مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 11ئىنكاس
  • 307كۇرىلىشى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
6645
جىنسى:
قىز
دەرىجىسى
ئوت يۈرەك
يازما
139
نادىر تىما
0
مۇنبەرپۇلـــى
13
شۆھـرىتـــــى
1418
تۆھپــــــــــە
5
سودا پۇلــــى
1389
ياخشـى باھا
156
تەجىربىسى
40%
ھالىتى
توردا:
  • 107 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-13
      بىلقىز سۇلايمان(ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرىستېتىنىڭ دوتسېنتى)

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تورداشلار: مەن بۇتىمىنى مىسرانىم تور بىتىدە كۆرۈپ سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاشپەز مۇنبىرىگە ئىلىپ كەلدىم ،مىنىڭچە ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.
    ھازرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى
    ئىملا قائىدىسى توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەن سۆز بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەم شۇ تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يېزىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىملادا ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسىدۇر.
    ئىملا قائىدىسى مەلۇم بىر يېزىقنى قوللىنىدىغان مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات ۋە ئۇچۇر ئىشلىرىدا شۇ مىللەت ئەدەبىي تىلىنىڭ توغرا قوللىنىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە تىلنىڭ قېلىپلىشىپ، تاكامۇللىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم قورالدۇر.
    ئىملا قائىدىسى تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. ئۇ يېزىق تىلى بىلەن جانلىق تىل ئوتتۇرىسىدا نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىدۇ. بىر مىللەت تىلىدا جامائەتچىلىك ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئىملا قائىدىسى بولمىغان ئەھۋالدا، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىلنىڭ بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بىر تىلدا ئىملا قائىدىسىنىڭ تۈزۈلۈشى شۇ تىلنىڭ دىئالېكت ۋە شېۋىلەرگە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ۋە دىيالېكت، شېۋىلەر بىلەن ئەدەبىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي ئازايتىشقا ئاساس بولىدۇ.
    سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى
    سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملادا ئىپادىلىنىشى
    سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى — يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان قوشۇمچىلاردىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىدۇر.
    ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ئاساسەن تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىققا قارىتىلغان. ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە تامامەن بويسۇنىدۇ. ئەمما چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە دېگەندەك بويسۇنۇپ كەتمەيدۇ.
    بىز تۆۋەندە سۆز يىلتىزى ياكى سۆز ئۆزىكىگە قوشۇمچە (ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچە) قوشۇلغاندىكى ئاھاڭداشلىق ئۈستىدە توختىلىمىز.
    1) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى
    تۇرغۇن سۆز (پېئىلدىن باشقا سۆز تۈركۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ) ۋە پېئىللارغا قوشۇمچە قوشۇلغاندا، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولۇشىغا قاراپ، قوشۇمچىلارنىڭ شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.
    A تۇرغۇن سۆزلەردە:
    ① تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:
    بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:
    تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى، كۆپلۈك قوشۇمچىسى، تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭ، -ىڭ، -ئۇڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز، -ىڭىز، -ئۇڭىز“ دىن كېيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:
    باغ – باغدا، باغقا، باغلار، بېغىڭ، بېغىڭلار، بېغىڭىز، بېغىڭىزلار
    قوي – قويدا، قويغا، قويلار، قويۇڭ، قويۇڭلار، قويۇڭىز، قويۇڭىزلار
    كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:
    تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى، كۆپلۈك قوشۇمچىسى، تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭ، -ىڭ، -ئۇڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز، -ىڭىز، -ئۇڭىز“ دىن كېيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئالدىنقى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆز ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:
    دەزمال – دەزمالدا، دەزمالغا، دەزماللار، دەزمىلىڭ، دەزمىلىڭلار، دەزمىلىڭىز، دەزمىلىڭىزلار
    پەيتون – پەيتوندا، پەيتونغا، پەيتونلار، پەيتونۇڭ، پەيتونۇڭلار، پەيتۇنۇڭىز، پەيتۇنۇڭىزلار
    ② تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:
    بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:
    تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى، كۆپلۈك قوشۇمچىسى، تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭ، -ىڭ، -ئۈڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز، -ىڭىز“ دىن كېيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:
    بەت – بەتتە، بەتكە، بەتلەر، بېتىڭ، بېتىڭلەر، بېتىڭىز، بېتىڭىزلەر
    گۈل – گۈلدە، گۈلگە، گۈللەر، گۈلۈڭ، گۈلۈڭلەر، گۈلىڭىز، گۈلىڭىزلەر
    يۈك – يۈكتە، يۈككە، يۈكلەر، يۈكۈڭ، يۈكۈڭلەر، يۈكۈڭىز، يۈكىڭىزلەر
    سۈت – سۈتتە، سۈتكە، سۈتلەر، سۈتۈڭ، سۈتۈڭلەر، سۈتىڭىز، سۈتىڭىزلەر
    كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:
    ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى، كۆپلۈك قوشۇمچىسى، تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭ، -ىڭ، -ئۈڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز، -ىڭىز“ دىن كېيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئالدىنقى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:
    ئورەك – ئورەكتە، ئورەككە، ئورەكلەر، ئورىكىڭ، ئورىكىڭلەر، ئورىكىڭىز، ئورىكىڭىزلەر
    لۇغەت – لۇغەتتە، لۇغەتكە، لۇغەتلەر، لۇغىتىڭ، لۇغىتىڭلەر، لۇغىتىڭىز، لۇغىتىڭىزلەر
    پېچەت – پېچەتتە، پېچەتكە، پېچەتلەر، پېچىتىڭ، پېچىتىڭلەر، پېچىتىڭىز، پېچىتىڭىزلەر
    ئەتىرگۈل – ئەتىرگۈلدە، ئەتىرگۈلگە، ئەتىرگۈللەر، ئەتىرگۈلۈڭ، ئەتىرگۈلۈڭلەر، ئەتىرگۈلىڭىز، ئەتىرگۈلىڭىزلەر
    B پېئىللاردا:
    ① تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن پېئىللاردا:
    تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى، خالاش رايى، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى ۋە شەرت رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:
    باق-  بېقىڭ، بېقىڭلار؛ بېقىڭىز، بېقىڭىزلار؛ باقتىڭ، باقتىڭلار؛ باقتىڭىز، باقتىڭىزلار؛ باقسىلا؛ باققاي، باققايلا؛ باقساڭ، باقساڭلار؛ باقسىڭىز، باقسىڭىزلار، ....
    يات-  يېتىڭ، يېتىڭلار، يېتىڭىز، يېتىڭىزلار؛ ياتتىڭ، ياتتىڭلار؛ ياتتىڭىز، ياتتىڭىزلار؛ ياتسىلا؛ ياتقايلا؛ ياتساڭ، ياتساڭلار؛ ياتسىڭىز، ياتسىڭىزلار، ...
    ساقلا-  ساقلاڭ، ساقلاڭلار؛ ساقلىڭىز، ساقلىڭىزلار؛ ساقلىدىڭ، ساقلىدىڭلار؛ ساقلىدىڭىز، ساقلىدىڭىزلار؛ ساقلىسىلا؛ ساقلىغاي، ساقلىغايلا؛ ساقلىساڭ، ساقلىساڭلار؛ ساقلىسىڭىز، ساقلىسىڭىزلار،
    ئوڭلا-  ئوڭلاڭ، ئوڭلاڭلار؛ ئوڭلىدىڭ، ئوڭلىدىڭلار؛ ئوڭلىدىڭىز، ئوڭلىدىڭىزلار؛ ئوڭلىسىلا؛ ئوڭلىغاي، ئوڭلىغايلا؛ ئوڭلىساڭ، ئوڭلىساڭلار، ئوڭلىسىڭىز، ئوڭلىسىڭىزلار، ...
    ② تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن پېئىللاردا:
    تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى، خالاش رايى، شەرت رايى، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى بىرىنچى شەخس كۆپلۈك تۈرى (مەسىلەن: ئەت – ئەتتۇق <ئەتتۈك> ئەمەس، كەل – كەلدۇق <كەلدۈك> ئەمەس، كۈزەت – كۈزەتتۇق <كۈزەتتۈك> ئەمەس، ...) بىلەن بۇيرۇق-تەلەپ رايى ئۈچىنچى شەخس (مەسىلەن: ئەت – ئەتسۇن <ئەتسۈن> ئەمەس، كەل – كەلسۇن <كەلسۈن> ئەمەس، كۈزەت – كۈزەتسۇن <كۈزەتسۈن> ئەمەس، ...) تىن باشقىلىرىدا، سۆز ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:
    ئەت-  ئېتىڭ، ئېتىڭلەر؛ ئېتىڭىز، ئېتىڭىزلەر؛ ئەتتىڭ، ئەتتىڭلەر؛ ئەتتىڭىز، ئەتتىڭىزلەر؛ ئەتتۇق؛ ئەتسىلە؛ ئەتكەيلە؛ ئەتسۇن؛ ئەتسەڭ، ئەتسەڭلەر؛ ئەتسىڭىز، ئەتسىڭىزلەر، ......
    كۈل-  كۈلۈڭ، كۈلۈڭلەر؛ كۈلىڭىز، كۈلىڭىزلەر؛ كۈلدۈڭ، كۈلدۈڭلەر؛ كۈلدىڭىز، كۈلدىڭىزلەر؛ كۈلدۇق؛ كۈلسىلە؛ كۈلگەيلە؛ كۈلسۇن؛ كۈلسەڭ، كۈلسەڭلەر؛ كۈلسىڭىز، كۈلسىڭىزلەر، ...
    ئىشلە-  ئىشلەڭ، ئىشلەڭلەر؛ ئىشلىڭىز، ئىشلىڭىزلەر؛ ئىشلىدىڭ، ئىشلىدىڭلەر؛ ئىشلىدىڭىز، ئىشلىدىڭىزلەر؛ ئىشلىدۇق؛ ئىشلىسىلە؛ ئىشلىگەي، ئىشلىگەيلە؛ ئىشلىسۇن؛ ئىشلىسەڭ، ئىشلىسەڭلەر؛ ئىشلىسىڭىز، ئىشلىسىڭىزلەر،.....
    يۈكلە-  يۈكلەڭ، يۈكلەڭلەر؛ يۈكلىڭىز، يۈكلىڭىزلەر؛ يۈكلىدىڭ، يۈكلىدىڭلەر؛ يۈكلىدىڭىز، يۈكلىدىڭىزلەر؛ يۈكلىدۇق؛ يۈكلىسىلە؛ يۈكلىگەي، يۈكلىگەيلە؛ يۈكلىسۇن؛ يۈكلىسەڭ، يۈكلىسەڭلەر، يۈكلىسىڭىز، يۈكلىسىڭىزلەر،....
    ئەسكەرتىش: تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى، خالاش رايى، شەرت رايى، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، بۇيرۇق-تەلەپ رايى ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”-ڭلەر، -ىڭلەر، -ۈڭلەر“، سىپايە تۈرىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”-ڭىزلەر، -ىڭىزلەر“ ۋە خالاش رايى ھۆرمەت تۈرىنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى ئۈچۈن ”-كەي/گەي + لە = كەيلە/گەيلە“ قوللىنىلىپ، يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.
    2) ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى
    ئارا سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا  قوشۇمچىلار تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە قوشۇلىدۇ:
    ① بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە ”خ، غ، ق“ تاۋۇشلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ”ئې“، ”ئى“ تاۋۇشلىرى تىل ئارقىغا مايىل بولغانلىقتىن، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    خىش – خىشتا، خىشقا، خىشلار، خىشلىق،...
    بىخ – بىختا، بىخقا، بىخلار، .....
    خىزىر – خىزىردا، خىزىرغا، خىزىرلىق،...
    پىخسىق – پىخسىقتا، پىخسىققا، پىىسىقلىق،...
    خىل – خىللا، خىلغا، خىلدا، خىللىق، ...
    تىغ – تىغدا، تىغقا، تىغلىق، ...
    قىغ – قىغدا، قىغقا، قىغلار، قىغلىق، ...
    زىغىر – زىغىردا، زىغىرغا، زىغىرلار، زىغىرلىق، ....
    چىغرىق – چىغرىقتا، چىغرىققا، چىغرىقلار، چىغرىقلىق، ...
    غېرىچ – غېرىچلا، غېرىچقا، غېرىچتا، غېرىچلىق،  
    قىر – قىردا، قىرغا، قىرلار، قىرلىق،...
    قىش – قىشتا، قىشقا، قىشلىق، ...
    قىلىچ – قىلىچتا، قىلىچقا، قىلىچلار، قىلىچلىق، ...
    ئىسسىق – ئىسسىقتا، ئىسسىققا، ئىسسىقلىق، ...
    قىس-  – قىستۇر، قىسقان، قىسسا، قىسسۇن، قىسىڭلار، ...
    قىل-   – قىلدۇر، قىلغان، قىلسا، قىلسۇن، قىلىڭلار، ...
    ② بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە ”ك، گ“ تاۋۇشلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ”ئې“، ”ئى“ تاۋۇشلىرى ئاساسەن تىل ئالدىغا مايىل بولغانلىقتىن، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    كىر – كىرگە، كىرلەر، كىرلىك، ...
    كىم – كىمدە، كىمگە، كىملەر، كىملىك، ...
    كىيىم – كىيىمدە، كىيىمگە، كىيىملەر، كىيىملىك، ...
    كىرپىك – كىرپىكتە، كىرپىككە، كىرپىكلەر، كىرپىكلىك، ...
    كىي-  – كىيدۈر، كىيگەن، كىيسە، كىيسۇن، كىيىڭلەر، ...
    كىچىكلە-  – كىچىكلىگەن، كىچىكلىسە، كىچىكلىسۇن، كىچىكلەڭ،  
    ئېگىر – ئېگىردە، ئېگىرگە، ئېگىرلەر، ئېگىرلىك، ...
    ئېگىز – ئېگىزدە، ئېگىزگە، ئېگىزلىك، ..
