مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 3ئىنكاس
  • 444كۇرىلىشى

توي قىلىش ئالدىدىكى خانىم -قىزلارغا............. [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
3224
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
چولپان ئەزا
يازما
1790
نادىر تىما
3
مۇنبەرپۇلـــى
634
شۆھـرىتـــــى
18523
تۆھپــــــــــە
11
سودا پۇلــــى
17880
ياخشـى باھا
2062
تەجىربىسى
50%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 860 سائەت
  • تىزىم:
    2011-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى


    تەرجىمە قىلغۈچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز



    سوئال: مەن توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، يېڭى تۇرمۇش ھاياتىمنى بەرىكەتلىك ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە باشلىشىم ئۈچۈن ماڭا پايدىلىق يوليورۇق ۋە نەسىھەتلەرنى قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.

    جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.ئاللاھ تائالادىن تۇرمۇشىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى، يېڭى ھاياتىڭىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

    بىزنىڭ نەسىھىتىمىز: ئاشكارا يوشۇرۇن ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىشقا، توسقانلىرىدىن چەكلىنىشكە تىرىشىڭ. ھەرۋاقىت ئاللاھقا گۈزەل شەكىلدە ئىلتىجا ۋە تەۋەككۇل قىلىڭ. ئاللاھنىڭ تولۇق ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭ.ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىڭىز، ئېرىڭىزنى رازى قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد، ھۈسەيىن ئىبنى مۇھسىندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «ئۇ كىشىنىڭ ھاممىسى ئۆزىنىڭ بىر ھاجىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالدىن: سىز تۇرمۇشلۇق بولغانمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يولدىشىڭىز بىلەن قانداق ئۆتىسىز؟دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئېرىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى سىزنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئوتتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ» دېدى. شەيخ ئەلبانى جامىئۇل سەھىھدە بۇ ھەدىسنى ياخشى ھەدىس دېگەن.

    ئېرىڭىز بىلەن بولغان تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ، رىغبىتىنى تولۇق ئورۇنداشقا تېرىشىش بىلەن باشلاڭ. تۇرمۇش قۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز ئۇنىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بولسۇن.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئايالىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئېرىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان ئايالغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

    كېيىم-كېچەك، زىبۇ-زىنەتلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ. يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا دائىم گۈزەل ھەيئەتتە، (يەنى سىزنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەتتە) كۆرۈنۈشكە تېرىشىڭ. ئېرىڭىزگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق چىراي بولۇڭ. تەبەسسۇمنى ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزگە دوست تۇتۇڭ. پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىڭ. ئۆيىڭىزنى رەتلىك تۇتۇپ، مۇھىت گۈزەللىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى تەييار قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، چۈنكى ئەرلەر خىزمەتتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئائىلىدە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ۋە ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ تەدبىرچانلىقى ۋە ئائىلىنى ياخشى تۈزەشتۈرىشى بىلەن بولىدۇ.

    بىرەر قېتىم سىزدىن رەنجىپ قالسا، گەرچە سىزدىن خاتالىق سادىر بولمىسىمۇ ئۇنى رازى قىلىشقا تېرىشىڭ. بۇنىڭ بىلەن سىز جەننەت ئاياللىرىدىن بولۇشقا ھەقلىق بولىسىز. ئاللاھنىڭ دىنى شەرىئەتلىرىدە گۇناھ بولمايدىغانلا بولسا، ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ ۋە ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ. تاكاللىشىپ جېدەل-ماجرا قىلماڭ، چۈنكى بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. شەرىئەتكە خىلاپ بولغان بىرەر ئىشلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئاللاھنى ئەسلىتىپ چىرايلىق گۈزەل ئۇسلۇبتا نەسىھەت قىلىڭ. ئېرىڭىزدىن بىرەر ئازار كۈلپەتكە ئۇچرىسىڭىز سەۋىر قىلىڭ. ئەر-ئايال ئىككىڭلار ئارىسىدىكى نورمالسىزلىقنى ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىزگە دەرت تۆكۈپ شىكايەت قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئەر-ئايال ئىككىڭلار مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى ئائىلىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئېچىپ بېرىش، ئېرىڭىزنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئارىدىكى سۇغۇقچىلىقنى كۈچەيتىدۇ. قىينى ئاتا، قىينى ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ، ئاچا-سىڭىل، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئېھتىرام قىلىڭ. ئەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بىر تۇغقانلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش، ئايالنى ئېرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى ئەسلىتىش بىلەن نەسىھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئەۋرەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال ئۈچۈن قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكلىرىدىن خالىسىڭىز جەننەتكە شۇ ئىشىكتىن كېرىڭ دىيىلىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (1664) رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.ئاللاھ تائالادىن ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى، تۇرمۇشىڭلارنى ياخشىلىق ئۇستىگە قىلىشىنى سورايمىز.


    مەنبە: ئىسلام ئۆيى تور بېتىدىن ئېلىندى.



    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2254
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    914
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    9285
    شۆھـرىتـــــى
    8985
    تۆھپــــــــــە
    16
    سودا پۇلــــى
    8985
    ياخشـى باھا
    969
    تەجىربىسى
    28%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 628 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-09
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-10-30
    بۇ ھەقتە مۇنبىرىمىزنىڭ گۈزەل خانىم-قىزلىرى نېمە دەركىن قېىنى ئىككى كەلىمە سۈز ئاڭلايلى !

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2273
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1044
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    4887
    شۆھـرىتـــــى
    10083
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    10050
    ياخشـى باھا
    1080
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 164 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-20
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-10-31
    < ئېرىڭىزدىن بىرەر ئازار كۈلپەتكە ئۇچرىسىڭىز سەۋىر قىلىڭ. ئەر-ئايال ئىككىڭلار ئارىسىدىكى نورمالسىزلىقنى ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىزگە دەرت تۆكۈپ شىكايەت قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئەر-ئايال ئىككىڭلار مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى ئائىلىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئېچىپ بېرىش، ئېرىڭىزنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئارىدىكى سۇغۇقچىلىقنى كۈچەيتىدۇ>.بۇ يەرلەرنى مەن بەكرەك بىلىۋالاي كىيىن ياخشى بىر تەرەپ قىلالماي قالماي يەنە. رەھمەت سىزگە..ساقلىۋالاي.

    بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                             ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    9059
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    قىزىققۇچى ئەزا
    يازما
    99
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    540
    شۆھـرىتـــــى
    540
    تۆھپــــــــــە
    16
    سودا پۇلــــى
    540
    ياخشـى باھا
    112
    تەجىربىسى
    92%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 23 سائەت
  • تىزىم:
    2012-09-05
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 09-20
        

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى