كۈلگەك چىلان ماتىرىيالى : چوڭ چىلان ، پىچەكگۈل ، نومى گۇرۇچ ئۇنى ، ئاق شېكەر ، تۇز ، تېتىتقۇ ، كۈنجۈت يېغى 
تەييارلاش باسقۇچلىرى :
1. چىلاننى پاكىزە يۇيۇپ ، ئورۇقىنى چىقىرىۋېتىمىز .  

2.پىچەكگۈلنى ئادالاپ ، توغرىۋېلىپ ، مىكرو دولقۇنلۇق ئۇچاق بولسا 6 مېنوت 30 سىكنوت  ، ئادەتتىكى كورىدا 20~30مېنۇت دۈملەپ پىشۇرۇپ ئېلىپ ، ئېزىپ قىيام قىلىۋالىمىز .  

3.پىچەكگۈل قىيامىنى ئۈستىگە ، نومى گۈرۈچ ئۇنى ، ئاق شېكەر قويۇپ ئېلەشتۈرۈپ خېمىز قىلىۋالغاندىن كىيىن ، بەش مېنۇت  تىندۇرىمىز . 

4.خېمىرىمىزنى ئەنبەلگە ئېلىپ تەكشىلەپ ، رەسىمدىكىدەك توغرىۋالىمىز . 

5.قولىمىز بىلەن ياساپ ، سوزۇنچاق ھالاتكە ئەكىلىپ ، چىلاننىڭ ئىچىگە ئالىمىز .




6.ھەممىنى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن ، تەخسە بىلەنلا كورىغا سېلىپ ، 10 مېنۇت دۈملەپ ئالىمىز .
ئۆزىڭىز خالىغان شەكىلدە تەخسىگە تىزىپ تەييارلىۋېلىڭ ! تامام . قېنى ئەمدى مەرھەمەت !!!!