150.1مىللىلىتىر ئاچچقسۇغا 200مىللىلىتىر ئىسسىق سۇ قېتىپ كۈندە باشنى بىر قېتىم يۇيۇپ بىرىڭ .
2.تۇز سۈيىدە باشنى يۇيۇشنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسىڭىز چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئازاتقىلى بولىدۇ .
3. بادام ،ئۆرۈك ، ياڭاق مىغىزىنى كۆيدۈرۈپ يىغىنى چىقىرىپ باشقا سۈركەش ، ئوسما .خىنە سۇلىرىنى چىقىرىپ باشنى يۇيۇپ بىرىش چاچ چۈشۈننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
4. خام قارا كۈنجىت، پىشۇرۇلغان قارا پۇرچاق ، ۋە ياڭاق مىغىزىنى كۈندە2-3 قېتىم ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسە بولىدۇ .
5.ساپ تۇخۇم مىيىدا شورپا قىلىپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ .
6. ئەتىگەن ناشتىدا 7 تالدىن 11 تالغىچە سىيادان يەپ بەرسە چېچىنى ئاقرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، چاچ شالاڭ ، چاچ چۈشۈشقاتارلىقلارغىمۇ شىپا قىلىدۇ .
7. خام زەنجىۋىلنى بىر كۈندە ئىككى قېتىم باشقا سۈركەپ بىرىڭ .
8.چاچنى ھېلىلە ، بىنەپشە سۈيى بىلەن پات - پات يۇيۇپ تۇرسا ، تى ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
9. سويا پۇرچاقنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، چاچنى قارايتىش بەدەننى كۈچەيتىش ، ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزاتىش ئۈنۈمىگە ئىگە .
10. چاچنى ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن تۇخۇم يىغى بىلەن كۈندە باشنى ياغلاپ بەرسە تاقىر باشقا چاچ چىقىرىش ، چاچنى قويۇقلاشتۇرۇش ۋە چاچ چۈچۈش ، بالدۇر ئاقىرىشقا داۋا قىلىدۇ . 3
ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە ئاچ قورساق ۋاققىتدا چاچ تارشمۇ چاچ چۈشۈشگە سەۋەب بولىدۇ ، ئىمكانىيىتى بارلا ھەر كۈنى كەچتە 10 مىنۇت ئەتراپىدا چاچنى تاراپ بەرسە چاچ چاشۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ھەمدە يىمەكلىكىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك ، خام شوخلىنى زىيادە ئىستىماق قىلىش چاچ چۈشۈشنى تىزلەشتۈرىۋىتىدۇ ، چېچى بەك كۆپ چۈشۈدىغانلار ئامال بار باش قىسمىنى ئۇلاپ بىرىش كىرەك ! )
مەنبە " تاللانغان شىپالىق رىتسىپلار
زەمھەم توربىتىدىن : مەجنۇنتال
www.xjzamzam.com[ بۇ يازماتۇزتەرپىدىن2009-05-08 18:01دە قايتا تەھرىر ]