ئاياللار
(مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق خانىم –قىزلارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن)
ھاياتلىق مەنبەسى سىلەر ئاياللار،
ياشاشنىڭ مەناسى سىلەر ئاياللار،
گۈزەللىك بەرناسى سىلەر ئاياللار،
مىھىرنىڭ شەيداسى سىلەر ئاياللار.
ئايالسىز يانمايدۇ ئۈمۈد چىرىقى،
ئايالسىز ئاقمايدۇ بەخت بۇلىقى،
ئايالسىز بۇ تەننىڭ يوقتۇر ئوزىقى،
شادلىقنىڭ سەيناسى سىلەر ئاياللار.
ئايالسىز ئائىلە بەئەينى مازار،
ئايالسىز بەختنىڭ گۈللىرى تۇزار،
ئايالسىز ئەرلەرمۇ بولار بىقارار،
كېسەلنىڭ داۋاسى سىلەر ئاياللار.
ئايالسىز رەڭلەنمەس گۈلگۈن تەبىئەت،
ئايالسىز دىللاردا قالار ئاسارەت،
ئايالسىز كۈلمەيدۇ سۆيگۈ -مۇھەببەت،
سۆيگۈنىڭ قۇياشى سىلەر ئاياللار.
مېھنەتكە تويۇنغان ئاياللار قەلبى،
كۆيدۈرەر دىللارنى خۇددى ئوت كەبى،
ئەجرىدىن كۆكلەيدۇ باھارنىڭ پەسلى،
تاڭلارنىڭ ساباسى سىلەر ئاياللار.
بىر تېمىم سۈتىدە ئالەمچە مېھىر،
پەرزەنتچۇن ياسايدۇ مېھرىدىن قەسىر،
زارلانماس تارتسىمۇ مىڭلارچە جەبىر،
بۈيۈكلۈك ناۋاسى سىلەر ئاياللار.
بىمادار دىللارغا چېچىپ ھارارەت،
ئۇلۇغلۇق ،پاكلىقتىن بېرىپ بىشارەت،
ۋاپادار جىسمىدىن پۈتەر ئىمارەت،
قۇياشنىڭ تەققاسى سىلەر ئاياللار.
تەۋرەتسەڭ بۇشۇكنى تەۋرەيدۇ دۇنيا،
جاسارەت بەرگەندەك ئەللىيىڭ گويا،
مېھرىڭدىن دىللارغا تارىلار زىيا،
جانلارنىڭ پىداسى سىلەر ئاياللار.
ئايالنى يىغلاتقان ئەمەستۇر ئادەم،
ئانىلار يىغلىسا يىغلايدۇ ئالەم،
كۆز يۇمسا ئانىلار دۇنيادا ماتەم،
ۋاپانىڭ تەنھاسى سىلەر ئاياللار.