؟؟؟؟؟؟؟؟
بولساڭمۇ نىگارىم كۆزۈمدىن يىراق،
كۆڭلۈمگە يېقىن بوپ سالىسەن پىراق.
ھىجرانلىق كۈنلەرگە بېرىمەن بەرداش،
چىن سۆيگۈ بولغاچقا دىللارغا چىراق.
شېئىرىمدا سېغىنىش تۇرسىمۇ تامچىپ،
چېھرىمدىن كۈلكىلەر كەتسىمۇ قېچىپ.
ئۈمۈدلىك ياشاشنى ئۈگەتكەچكە سەن،
چۈشكۈنلۈك چۆلىگە قالمىدىم پېتىپ.
جىسمىمدا كۈۋەجەر چىدام ۋە غەيرەت،
يۈرەككە سىزىلغاچ ئوتلۇق مۇھەببەت.
كۆرىمىز ئىككىمىز ئوخشاش بىر چۈشنى،
سۆيۇش ۋە سۆيۈلۈش ياشنايدۇ ئەبەت.