پۇرچاق ئۇيۇتما قېقى قورىمىسى
 
ماتىرىيالى :
تەييارلاش ئۇسولى:
.قازانغا سۇ قويۇپ ، سۇڭپىياز ، زەنجىۋىل ، بەدىيان ، كاۋاۋاچىن ، قاقمۇچ سېلىپ 
قاينىتىپ ، تەييارلىۋالغان گۈشنى سېلىپ چوكا سايساق ئۆتىدىغان بولغۇچە پىشۇرۇپ
 ئېلىپ ، توڭلايقۇغا سېلىپ سوۋۇتۇپ ئېلىپ ، يالپاقداپ توغرىۋالىمىز .
2.قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ ،پۇرچاق قىيامى  سېلىپ قورۇپ مېيى چىققاندا 
توغرىۋالغان گۈشنى سېلىپ قورۇپ ئېلىۋالىمىز .
3 .قازانغا پىياز ، پۇرچاق ئۇيۇتما قېقى سېلىپ قورۇپ كەينىدىن گۈشنى سېلىپ 
ئازراق  قورۇپ شورپا ياكى ئىسسىق سۇ قويۇپ بىر قاينىتىۋالىمىز .مۇۋاپىق مىقداردا جىياڭيو ، شېكەز ، تۇز سېلىپ ، قىزىل ، يېشىل مۇچ ۋە سۇڭپىياز كۆكىدە زىننەتلەپ
 تەخسىگە ئالساق بولىدۇ . تامام 
. 

قېنى باققايلا !
 
ئەسكەرتىش : گۈشنى بىۋاستە قورۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، تەمىنى ئۆزگىچە
 قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ۋە ياكى  قۇۋۋەتلىك يىيەلمەيدىغان كىشىلەرگە بۇ خىل 
ئۇسول ماس كىلىدۇ .