ئائىلە ماش ئۇيماقورمىسى(家常豆腐)
ئاساسى ماتىريالى:ماش ئويما(دوفۇ)،گۆش ،كۆك قىزىل مۇچ.قېرىنقۇلاق،مايلىق يېسۋىلەك

تەم خۇرۇچلار:تۇز،تېتىتقۇ،غول پىياز،زەنجىۋىل،سامساق،كىراخمال ،ماي،جاڭيۇ،قزىلمۇچ مېيى،
كاۋاۋىچىن ،شورپا،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ ،پەمىدۇر قىيامى
تەييارلاش ئۇسۇلى:1- دۇفۇنى 3سانتا ئەتىراپىدا ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلدە توغراپ قىزىغان مايغا سېلىپ مايدىن ئۆتكۈزۈۋالىمىز.
2-قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قوناق چوڭلۇقىدا توغرالغان گۆشنى سىلىپ قورۇپ چالا پىشقاندا ،سۇڭپىياز،زەنجىۋىل،
سامساق،قاتارلىق ماتىرياللارنى سىلىپ قورۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ سىلىپ قىزارغاندا مۇۋاپىق مىقتاردا،پەمىدۇر قىيامى سىلىپ پۇراق چىققاندا مۇۋاپىق مىقداردا شورپا قۇيۇپ،تۇز،جاڭيۇ،تېتىتقۇ،بىلەن تەمىنى
تەڭشەپ تەييارلانغان دۇفۇنى سىلىپ بوش ئوتتا قاينىتىپ ئازراق كىراخمال سۈيى قۇيۇپ ئىلەشتۈرۈپ تەخسىگە ئالىمىز.

ئالاھىدىلكى:رەڭگى قىزىل پارقىراق ماسلاشقان دۇفۇ مىزىلىك يۇمشاق تەننەرقى تۆۋەن