بۇجايدا مەردانىىلەر ياتۇر
كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم،بۇجايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزىرىتى سۇلتان ساتۇق،بۇغرايى خاقانلار ياتۇر .
خەلق ئۈچۈن قۇربان بېرىپ،دۈشمەن بىلەن قىلغان كۆرەش،
ئۇل شەھىدۇر قەھرىمان ئالىپ ئارسلانخانلار ياتۇر.
نۇر چېچىپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ،ئەۋلادنى قىلدى بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر .
يادىگەر ئەيلەپ جاھانغا،يازدى ‹‹دىۋانۇ لۇغەت››،
مەھمۇدۇل قەشقەر كەبى ئەھلى-شەرەپشانلار ياتۇر .
ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن،خەلق ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن ئەل-ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر .
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن،بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر .