مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 9ئىنكاس
  • 1452كۆرىلىشى

ئاياللار(خانىم-قىزلار بايرىمىغا ئاتاپ) [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: باشقۇرغۇچى
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 746
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 18
ئومۇمىي يازما: 835
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە835دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 11004 دوللار
تۆھپــــــــــە: 72 ھەسسە
توردىكى :692(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2010-07-09
ئاخىرقى: 2013-04-03
شەرەپ مىدالى

يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-08 19:42:09
— بۇ تېماAtax-Rana جەۋھەرلەش(2012-03-09) —
ئاياللار

(مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق خانىم –قىزلارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن)

ھاياتلىق مەنبەسى سىلەر ئاياللار،
ياشاشنىڭ مەناسى سىلەر ئاياللار،
گۈزەللىك بەرناسى سىلەر ئاياللار،
مىھىرنىڭ شەيداسى سىلەر ئاياللار.
ئايالسىز يانمايدۇ ئۈمۈد چىرىقى،
ئايالسىز ئاقمايدۇ بەخت بۇلىقى،
ئايالسىز بۇ تەننىڭ يوقتۇر ئوزىقى،
شادلىقنىڭ سەيناسى سىلەر ئاياللار.
ئايالسىز ئائىلە بەئەينى مازار،
ئايالسىز بەختنىڭ گۈللىرى تۇزار،
ئايالسىز ئەرلەرمۇ بولار بىقارار،
كېسەلنىڭ داۋاسى  سىلەر ئاياللار.
ئايالسىز رەڭلەنمەس گۈلگۈن  تەبىئەت،
ئايالسىز دىللاردا قالار ئاسارەت،
ئايالسىز كۈلمەيدۇ سۆيگۈ -مۇھەببەت،
سۆيگۈنىڭ قۇياشى سىلەر ئاياللار.
مېھنەتكە تويۇنغان  ئاياللار قەلبى،
كۆيدۈرەر دىللارنى خۇددى ئوت كەبى،
ئەجرىدىن  كۆكلەيدۇ باھارنىڭ پەسلى،
تاڭلارنىڭ ساباسى سىلەر ئاياللار.
بىر تېمىم سۈتىدە ئالەمچە مېھىر،
پەرزەنتچۇن ياسايدۇ مېھرىدىن قەسىر،
زارلانماس تارتسىمۇ مىڭلارچە جەبىر،
بۈيۈكلۈك ناۋاسى سىلەر ئاياللار.
بىمادار دىللارغا چېچىپ ھارارەت،
ئۇلۇغلۇق ،پاكلىقتىن بېرىپ بىشارەت،
ۋاپادار جىسمىدىن پۈتەر  ئىمارەت،
قۇياشنىڭ تەققاسى سىلەر ئاياللار.
تەۋرەتسەڭ بۇشۇكنى تەۋرەيدۇ دۇنيا،
جاسارەت بەرگەندەك ئەللىيىڭ گويا،
مېھرىڭدىن دىللارغا تارىلار زىيا،
جانلارنىڭ پىداسى  سىلەر ئاياللار.
ئايالنى يىغلاتقان ئەمەستۇر ئادەم،
ئانىلار يىغلىسا يىغلايدۇ ئالەم،
كۆز يۇمسا ئانىلار دۇنيادا ماتەم،
ۋاپانىڭ تەنھاسى سىلەر ئاياللار.


مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
باشقىلاردىن خوشاللىققا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن،ئاۋال ئۆزۈڭ باشقىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىشىڭ كېرەك.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3090
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 16
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 10240 دوللار
تۆھپــــــــــە: 21 ھەسسە
توردىكى :591(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-05-17
ئاخىرقى: 2013-02-01
شەرەپ مىدالى

چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-08 20:12:08
ئايالنى يىغلاتقان ئەمەستۇر ئادەم،
ئانىلار يىغلىسا يىغلايدۇ ئالەم،
كۆز يۇمسا ئانىلار دۇنيادا ماتەم،
ۋاپانىڭ تەنھاسى سىلەر ئاياللار.


دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3090
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 16
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 10240 دوللار
تۆھپــــــــــە: 21 ھەسسە
توردىكى :591(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-05-17
ئاخىرقى: 2013-02-01
شەرەپ مىدالى

ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-08 20:22:22
«بۇغداي سۆز»ىڭىزدىن ئۆستى كۆڭۈللەر ،
ۋىلىقلاپ ھۆسنىنى ئاچتى كۆڭۈللەر .
چارچىغان ھېسلاردىن قۇتۇلۇپ شۇدەم ،
ئەنبەرۇ -ھىدىنى چاچتى كۆڭۈللەر .

دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 746
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 18
ئومۇمىي يازما: 835
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە835دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 11004 دوللار
تۆھپــــــــــە: 72 ھەسسە
توردىكى :692(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2010-07-09
ئاخىرقى: 2013-04-03
شەرەپ مىدالى

3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-08 20:45:44
يازغانلىرىم سەل تاقا-تۇقا چىقىپ قالغان بولسىمۇ چىن يۈرۈكىمدىن چىقىرىپ دىگەن سۆزلىرىم بۇ.مۇنبەردىكى خانىم قىزلارنىڭ بايرىمىغا شۇنداقلا 102 قېتىملىق خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.

باشقىلاردىن خوشاللىققا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن،ئاۋال ئۆزۈڭ باشقىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىشىڭ كېرەك.
دەرىجە: ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6645
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 13 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :108(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-02-11
ئاخىرقى: 2012-11-12
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-08 20:53:58
     سىزگە كۆپ رەھمەت مۇئەللىم ،يازمىلىرىڭىز مۇنبەرگە ھۆپىپىدە ئېچىلغان قىزىل گۈللەردەك ھۆسىن قوشۇپتۇ.

دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 693
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە693دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 9597 دوللار
تۆھپــــــــــە: 44 ھەسسە
توردىكى :767(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-05-15
ئاخىرقى: 2012-12-25
شەرەپ مىدالى

5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-08 21:16:39
تۇلىمۇ سۇيۇندۇم ،تەبرىكىڭىزنى قۇبۇل ئەتتىم ،كوڭلىمىزنى  ھەقىقى خۇشلۇققا تولدۇرۋەتتىڭىز ،رەھمەت !

دەرىجە: قىزىققۇچى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 76
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 192
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە192دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 4471 دوللار
تۆھپــــــــــە: 153 ھەسسە
توردىكى :38(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-02-20
ئاخىرقى: 2012-03-23
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-09 23:12:48
ھەقىقى شېئىركەن،رەھمەت!!!

دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6381
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 1190 دوللار
تۆھپــــــــــە: 0 ھەسسە
توردىكى :74(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-01-27
ئاخىرقى: 2012-03-23
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-10 16:59:56

دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2273
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1068
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1068دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 7 دوللار
تۆھپــــــــــە: 3 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :173(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-02-11
ئاخىرقى: 2013-03-28
شەرەپ مىدالى

8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 16:44:40
ئايالسىز يانمايدۇ ئۈمۈد چىرىقى،
ئايالسىز ئاقمايدۇ بەخت بۇلىقى،
ئايالسىز بۇ تەننىڭ يوقتۇر ئوزىقى،
شادلىقنىڭ سەيناسى سىلەر ئاياللار.
نىمە دىگەن ئېسىل مىسرالار..........

دەرىجە: يېڭى  ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 35 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :4(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-01-19
ئاخىرقى: 2013-01-24
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-23 21:45:00

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى