خام ماتىريالى:ئۇن ، گۆش ،سۇ يېغى،يېسۋېلىك، كۆك-قىزىلمۇچ، سامساق،پىياز،
پەمىدۇر،پالەك (كەرەپشە) يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ (پەمىدۇر قىيامى)
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى:دەرىسلىكتە ئېيتقىنىمىزدەك،كەسكەن لەڭمەن خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۋالىمىز .
گۆشنى نىپىز ياپراقچە توغرايمىز. كۆكتاتلارنى قەلەمچە قىلىپ بىر خىل شەكىلدە توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
قوررۇش ئۇسۇلى:قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ گوشنى سېلىپ ئاندىن پىياز يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ سېلىپ قورۇپ ئازراق تۇز سالىمىز.ئاندىن پېسۋېلەك(چۇكا پۇرچاق،سامساق غولى،بەرەنگە،پېدىگەن)سېلىپ قورۇپ ئاندىن كۆك-قىزىلمۇچ،پەمىدۇر سېلىپ قورۇپ ئازراق كاۋاۋىچىن ئۇنى سېلىپ مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ،تۇز،تەمىنى تېتىپ پالەك ،ئاچچقسۇ سامساق سېلىپ بىر قاچىغا ئېلۋالىمىز.
چۆپنى پىشۇرۇش:قازانغا چوپ لەيلەپ بىشقىدەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئولگۇرتۇپ .خېمىرنى زوۋلا قىلىپ نوغۇچ بىلەن نىپىز يېيىپ(چۆپ كىسىش ماشىنىسىدا)يىرىم سانتا كەڭلىكتە كىسىپ چوپنى قاينىغان قازانغا تاشلاپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ.چوپ پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ،ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان قورىمىسىنى سېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.