    – ئېگىزلىگەن، ئېگىزلىسە، ئېگىزلەڭ، ئېگىزلەڭلەر،  
    ئەسكەرتىش: تەركىبىدە ”ك، گ“ ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولغان بىر قىسىم چەتتىن كىرگەن سۆزلەر يۇقىرىدىكى قائىدىلەرگە بويسۇنمايدۇ. ئۇلارغا قوشۇمچە قوشۇش توغرا كەلگەندە، تىل ئارقا ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    كېلۋىن – كېلۋىنلىق
    كېدىر – كېدىرلىق
    گىپىس – گىپىستا، گىپىسقا، گىپىسلىق، ...
    گېرتىس – گېرتىسلىق
    ③ تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە ”ك، گ“ ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولمىسىمۇ، بۇ سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، بۇلاردىكى ”ئې، ئى“ سوزۇق تاۋۇشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشقا مايىل بولغاچقا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    بىز – بىزدە، بىزگە، بىزلەر، ...
    سىز – سىزدە، سىزگە، سىزلەر، ...
    بىر – بىردە، بىرگە، بىرلەر، ...
    ھىم – ھىملىمەك
    تېز – تېزلىك، تىزلەشمەك، ...
    بىل-  – بىلدۈر، بىلگەن، بىلسە، بىلگىلى، بىلىڭلەر، ...
    مىن-  – مىندۈر، مىنگەن، مىنسە، مىنگىلى، مىنىڭلەر، ...
    سىڭ-  – سىڭدۈر، سىڭگەن، سىڭسە، سىڭگىلى، ...
    ئىچ-  – ئىچكۈز، ئىچكەن، ئىچسە، ئىچكىلى، ئىچىڭلەر، ...
    ئىلىم – ئىلىمدە، ئىلىمگە، ئىلىملەر، ئىلىملىك، ...
    بىلىم – بىلىمدە، بىلىمگە، بىلىملەر، بىلىملىك، ...
    جىددىي – جىددىيلەشمەك، جىددىيلىك
    نىسپىي – نىسپىيلەشتۈرۈش، نىسپىيلىك
    ئىۋى- – ئىۋىدى، ئىۋىگەن، ئىۋىسۇن، ئىۋىت، ئىۋىتكەن، ئىۋىتسە، ئىۋىتسۇن، ئىۋىتكىلى، ئىۋىتىڭلەر، يىمىر-   يىمىرگۈز، يىمىرگەن، يىمىرسە، يىمىرسۇن، يىمىرگىلى، يىمىرىڭلەر ....
    ئىنتىل-  – ئىنتىلدۈر، ئىنتىلگەن، ئىنتىلسە، ئىنتىلسۇن، ئىنتىلىڭلەر، ...
    چىرى-  – چىرىدى، چىرىگەن، چىرىسۇن، چىرىت، چىرىتكەن، چىرىتسە، چىرىتسۇن، چىرىتكىلى، چىرىتىڭلەر ...
    بېھى – بېھىدە، بېھىگە، بېھىلەر، بېھىلىك، ...
    سېھىر – سېھىردە، سېھىرگە، سېھىرلىك...
    ئېڭىش-  ئېڭىشتۈر، ئېڭىشكەن، ئېڭىشسە، ئېڭىشسۇن، ئېڭىشىڭلەر...
    ④ سوزۇق تاۋۇش ”ئى“ بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق ”چىش، ئىز، ئىش“ سۆزلىرى ئەگەر ئىسىم ھالىتىدە گرامماتىكىلىق تۈرلىنىشكە كىرسە، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ سۆزلەردىن پېئىل ياسىلىپ، پېئىل ھالىتىدە تۈرلەنسە، ئۇ ھالدا قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئىسىم ھالىتىدە:
    چىش – چىشتا، چىشقا، چىشلار، چىشلىق، ...
    پېئىل ھالىتىدە:
    چىشلە- – چىشلىگەن، چىشلىسە، چىشلىسۇن، چىشلىدۇق، چىشلەڭ، چىشلەڭلەر، چىشلىگەي، چىشلىگىلى...
    ئىسىم ھالىتىدە:
    ئىز – ئىزدا، ئىزغا، ئىزلار، ...
    پېئىل ھالىتىدە:
    ئىزلە- ئىزلىگەن، ئىزلىسە، ئىزلىسۇن، ئىزلىدۇق، ئىزلەڭ، ئىزلەڭلەر، ئىزلىگەي، ئىزلىگىلى  ...
    ئىسىم ھالىتىدە:
    ئىش – ئىشتا، ئىشقا، ئىشلار  ...
    پېئىل ھالىتىدە:
    ئىشلە- – ئىشلىگەن، ئىشلىسە، ئىشلىسۇن، ئىشلىدۇق، ئىشلەڭ، ئىشلەڭلەر، ئىشلىگەي، ئىشلىگىلى،..
      ⑤”ئى“ بىلەن تۈزۈلگەن تۆۋەندىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللار تۈرلەنگەندە ياكى ئۇلاردىن ئىسىم ياسالغاندا، ئەھۋال باشقىچىرەك بولۇپ، بۇ پېئىللاردىن ياسالغان سۆزلەرنىڭ خاراكتېرىغا قاراپ، تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئىل-  – ئىلمەك (ئىسىم)، ئىلماق (پېئىل)، ئىلغۇر، ئىلغان، ئىلسا  ...
    تىز-  – تىزىق (ئىسىم)، تىزىم، تىزىملىك (ئىسىم)، تىزماق (پېئىل)، تىزغان، تىزسا  ...
    ⑥ ئاخىرقى بوغۇمىدا ئارا سوزۇق تاۋۇش ”ئې، ئى“ بولغان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولۇشىغا قاراپ، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئانسامبىل – ئانسامبىلدا، ئانسامبىلغا، ئانسامبىللىق؛ ئانسامبىلىڭ، ئانسامبىلىڭلار؛ ئانسامبىلىڭىز، ئانسامبىلىڭىزلار  ...
    سەلبىي – سەلبىيلىك، سەلبىيلەشمەك  ...
    تەقدىر – تەقدىردە، تەقدىرگە، ... ؛ تەقدىرلە-، تەقدىرلەر، تەقدىرىڭ، تەقدىرىڭلەر، تەقدىرىڭىز، تەقدىرىڭىزلەر، ....
    قەبىھ – قەبىھلىك، قەبىھلەشمەك، ...
    مۇئەللىم – مۇئەللىمدە، مۇئەللىمگە، مۇئەللىملەر، مۇئەللىملىك، مۇئەللىمىڭ، مۇئەللىمىڭلەر، مۇئەللىمىڭىز، مۇئەللىمىڭىزلەر، ...
    سۈلھى – سۈلھىدە، سۈلھىگە، سۈلھىلەر، سۈلھىلىك؛ سۈلھىڭ، سۈلھىڭلەر، سۈلھىڭىز، سۈلھىڭىزلەر، ...
    ئىسسى- – ئىسسىق، ئىسسىقلىق؛ ئىسسىڭ، ئىسسىڭلار؛ ئىسسىدىڭ، ئىسسىدىڭلار، ئىسسىدىڭىز؛ ئىسسىدىڭىزلار؛ ئىسسىسۇن؛ ئىسسىدۇق؛ ئىسسىسىلا؛ ئىسسىغاي، ئىسسىغايلا؛ ئىسسىساڭ، ئىسسىساڭلار، ئىسسىسىڭىز، ئىسسىسىڭىزلار،..
    قىدىر- – قىدىرىڭ، قىدىرىڭلار؛ قىدىرىڭىز، قىدىرىڭىزلار؛ قىدىردىڭ، قىدىردىڭلار؛ قىدىردىڭىز، قىدىردىڭىزلار؛ قىدىرسۇن؛ قىدىردۇق؛ قىدىرسىلا؛ قىدىرغاي، قىدىرغايلا؛ قىدىرساڭ، قىدىرساڭلار؛ قىدىرسىڭىز، قىدىرسىڭىزلار، .....
    سىلجى- – سىلجىڭ، سىلجىڭلار؛ سىلجىڭىز، سىلجىڭىزلار؛ سىلجىدىڭ، سىلجىدىڭلار؛ سىلجىدىڭىز، سىلجىدىڭىزلار؛ سىلجىسۇن؛ سىلجىدۇق؛ سىلجىسىلا؛ سىلجىغاي، سىلجىغايلا؛ سىلجىساڭ، سىلجىساڭلار؛ سىلجىسىڭىز، سىلجىسىڭىزلار، .....
    بېكى-  بېكىڭ، بېكىڭلەر؛ بېكىڭىز، بېكىڭىزلەر؛ بېكىدىڭ، بېكىدىڭلەر؛ بېكىدىڭىز، بېكىدىڭىزلەر؛ بېكىسۇن؛ بېكىدۇق؛ بېكىسىلە؛ بېكىگەي، بېكىگەيلە؛ بېكىسەڭ، بېكىسەڭلەر؛ بېكىسىڭىز، بېكىسىڭىزلەر، .....
    ئىنتىل- – ئىنتىلمە؛ ئىنتىلىڭ، ئىنتىلىڭلەر؛ ئىنتىلىڭىز، ئىنتىلىڭىزلەر؛ ئىنتىلدىڭ، ئىنتىلدىڭلەر؛ ئىنتىلدىڭىز، ئىنتىلدىڭىزلەر؛ ئىنتىلسۇن؛ ئىنتىلدۇق؛ ئىنتىلسىلە؛ ئىنتىلگەي، ئىنتىلگەيلە؛ ئىنتىلسەڭ، ئىنتىلسەڭلەر؛ ئىنتىلسىڭىز، ئىنتىلسىڭىزلەر،....
