خام ماتىريالى: قارا قېرىنقۇلاق ،تۇخۇم ئۇچ دانە،غول پىياز، ،زەنجىۋىل
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كۈنجۈت يېغى
تەييارلاش ئۇسۇلى: قارا قېرىنقۇلاقنى سۇغا چىلاپ يۇمشىتىمىز،تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ مايدا پۇشۇرۇپ تەييارلايمىز،غول پىياز،سامساق،زەنجىۋىللەرنى ئۇششاق توغرايمىز.
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا مۇۋاپىق ماي قۇيۇپ ماي بوش قىزىغانداغولپىياز، زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ خوش پۇراق چىققاندا قارا قېرىنقۇلاق بىلەن تۇخۇمنى سېلىپ قورۇپ (قورۇش جەريانىدا دىققەت قىلىڭ تۇخۇم بەك ئېزىلىپ كەتمىسۇن)ئازراق سۇ قۇيۇپ تۇز
سېلىپ ئىككى ئۆرۈپ تەمىنى تېتىپ ئازراق كۈنجۈت يېغى بىرىپ تەخسىگە ئالىمىز.