ئاچچىقسۇ ئاياللارنىڭ ياخشى دوستى
ئاچچىقسۇ ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ بولۇپلا قالماي يەنە،سالامەتلىكنى ئاسراشتا كەم بولسا بولمايدۇ.ئاياللار ئاچچىقسۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا،ئاچچىقسۇ ئاياللارغا ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
ئاچ قورساق بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.ئاياللار ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ،ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا،ئاچچىقسۇ تەركىۋىدە ئامىنو كىسلاتاسى،گىلوكولتىك ئېنىزىم ۋە ھەرخىل تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولغاچقا،ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ،ئۈچەي يولىدىكى ئېكولوگىيەلىك باكتىرىيە توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ،تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىكەن.قەۋزىيەت ئېغىرراق بولسا،كۈندە ئەتىگەن ئاچ قورساققا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىپ بولۇپ،بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىۋەتسە،بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرىلىدىكەن.
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ئورۇقلايدۇ.ئاچچىقسۇدا 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ،ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ،خولستروننى تۆۋەنلىتىدۇ.دائىم ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە،بەدەندىكى ياغنى خورىتپلا قالماي،قەنت،ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ راۋان ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئادەمنى ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىدۇ.شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغانلار كۈندە كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى10-15مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە،ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
تېرىگە ئاق ئاچچىقسۇ سۈركەپ ئۇۋىلىسا ،قورۇق چۈشۈش ۋە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا قارىغاندا،ئاچچىقسۇنىڭ بەدەندىكى خىلىتلارنى ھەيدەپ،يېڭى ماددا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ،ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش،بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قورۇق يوقۇتۇش رولى بار ئىكەن.كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن،بىر قوشۇق ئاچچىقسۇنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ،پالكۇچ بىلەن يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈركەپ،3-5 مىنۇت بوشراق ئۇۋۇلاپ ،يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە ،قورۇقنى يوقۇتۇشقا پايدىسى بولىدىكەن.بۇنىڭدىن سىرت،ئاچچىقسۇنى ئىسسىتىپ پۇتنى يۇسا ئۇيقۇ ياخشى بولىدۇ.