    ئېڭىش- – ئېڭىشىڭ، ئېڭىشىڭلەر؛ ئېڭىشىڭىز، ئېڭىشىڭىزلەر؛ ئېڭىشدىڭ، ئېڭىشدىڭلەر؛ ئېڭىشدىڭىز، ئېڭىشدىڭىزلەر؛ ئېڭىشسۇن؛ ئېڭىشتۇق؛ ئېڭىشسىلە؛ ئېڭىشكەي، ئېڭىشكەيلە؛ ئېڭىشسەڭ، ئېڭىشسەڭلەر؛ ئېڭىشسىڭىز، ئېڭىشسىڭىزلەر، ....
    ⑦ تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا ”ق، غ“ تاۋۇشلىرى كەلسە، ”لىق، لىك“ قوشۇمچىلىرىنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى بولغان ”-لىق“ شەكلى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ھەقىقىي + لىق = ھەقىقىيلىق
    مۇستەقىل + لىق = مۇستەقىللىق
    ئەقىل + لىق = ئەقىللىق
    مەنتىق + لىق = مەنتىقلىق
    ⑧ تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان، ”غ، ق“ بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى  قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئىرغى-  – ئىرغىغان، ئىرغىسا، ئىرغىسۇن، ئىرغىدۇق، ئىرغىڭ، ئىرغىڭلار، ئىرغىڭىز،  ئىرغىڭىزلار، ئىرغىغاي، ئىرغىغايلا، ئىرغىدىڭ، ئىرغىدىڭلار  ...
    سىرغى-  – سىرغىغان، سىرغىسا، سىرغىسۇن، سىرغىدۇق، سىرغىڭ، سىرغىڭلار، سىرغىڭىز، سىرغىڭىزلار، سىرغىغاي، سىرغىغايلا، سىرغىدىڭ، سىرغىدىڭلار  ...  
    يىقىل-  – يىقىلغان، يىقىلسا، يىقىلسۇن، يىقىلدۇق، يىقىلىڭ، يىقىلىڭلار؛ يىقىلىڭىز، يىقىلىڭىزلار؛ يىقىلغاي، يىقىلغايلا، يىقىلدىڭ، يىقىلدىڭلار  ...
    مىشقىر- – مىشقىرغان، مىشقىرسا، مىشقىرسۇن، مىشقىردۇق، مىشقىرىڭ، مىشقىرىڭلار، مىشقىرىڭىز، مىشقىرىڭىزلار، مىشقىرغاي، مىشقىرغايلا، مىشقىردىڭ، مىشقىردىڭلار...  
    ⑨ باش بوغۇمىدىكى ”ئا“ ياكى ”ئە“ تاۋۇشلىرى تىل تەرەققىياتى جەريانىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ، ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىش نەتىجىسىدە، تارىخىي جەھەتتىن تۇراقلىشىپ كەتكەن سۆزلەرنىڭ ئەسلى ھالىتى ئاساس قىلىنىپ (ئەسلى سۆزنىڭ باش بوغۇمى ”ئا“ ياكى ”ئە“ بولغانلىقىغا قاراپ) تۇرۇپ، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ياكى تىل ئالدى ۋارىيانتلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    سېسىق (ساسىق) – سېسىقتا، سېسىققا، سېسىقلىق  ...
    يېقىن (ياقىن) – يېقىندا، يېقىنغا، يېقىنلىق  ...
    قېلىن (قالىن) – قېلىنلىق  ...
    ئېغىر (ئاغىر) – ئېغىرلىق  ...
    بېلىق (بالىق) – بېلىقتا، بېلىققا، بېلىقلار  ...
    قېنىق (قانىق) – قېنىقلىق  ...
    ئېنىق (ئانىق) – ئېنىقلىق   ...
    سېرىق (سارىغ) – سېرىقتا، سېرىققا، سېرىقلىق  ...
    ئېتىز (ئاتىز) – ئېتىزدا، ئېتىزغا، ئېتىزلار، ئېتىزلىق  ....
    سېغىز (ساغىز) – سېغىزدا، سېغىزغا، سېغىزلار  ....
    ھېكىم (ھەكىم) – ھېكىمدە، ھېكىمگە، ھېكىملەر، ھېكىملىك  ...
    كېپىش (كەپىش) – كېپىشتە، كېپىشكە، كېپىشلەر، كېپىشلىك  ...
    شېھىت (شەھىت) – شېھىتلەر، شېھىتلىك  ...
    يېمىش (يەمىش) – يېمىشتە، يېمىشكە، يېمىشلەر، يېمىشلىك  ...
