يۇمشاق بالىلار تورتى
خام ماتىرياللار:
1. تۇخۇم ئىقى 30گىرام 2.شىكەر ئۇنى 45گىرام 3.قارا شىكەر 30گىرام 4.ئۈرۈك مىغىزى تالقىنى 45گىرام
5.سىرىق ئۇن رەڭ 0.1گىرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. شىكەر ئۇنى بىلەن ئۈرۈك مىغىزى تالقىنىنى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسىدا تەكشى ئارلاشتۇرىمىز.
2. تۇخۇم ئىقى بىلەن شىكەرنى ئارلاشتۇرۇپ كۆپتۈرىمىز ئاندىن سىرىق ئۇن رەڭنى قوشۇپ ئوتتۇرا سۈرئەتتە
يەنە تەكشى ئارلاشتۇرىمىز.
3. كۆپتۈرۈپ تەييارلانغان تۇخۇم ئىقى سۇيۇقلۇقلىقىغا .ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان شىكەر ئۇنى بىلەن ئۈرۈك
مىغىزى تالقىنىنى قوشۇمىز.
4. رەسىمدىكىسىگە ئوخشاش تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئايرىم تەييارلىۋالىمىز.
5. گۇل سىقىپ چىقىرىش خالتىسغا ئىلىپ تەييارلىۋالىمىز.
6. لىس ئۇستىگە ماي قەغەز قويۇپ تەييارلاپ ئۇنىڭغا گۇل سىقىپ چىقىرىش خالتىسغا ئىلىپ تەييارلىۋالغان
سۇيۇقلۇقنى 3-5سانتىمىتىر كەڭلىكتە قىلىپ تەكشى سىقىپ قويۇپ.دوخۇپكىنىڭ گىرادۇسىنى 200 دە200
قىلىپ تەڭشەپ 3مىنۇت پۇشۇرۋالغاندىن كىيىن دوخۇپكا گىرادۇسىنى 140قا چۇشۇرۇپ 5مىنۇتتىن8مىنۇتقىچە
پۇشۇرۇپ تەييارلايمىز.
قىيامىنىڭ ماتىرياللىرى:
1.سىرىق ماي32گىرام 2.ئاپلىسىن سۈيى 20گىرام 3.تۇخۇم ئىقى 20گىرام 4.قارا شىكەر 20گىرام
5.لىمون سۈيى -ئازراق
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ئاپلىسىن سۈيى.تۇخۇم سىرىقى.شىكەر.لىمو سۈيى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز.
2. ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان خام ماتىرياللارنى بىر جاۋۇرغا ئىلىپ ئوتقا قويۇپ ئاستا ئوتتا قىززىتىپ
تەكشى ئارلاشتۇرىمىز.
3. خام ماتىرياللارنى قىززىقلىقتا ئارلاشتۇرۇش گىرادۇسى 50گىرادۇس بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.
4. سىرىق ماينى قوشۇپ قول بىلەن تۇخۇم ئارلاشتۇرۇش چويلىسى بىلەن تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قىيامنى
تەييارلىۋالىمىز.
5. ئارلاشتۇرۇش ۋاختى 4-6مىنۇتقىچە بولسا ئاڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
6. تەييارلاپ بولغان قىيامنى پۇشۇرۇپ تەييارلانغان كىچىك تورت ئوتتۇرسىغا تەكشى سىقىپ ئىككىسىنى
جۈپلەپ تەييارلاپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
پۇشۇرۇق ساھەسىدە تىخنىك خادىمغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز.ياكى پۇشۇرۇق سەھەسىدە ئۇچۇرغان قىيىن
مەسىللەرنى ھەل قىلماقچى بولسئىڭىز.پۇشۇرۇق ساھەسىدىن .مەسلىھەت سورىماقچى ۋە ياكى پۇشۇرۇق
ساھەسىدىن باشقۇرۇش.يىڭىلىق يارتىش. كەسىپ ئىگەللەش.يىڭى تۈر ئۇگۈنۈش.قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە
ئىھتىياجىڭىز بولسا ئاشپەز تور بىكىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ؟