<< دوڭغاق تىرەك >>
كۆز ئالدىمغا كەلدى شۇ كۈنلەر،
ئاي يورىغىدا سۆيۈشكەن تۈنلەر.
دوڭغاق تىرەك ئاستىدا تۇرۇپ،
كەلگۈسىنى سۆزلەشكەن جۈپلەر.
شۇ بىر چاغلار مۇھەببەتلەشكەن،
دوڭغاق تىرەك پوستىنى سويۇپ.
قوش يۈرەك قىلىپ يازدۇق ئىسىمنى،
گۇناھسىز تىرەك باغرىنى ئويۇپ.
بوپتۇ ئەمدى قۇرۇپ ئۇ قاخشال،
نەۋرەم ئوتۇن قىلدى ئوچاققا.
خارلىدۇق بىز تەبئەتنى شۇنداق،
ئالسىمۇ گەر بىزنى قۇچاققا.
2012 - يىلى 2- ئاينىڭ 24 - كۈنى