    ئەمما، ”پېقىر، تېۋىپ، دېڭىز، خېمىر، زېمىن، سېمىز، مېيىپ، ئېجىل، يېلىم“ قاتارلىق سۆزلەر يۇقىرىدىكى قائىدىگە بويسۇنمايدىغان بولۇپ، ھازىرقى تىل ئىستېمالىمىزدا، بۇ سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    پېقىر (پەقىر) – پېقىردا، پېقىرغا، پېقىرلىق  ...
    تېۋىپ (تەبىب) – تېۋىپتا، تېۋىپقا، تېۋىپلار ، تېۋىپلىق  ...
    دېڭىز (تەڭىز) – دېڭىزدا، دېڭىزغا، دېڭىزلار  ...
    خېمىر (خەمىر) – خېمىردا، خېمىرغا، خېمىرلار، خېمىرلىق  ...
    زېمىن (زەمىن) – زېمىندا، زېمىنغا، زېمىنلار، زېمىنلىق  ...
    سېمىز (سەمىز) – سېمىزدا، سېمىزغا، سېمىزلار، سېمىزلىق  ...
    يېلىم (يەلىم) – يېلىمدا، يېلىمغا، يېلىملار، يېلىملىق  ....
    ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتىگە زىت ئايرىم ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئادەتلەنگىنىمىز بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز.
    ⑩ تەركىبىدە ”ئا“ ياكى ”ئە“ بولغان بىر بوغۇملۇق پېئىللاردىن ياسالغان تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا، ئەسلى پېئىل ھالىتى ئاساس قىلىنىپ قوشۇلىدۇ. يەنى تۈپ پېئىل تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى، تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئېقىن (ئاق-) – ئېقىندا، ئېقىنغا، ئېقىنلار، ئېقىنلىق  ...
    يېغىن (ياغ-) – يېغىندا، يېغىنغا، يېغىنلىق  ...
    بېسىم (باس-) – بېسىمدا، بېسىمغا، بېسىملىق  ...
    كېسىم (كەس-) – كېسىمدە، كېسىمگە، كېسىملىك  ...
    تېپىن (تەپ-) – تېپىندە، تېپىنگە، ....
    كېچىك (كەچ-) كېچىكتە، كېچىككە، كېچىكلەر، كېچىكلىك  ...
    كېلىن (كەل-) – كېلىندە، كېلىنگە، كېلىنلەر، كېلىنلىك  ....
    3) ”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
    ”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق تۈرلىنىشكە كىرىدىغانلىرىنىڭ ئىملاسى تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە يېزىلىدۇ:
    ①”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە كېلىش، كۆپلۈك ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”-چە“ نىڭ ئالدىدىكى بوغۇم ئاساس قىلىنىدۇ. يەنى ”-چە“ نىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بولسا، قوشۇمچىنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولسا، قوشۇمچىنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:  
    تۈركچە – تۈركچىدە، تۈركچىگە، تۈركچىلەپ، تۈركچەڭ، تۈركچەڭلەر، تۈركچىڭىز، تۈركچىڭىزلەر
    تەكچە – تەكچىدە، تەكچىگە، تەكچىلەر، تەكچەڭ، تەكچەڭلەر، تەكچىڭىز، تەكچىڭىزلەر
    ئۈنچە – ئۈنچىدە، ئۈنچىگە، ئۈنچىلەر، ئۈنچەڭ، ئۈنچەڭلەر، ئۈنچىڭىز، ئۈنچىڭىزلەر
    پارچە – پارچىدا، پارچىغا، پارچىلار، پارچىڭىز، پارچىڭىزلار؛ پارچىلا
    تامچە – تامچىدا، تامچىغا، تامچىلار، تامچىلاپ
    غۇنچە – غۇنچىدا، غۇنچىغا، غۇنچىلار، غۇنچاڭ، غۇنچاڭلار، غۇنچىڭىز، غۇنچىڭىزلار؛ غۇنچىلا-،  
    ②”-چە“ نىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا ئارا سوزۇق تاۋۇش ”ئې، ئى“لار بولغان سۆزلەرگە كېلىش، كۆپلۈك ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئەگەر ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ”خ، غ، ق“ تاۋۇشلىرى بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى، ”خ، غ، ق“ تاۋۇشلىرىدىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
    زىخچە – زىخچىدا، زىخچىغا، زىخچىلار، زىخچاڭ، زىخچاڭلار، زىخچىڭىز، زىخچىڭىزلار
    قىرغىزچە – قىرغىزچىدا، قىرغىزچىغا، قىرغىزچىلاپ، قىرغىزچاڭ، قىرغىزچاڭلار، قىرغىزچىڭىز، قىرغىزچىڭىزلار
    تىزىقچە – تىزىقچىدا، تىزىقچىغا، تىزىقچىلار، تىزىقچاڭ، تىزىقچاڭلار، تىزىقچىڭىز، تىزىقچىڭىزلار
    ئىنگلىزچە – ئىنگلىزچىدە، ئىنگلىزچىگە، ئىنگلىزچىلەپ، ئىنگلىزچەڭ، ئىنگلىزچەڭلەر، ئىنگلىزچىڭىز، ئىنگلىزچىڭىزلەر
    نېمىسچە – نېمىسچىدە، نېمىسچىگە، نېمىسچىلەپ، نېمىسچەڭ، نېمىسچەڭلەر، نېمىسچىڭىز، نېمىسچىڭىزلەر


    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2417
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    1259
    نادىر تىما
    19
    مۇنبەرپۇلـــى
    16385
    شۆھـرىتـــــى
    13135
    تۆھپــــــــــە
    85
    سودا پۇلــــى
    12771
    ياخشـى باھا
    1561
    تەجىربىسى
    39%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 352 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-28
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 02-29
    پايدىلىق تېما يوللاپسىز رەھمەت

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    4034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    667
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    1925
    شۆھـرىتـــــى
    6738
    تۆھپــــــــــە
    1
    سودا پۇلــــى
    6584
    ياخشـى باھا
    704
    تەجىربىسى
    96%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 606 سائەت
  • تىزىم:
    2011-09-10
    ئاخىرقى:
    2012-10-20
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 02-29
    ياخشى تىما ئەپكەپسىز ، قولىڭىزغا دەتكەلمىسۇن

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5341
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1042
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9638
    شۆھـرىتـــــى
    9638
    تۆھپــــــــــە
    2
    سودا پۇلــــى
    9605
    ياخشـى باھا
    1125
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 257 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-17
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 02-29
    بۇلارنىمۇ تەپسىلى كۆرۇپ چىقىتىم،راس پايدىلىقكەن،رەھمەتسىزگە،،

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    1124
    نادىر تىما
    6
    مۇنبەرپۇلـــى
    3612
    شۆھـرىتـــــى
    10016
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    9965
    ياخشـى باھا
    1240
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 279 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 02-29
    تىمىڭزغا كۆپ رەخمەت

    مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    435
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1139
    نادىر تىما
    4
    مۇنبەرپۇلـــى
    15765
    شۆھـرىتـــــى
    11735
    تۆھپــــــــــە
    62
    سودا پۇلــــى
    10474
    ياخشـى باھا
    1414
    تەجىربىسى
    34%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 648 سائەت
  • تىزىم:
    2009-05-01
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 03-01
    ئانا تىلنى قەدىرلەش تەكىتلىنىۋاتقان پەيتتە بۇ تېمىڭىز تازا ياقتى، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    1124
    نادىر تىما
    6
    مۇنبەرپۇلـــى
    3612
    شۆھـرىتـــــى
    10016
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    9965
    ياخشـى باھا
    1240
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 279 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 03-01
    سىزگە رەخمەت مەن بۇنى ئوقۇسام مەكتەپتىكى چېغىم ئىسىمگە كەلدى .

    مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    4766
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    268
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    15
    شۆھـرىتـــــى
    2694
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    2843
    ياخشـى باھا
    374
    تەجىربىسى
    79%
    ھالىتى
    توردا:
  • 128 سائەت
  • تىزىم:
    2011-11-10
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 03-01
    تىلىمىزنى تولۇق ئۆگىنىمەن دېسىڭىز، يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئۈچ توملۇق«ئۇيغۇر تىلى»دېگەن كىتاپنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، تارىخى، ئالاھىدىلىكى، تەتقىقاتچىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خېلى مۇكەممەل كىرگۈزۈلگەن، تېخى نۇر بەكرىنىڭ ئىمزالىق باشلاش سۆزىمۇ بار.....

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6645
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    139
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    13
    شۆھـرىتـــــى
    1418
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    1389
    ياخشـى باھا
    156
    تەجىربىسى
    40%
    ھالىتى
    توردا:
  • 107 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-13
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 03-01
    رەخمەت مەن بۇكىتاپنى ئالغان

    内容来自[短消息]

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6731
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    506
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    5131
    شۆھـرىتـــــى
    5120
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    5120
    ياخشـى باھا
    532
    تەجىربىسى
    75%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 152 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-15
    ئاخىرقى:
    2012-03-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 9 ئېلان قىلىنغان: 03-02
    ۋاي بىچارە جپاكەش دوستۇم نىمانچە جىق خەت بۇ رەخمەت نەكلا جاپا تاتۇپسىز  كودىڭىزما مەنمۇ خاتا يازغىلى تۇدۇم بىر چاي ئىچىۋىلىڭە مەن جىنىمدا ئوقۇپ بولغىچە ھىرىپ كەتتىم سىز نىم بوغانسىز رەخمەت ھە............................ قارىڭە ھەيرانلىقتا ماڭقاممۇ چىكەتتى   بارىكاللا بولدىڭىز مانا

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى