مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 4ئىنكاس
  • 308كۇرىلىشى

كونا ئەلبوم (شەھلا) [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
311
جىنسى:
قىز
دەرىجىسى
باشقۇرغۇچى
يازما
944
نادىر تىما
17
مۇنبەرپۇلـــى
2570
شۆھـرىتـــــى
630
تۆھپــــــــــە
44
سودا پۇلــــى
10004850
ياخشـى باھا
8388607
تەجىربىسى
36792%
ھالىتى
توردا:
  • 969 سائەت
  • تىزىم:
    2009-04-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    i-&"1D[&  
    كونا ئەلبوم
    $I90KQB\_  
    Xd 9<`gu  
    |1Ko5z  
    زەي پۇراپ تۇردىغان يەر ئاستى ئۆيىنىڭ قاراڭغۇ ھەم ئەخلەت بېسىپ كەتكەن پەلەمپىيىدىن ئاۋايلاپ چۈشىۋاتاتتىم،بىردىنلا قولۇمدىكى شام شىددەتلىك لەپىلدەپ ئۆچۈپلا قالدى،گەرچە چېڭقى چۈش ۋاقتى بولغاچقا ،يەر ئاستى ئۆيىنىڭ بۇ پەلەمپىيىنى قاراڭغۇ دەپ كەتكىلى بولمىسمۇ،بىراق بۇرنۇمغا پۇراپ تۇرغان چىرىگەن جەسەتنىڭ ھېدىنى ئەسلىتىدىغان پۇراق تەنلىرىمنى شۈركەندۈردى. 9!Vp-bo  
    ئېسىمنى بىلسەم بىز مۇشۇ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنمىز،كىچىكىمدىن يەر ئاستى ئۆيىگە مەجبۇرى قانچە قېتىم كىرگەنلىكىمنى ساناپ بېرەلەيمەن،بىراق بىر قېتىممۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كىرگەن ئەمەسمەن، Z/I`XPmk  
    10 يىللار بۇرۇن ،بىر قانچە كىچىك دوستلار كەچقۈرۈن مۈكۈشمەك ئوينىدۇق،قىزىقچىلىقتا يۈگۈرۈپ كىرىپلا يەر ئاستى ئۆيىگە چۈشۈپ كەتتىم،قانداق تېز كىرگەن بولسام شۇنداق تېز ئەندىكتىم،قاپ-قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە نىمىدۇ بىر نەرسە شىپىرلەپ ماڭغاندەك بىلىندى،شۇنچە زەن سېلىپ قاراپمۇ ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم،گويا بىر جۈپ كۆز ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتقاندەكلا ئىدى.خېلى غەيرىتىمگە ئېلىپ تۇرۇپ باقتىم،ئاخىرى قەتئىي چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى،جان-جەھلىم بىلەن ئۆزەمنى پەلەمپەيگە ئاتتىم،قارا تەرگە چۆمۈلۈپ سېرتقا چىقسام،ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ،قورۇ ئىچىدە ھېچ كىم يوق،نىشان سېلىنغان جايغا بېرىپ خېلى ساقلىدىم،قارىغاندا بالىلار ھەممىسى ئۆيلىرىگە كىرىپ كەتكەندەك قىلاتتى،مەنمۇ خۇرسىنىپ قويۇپ ئۆيگە قايتىپ كىردىم. +,bgOq\aG  
    دادامنىڭ كىملىكىنى ئەسلىيەلمەيمەن،بىز ئانا-بالا ئىككىمىز بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇراتتۇق،چوڭلاردىن ئاڭلىسام دادام مېن تۇغۇلماستىلا يوقاپ كېتىپتىكەن،شۇنىڭدىن كىيىن ئاپام نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ مېنى بېقىپ چوڭ قىلىپتۇ،بىراق دادام راستلا قايتىپ كەلمىدى،يا تىرىكلىكىدىن يا ئۆلۈكىدىن خەۋەر كەپ باقمىدى،ئۇ خۇددى دېڭىزغا چۆككەن تاشتەك ئىز-دېرەكسىز يۈتكەن ئىدى،ئاپام ئەزەلدىنلا كەم سۆز بولغاچقا ماڭا ھېچ قاچاندا ئېچىلىپ بىرەر ئېغىز سۆز قىلىپ باقمايتتى،مەنمۇ بارغانسىرى شۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم،شۇ كۈنى ئاپام مېنىڭ ئۆيگە كىرگىنىمنى بىلمىدى،ئۇ ئۇخلاۋىتىپتۇ،ھويلىدىكى سۇس چىراق يورىقى ئاپام ياتقان كارۋاتنىڭ يېنىدىكى دېرىزىدىن ئاستا كىرىپ ئۇنىڭ ئەزەلدىن سۇلغۇن سۆزۈق يۈزلىرىگە يېپىشىۋاپتۇ،چىراقمۇ سېرىق نۇر چىقارغاچقا ئاپام شۇ چاغدا تېخىمۇ سارغىيىپ كەتكەندەك بىلىنىپ كەتتى،ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى،چېكىسىدە بىر قانچە ئاق چاچمۇ باردەك قىلىدۇ،بىراق ئۇ ئاق چاچلارمۇ سېرىق رەڭدە كۆرۈندى. < nyk:E  
    ئاپامنىڭ يۈزىنى سىلاپ باققۇم كەلدى،ئۇنىڭ يۈزى سىلىق ھەم مۇزدەك ئىكەن،جاۋغايلىرىدا بىر جۈپ زىنىقىمۇباركەن،بەلكىم مەندىكى زىناق ئاپامنى تارتقان ئوخشايدۇ.غۇۋا سارغۇچ چىراق يورۇقىدا تېخىمۇ يېقىن كېلىپ تازا زەن قويۇپ قاراۋاتاتتىم،ئاپام كۆزلىرىنى ئاچتى،ئاچتىيۇ شۇنداق دەھشەتلىك يۇغان ئاچتى،ئۇ مېنى كۆرۈپ قاڭقىپ ئورنىدىن تۇرۇپ.تاما يۈلۈنۈپ قالدى. ]\:l><  
    -ئاپا-ئاپا... قوقما بۇ مەن، 7>|p_ o`e  
    مەن تونۇشلۇق بەردىم،بىراق ئاپام تېخىمۇ قورقۇپ تامغا بار كۈچى بىلەن نىقتىلىۋالدى،خۇددى تامنى تېشىۋىتىدىغان ئەلپازى بار ئىدى،يۈگۈرۈپ بېرىپ چىراقنى ياندۇرماقچى بولۇپ ۋىيكۈچاتىلنى باستىم،چىراق يانمىدى،يەنە كۈچۈنۈپ باسسام ،يەنە يانمىدى،توك كەتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم مەن،ئاپام پىچىرلاپ بىر نەرسىلەرنى دىگەندەك قىلدى،بەلكىم ئايەت ئوقىۋاتقان بولسا كېرەك،ئامالسىز ئاستا كارۋىتىمغا چىقىپ ياتتىم. pPZ^T5-ks  
    شۇنىڭدىن كىيىن ئاپام ماڭا قەتئىيلا گەپ قىلماس بولدى،مېنى ھەر كۆرسە قورقاتتى،مەندىن قاچاتتى،مېنى سېرتقا چىقارماسلا بولدى،قانداقلا قىلسام ئاپامغا يېقىنلىشالمىدىم. 3S1`av(tD  
    يەر ئاستى ئۆيىگە چۈشىۋىتىپ قانداقلا قىلسام بۇ ئون يىلنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىدىم،شام ئۆچۈپ قۇرقۇنۇچلۇق ھالغا كىرگەن پەلەمپەي،گۆرنىڭ ھاڭ ئېچىلغان ئاغزىغا ئوخشايتتى،ئاۋايلاپ مېڭىپ ئاخىرى بىزگە تەۋە بۈلۈمچىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدىم،خىيالىمدا مۇشۇ يەردە بىر نەرسە باردەكلا،مەن ھېچ قاچاندا مۇشۇ ئىشىكتىن چىقىپ باقمىغاندەكلا سەزدىم،ئىشىكنى ئىتىرشىمگە يېنىكلا ئېچىلىپ كەتتى،بۈلۈمچىدە مەن كىچىكىمدە ئوينىغان ياغاچ ئات،پومزەكلەر،ھەم بىر قانچە كونا ساندۇق،كونا سائەت دىگەندەكلەر قالايماققان تاشلىنىپ تۇراتتى،تامدا كىچىككىنە بىر پەنجىرە بولۇپ ،مۇكەممەل بولمىغان قېلىن كارتون پەنەركە بىلەن مىخلىۋىتىلگەن بولسىمۇ،كەمتۇك يەرلىرىدىن يورۇقلۇق كىرىپ ،بۇ مۇدھىش بۈلۈمچىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. lV2MRxI  
    ئاياقلىرىمنىڭ باشلىشىدا ئەڭ بۇلۇڭدىكى ساندۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ قالدىم،ساندۇقنىڭ كەينىدە بايقىماق تەس بولغان بىر بوشلۇق بار ئىكەن،قارىماققا بۇ يەر يورۇقلۇقتىن نېسىۋىسىز بولغاچقا كىشىنىڭ دىقىتىنى تارتمىقى تەس ئوخشايدۇ،بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قاراڭغۇ،مەڭگۈ يورۇقلۇق كۆرمەيدىكەن ئۆلۈك بۇلۇڭكەن دەپ ئويلۇدۇم مەن، +@K8:}lOW  
    كەينىمدىن شىپىرلىغان ئاۋاز،ئاندىن ئېغىر –ئېغىر تىنىق ھىدى،ھەم ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋاز پەيدا بولدى، n0ls a@l  
    كەينىمدە ئاپام تۇراتتى،توغرا ئۇ دەل ئاپام ئىدى،ئۇنىڭ ئاپام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن كۆڭلۈم تىندى،ئۇنىڭغا بۇ ئۆلۈك بۇلۇڭنى كۆرسەتمەكچى بولدۇم،بىراق ئاپام شۇنچە يىلدىن تۇنجى قېتىم مېنى مۇرەمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا باستى،ئۇ ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلايتتى،ئۇنىڭ يۈزۈمگە ئېقىۋاتقان ياشلىرى تۇزلۇق ھەم مۇزدەك ئىدى،مۇزدەك ياش تامچىلىرى بىردىنلا 10 يىلدىن بېرى مەن ئەسلىيەلمىگەن،بىراق ئارىسىدا ياشىغان ياكى ياشىمىغان بىر ھەقىقەتنى باشتا مۇجىمەل كىيىن شىددەت بىلەن ئېچىپ چىقىرۋەتتى،بېشىم چىڭقىلىپ پارتىلاشقا تەييارلانغان شارنىڭ ئۆزى بولدى،ئۇ ھازىرلا پارتىلايدىغان ئوخشايدۇ، Jf8AKj3  
    شۇ كۈنى مەن مۇكۈنگەن جاي دەل مۇشۇ ئۆلۈك بۇلۇڭ،مەن ئۇ كۈنى بۇلۇڭدا تامغا قاراپ زۆڭزۈيۈپ ئۆلتۈرۈپتىمەن،قارىسام يەردە بىر ئەلبوم باركەن،قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلاپ باقسام ئارىسىدا ساپلا سارغىيىپ كەتكەن سۆرەتلەر باركەن،قاراڭغۇدا ھېچ نىمىنى ئىلغا قىلالمىدىم،بىردىنلا بېشىمغا قاتتىق بىر زەربە كەلدى،بەلكىم مىڭەم چېچىلىپ كەتتى بولغاي،مەڭزىمگە ئىسسىق،شىلىمشىق بىر نەرسە ئېقىپ چۈشتى،كەينىدىن ھالسىرىغان ئاۋازلار،توپىنىڭ يۇمشاق قېتىغا ئارلاشقان ئالىقانداق قاتتىق يېرىك نەرسىلەر ماڭا تاشلاندى،بىر ھازادىن كىيىن ئەتراپ جىمىپ كەتتى،بىر چاغدا مەن قايتىپ چىقتىم،چىقىۋىتىپ ئاستىمدا يەنە بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ قاچاندۇ بىر چاغدا نەدىكىن ئىش قىلىپ بىر يەردە كۆرگەندەك قىلغان چىرايىنى بىلدىم ياكى بىلمىدىم،لەيلىگەندەك بىر ھېسياتتا ھويلىغا چىقىپ كەتتىم،قالغىنى مانا ئاپام ،شۇ كېچىدە مېنى كۆرۈپ شۇنداق قورۇقتى، 8_ _C T  
    ئاپا ...ئاپا .ئاھ ... ئەسلى سەنكەنسەن ،مەن شۇ چاغدا ئۆلۈپ بوپتىكەنمەن،ئون يىللاپ نىمە بولغۇنۇمنى بىلمەي سېنى ئەگىپ يۈرۈپتىمەن، $6\W8v  
    ئاپام يەنە يىغلاۋاتىدۇ،ئۇ يەنە يىغلاۋەرسە ،ئۇنىڭ دەل مۇشۇ يەرگە دادامنىمۇ دەل شۇنداق ئۆلتۈرۈپ كۆمۈپ قويغانلىقىنى ،كىيىن يەنە ئۆزى چىدىماي ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپىنى تاتلاپ يۈز قىسمىنى يەر يۈزىگە چىقىرۋالغىنىنى ،ھەم دائىم كۆرۈش ئۈچۈن كۆممەي،كونا ئەلبومنى يېپىپ قويغانلىقىنى،شۇ كۈنى مەن مۇشۇ يەرگە كېلىپ مۈككەندە ئۇ مېنى دادامنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ قالدى دەپ ئويلاپ مېنىمۇ جېنىمدىن ئايرىغانلىقىنى بىلىۋىلىشىم مۇمكىن. ak;S Ie  
    ئاپام بىر روھى كېسەل،مەن بىر ئەرۋاھ... [{9&KjI0K  
    -بالام تېز قوپ ،مەكتەپكە كېچىكىسەن،تېز بول دەيمەن قوزام... .A Z+|?d  
    -ۋاي-ۋۇي مۇشۇ بالىنى ئاخشىمى كىنو كۆرۈپ بالدۇر ياتمىغان ،ئەتىگىنى قوپمىغان ،تورنى بىر ئۈزىۋەتمىسەم بولمىدى. z50f$!?  
    ئەندىكىپ ئويغاندىم،بېشىمدا دادام بىلەن ئاپام قاراپ تۇرۇپتۇ،راست تاڭ ئېتىپتۇ، ` G.:G/b%H  
