<< چۈشۈمدە >>
كىرىپ قاپتۇ مۇنبەر چۈشۈمگە ،
تېما ، ئىنكاس توشۇپ كەتكۈدەك.
تەستىق سېلىپ ئاتەش رەناخان ،
ئۈلگىرەلمەي چېپىپ يۈرگىدەك.
يوقاپ كىتىپ ئاشپەز < سەمەتجان >،
لەييان قىزچاق ئېلان بەرگۈدەك ،
رەھپەر بولۇش خام چوتنى سوقۇپ ،
ئەنگەر ئۇستاز ماراپ يۈرگىدەك .
ئاۋاز قوشۇپ سۈبھى خانقىزمۇ،
مۇنبەر ئۈچۈن قوشاق قاتقۇدەك.
ئەخلەت تېما ئۆچۈرۈلسە دەپ،
خوشامەتجان تەنبىھ بەرگۈدەك.
بولكىلارنى قانداق پىشۇرار؟ دەپ،
ھىدايەتبەرسۇن ياردەم سورىغىدەك.
جاۋاپ بىرىپ ، خۇشتار ساققاممۇ،
ئەستايىدىل چۈشەندۈرگىدەك.
داستىخان سەپ سوررايە قىزچاق،
ئەزالارنى مىھمان قىلغۇدەك .
جايىغا ئۇرۇپ مۇقام شاپلاقنى،
ساخچىخانىغا پۇل تۆلىگۈدەك.
خەتىرى يوق ئورۇقلايسىز دەپ،
ئارچا ھەدەم ئېلان قىلغۇدەك ،
بازار ئېچىپ كۆپ پۇل تاپاي دەپ ،
< روڭگېنىلا > ماختاپ يۈرگىدەك .
بەخىتلىك مەن دەپ ئاقلالە قىزچاق ،
ئەينىكىگە قاراپ تۇرغىدەك .
كۆكتات توغراپ ئىككى سائەت تۇرمىسۇن،
گۈلخان يالغان داۋراڭ سالغۇدەك.
مۇناقىنى ، مۇتاكى دىگەن ،بىر كوپلىتلا شېئر يازغۇدەك
ئىنكاس يېزىپ بۇنىڭغا پولوجان،
ئويلاندۇردى مىنى ئاجايىپ،
تېمىڭىزغا رەھمەت دىگۈدەك .
نائىلەمۇ كۆڭلىنى بۇزۇپ ،
كەسپى تېما يولاننمىدى دەپ ،
تەسەللى بەردىم شۇئان ئۇنىڭغا،
بىكالا بولساق يوللايمىز چوقۇم دەپ.
ئاتەش رەنا ۋارقىراپ شۇئان .
تەستىىق بىرىپ قولۇم تالدى دەپ،
باشقۇرغۇچى مەنلامىدىم ،
قۇتقۇزۇڭلار مىنى دىگۈدەك.
ئۇخلاۋەرمەڭ !!! غەيرىتەم قوپۇڭ ،
كۈن چۈش بولدى ناشتا قىلىۋېلىڭ!!!
ئويغۇنۇپ مەن يېنىمغا قارسام ،
مىھىربان ئانام بېشىمدا تۇرغىدەك .
يەنە باتى چۈشنىڭ ئاخىرى ،
قوپۇپ كەتتىم چالا ئۇيقىدىلا.
نىسىپ بولسا يازارمەن يەنە،
مۇنبىرىمىز قىزىغان بىر كۈنى.
Thn-8DT *'`ByS ] $$ciFM