز سەۋىرنىڭ تىگى ئالتۇن ،، لىكىن ھەممە ئادەم بېشىغا كەلگەندە بىلىدىكەن ! ھەممىدە يىتىشكەن، ئۆزىنى تۇتىۋالغان، قابىليەتلىك ،مۇلايىم، بىر ئايال بۇلشنىڭ ئۆزى بىر ئايال بولغۇچى ئۈچۈن ئۆگەنمىسە بولمايدىغان بىر ھۈنەركەن.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8442
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    258
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    1936
    شۆھـرىتـــــى
    1790
    تۆھپــــــــــە
    18
    سودا پۇلــــى
    1790
    ياخشـى باھا
    271
    تەجىربىسى
    58%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 108 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-05
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 07-30
        

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    9000
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    197
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    31
    شۆھـرىتـــــى
    1111
    تۆھپــــــــــە
    25
    سودا پۇلــــى
    1080
    ياخشـى باھا
    219
    تەجىربىسى
    38%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 185 سائەت
  • تىزىم:
    2012-08-29
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 09-09
    ياخشى كىلىن بولۇش ناھايىتى تەسكەن. لىكىن تىرىشماي ئامال يوق.

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى