ئاساسى ماتىريال: قوي گۆشى ، ئاق ئۇن
قوشۇمچە: باشپىياز، ئەبجەش ياغ، ياكى سېرىق ماي،
خۇرۇچلار: تۇز ، ئېچىتقۇ، قارمۇچ، زىرە تالقىنى، ئىلىمان سۇ، تۇخۇم ، سۇدا تالقىنى،
ئىشلەش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن ئاق ئۇنغا ئىلىمان سۇ ئاز مىقداردا تۇز، خېمىر بولغىدەك ئېچىتقۇ سېلىپ بوشىراق قىلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز،
خېمىر بولغۇچە گۆشنى ئۇشاق توغىراپ پىيازنى يۇمشاق چاناپ ، تۇز، قارامۇچ، زىرە تالقىنى سېلىپ تەملىك خۇش پۇراق قىيما قىلىمىز،
خېمىر بولغاندا پىيالىگە مۇۋاپىق كۆپتۈرگۈچ سۇدانى يۇمشۇتۇپ خېمىرنى يېيىپ سۇدا سۈيى بىرىپ ئەيلەيمىز ،
ھەم خېمىرنى ئەمبەلگە نىپىز يېيىتىپ ، يۈزىگە ئەبجەش ياغ ، ياكى سېرىق ماينى تەكشى سۈرۈپ خېمىرنى دۈگۈلۈتۈپ يۆگەيمىزدە قات -قات چىقىرىمىز، بۇلاق مانتا چوڭلىقىدا
زۇۋلا ئۈزۈپ نىپىز بېسىپ ئىچىگە قىيما سېلىپ ، بۇلاق مانتا تۈگۈش ئۇسۇلى بويىچە تۈگىمىز ،
تۈگۈپ بولۇپ دوخۇپكا پەتنۇسىنى مايلاپ تۈگلگەن سامسىلارنى تۈگۈلگەن تەرەپنى پەتنۇسقا قىلىپ ، دۈم تىزىپ تۇخۇمنى چېقىپ سېرىقىنى ئايرىپ سامسا يۈزىگە تەكشى
سۈرۈمىزدە دوخۇپكىغا سالىمىز ، پىشقاندا ئېلىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىپ كەلتۈرىمىز،

دوخۇپكا گىرادۇسىنى ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ تەڭشەڭ!!!!!
خانىم قىزلارنىڭ تاۋاق يۆگىشىگە ماس كىلىدۇ