    ناشتا قىلىۋىتىپ ئاخشام كۆرگىنىمنىڭ چۈش ياكى توردىكى قورقۇنۇچلۇق فىلىم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدىم،ئىشىكتىن چىقىۋىتىپ يەر ئاستى ئۆيىنىڭ پەلەمپىيىگە قورقۇمسىراپ قاراپ قويۇپ،يۈگەرگىنىمچە دادامغا يېتىشىۋالدىم،راستىنلا تاڭ ئېتىپتۇ.

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2417
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    1259
    نادىر تىما
    19
    مۇنبەرپۇلـــى
    16385
    شۆھـرىتـــــى
    13135
    تۆھپــــــــــە
    85
    سودا پۇلــــى
    12771
    ياخشـى باھا
    1561
    تەجىربىسى
    39%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 352 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-28
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 07-10
    پاھ شەھلا راسلا ياخشى يېزىپ قويۇپسىز جۇمۇ؟! مەن تېخى ئوڭىڭىزدا بولغان ئىشلا ئوخشايدۇ دەپ سىڭىپ ئوقىسام چۈشىڭىزكەن ئەمەسمۇ؟ سىزدەك رىتىملىق چۈش كۆرىدىغان يەنە بىرى بارمىدۇ؟   lCyp&b#(L  
    مۇشۇ يېزىشىڭىزدا ئۇزۇنغا بارمىغان مەزگىلدە قولىڭىزدىن ياخشى پۈتۈلگەن رومانلار چىققۇسى، ZVek`Cc2  
    تېزىراق يازسىڭىز!!! كىتاپلىرىڭىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بولساق

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8442
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    258
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    1936
    شۆھـرىتـــــى
    1790
    تۆھپــــــــــە
    18
    سودا پۇلــــى
    1790
    ياخشـى باھا
    271
    تەجىربىسى
    58%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 108 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-05
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 07-10
        

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    731
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    تۆھپىكار ئەزا
    يازما
    396
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    3940
    شۆھـرىتـــــى
    3955
    تۆھپــــــــــە
    8
    سودا پۇلــــى
    3130
    ياخشـى باھا
    414
    تەجىربىسى
    53%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 399 سائەت
  • تىزىم:
    2010-07-06
    ئاخىرقى:
    2012-10-20
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 07-11
    ئەجەپمۇ قۇرىققۇم كەلدى ئۇقۇپ  بولغۇچە C}h@El  
    يا مۇشۇ يېقىننىڭ ياقى توخۇ يۇرەك بوپ قالدىممۇ.....

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    1124
    نادىر تىما
    6
    مۇنبەرپۇلـــى
    3612
    شۆھـرىتـــــى
    10016
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    9965
    ياخشـى باھا
    1240
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 279 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 07-16
    پاھ پاھ باركاللا ياخشى يېزىپسسىزرەخمەت تىمىڭزغا،

    مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى