مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 4ئىنكاس
  • 306كۇرىلىشى

بىر يۇەننىڭ ھىكايىسى............. [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
3703
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
تۆھپىكار ئەزا
يازما
268
نادىر تىما
0
مۇنبەرپۇلـــى
2750
شۆھـرىتـــــى
2750
تۆھپــــــــــە
0
سودا پۇلــــى
2750
ياخشـى باھا
303
تەجىربىسى
80%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 34 سائەت
  • تىزىم:
    2011-08-01
    ئاخىرقى:
    2012-08-16
    — بۇ يازمىنى ئەنگەر رەسىم.كىنو-فىلىم ،ناخشا مۇزىكىلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-10-19) —
    بىر كۈنى مەن مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەشكىللىگەن ئىرادە يېتىلدۇرۇش ئويۇنىغا قاتناشتىم. ئويۇننىڭ مەزمۇنى بولسا يېنىغا بىر پۇڭمۇ سالماي تۇرۇپ كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇش ئىدى. بېلەت باھاسى بىر يۈەن بولۇپ، مەن بىر يۈەن قەرز ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. ئويۇننىڭ قائىسىدە مەن ئالدى تەرەپتىن پۇل سورايمەن، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېلېكامېراسى كەينى تەرەپتىن ئەگىشىپ يۇشۇرۇن سۈرەتكە ئالىدۇ.
           ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېتىپ كېلىپ خېلى ۋاقىت ئىككىلنىپ تۇرۇپ قالدىم، ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ ئوتتۇرا ياشلاردىن ھالقىغان بىر ئادەمگە:
          - تاغا، مېنىڭ ھەميىنىمنى باشقىلار ئوغىرلىۋالدى، ماڭا ياردەم قىلىپ بىر يۈەن بېرىپ تۇرالامسىز؟ ئاپتوبوسقا ئولتۇرۋالسام، - دېدىم.  
           ئۇ ئادەم بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن مۇنداق دېدى:  
           - مەن سېنىڭدەك ئادەملەرنى كۆپ كۆرگەن، ھازىر بۇ يەردىن مەندىن بىر يۈەن سورايسەن، ئۆرۈلۇپلا ئۇ يەردە باشقىلاردىن بىر يۈەن سورايسەن. شۇنداق قىلىپ ئاي ئاخىرىغىچە سېنىڭ قىلغان كىرىمىڭ مېنىڭ مائاشىمدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ.  
         ئېنىقكى، ئۇ ئادەم مېنى كەسپىي قەلەندەر قاتارىدا كۆرۈپ قالغانىدى. تىلىم كالۋالىشپ ھېچنىمە دېيەلمىدىم. بىرىنچى مەيدان <كۆرۈنۈش> مانا مۇشۇنداق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
         مەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋىتىپ، ئىككىنچى قېتىملىق <ھۇجۇم> غا تەييارلاندىم.  
         بۇ قېتىم مەن چىرايىدىن مېھرىبانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر موماينى نىشان قىلدىم.  
         - موما، مېنىڭ ھەميىنىمنى باشقىلار ئوغرىلىۋالدى. ھازىر يېنىمدا بىر پۇڭمۇ پۇل يوق، ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇپ قايتىۋىلىشىم ئۈچۈن بىر يۈەن بېرىپ تۇرالامسىز؟ - دېدىم مەن تولىمۇ خىجالەتچىلىكتە.  
         موماي ماڭا سىنجىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
         - يىگىت ، قارىسام زىيالىغا ئوخشايدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە لايىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىز كېرەك. يىگىت ياخشى ئۆگىنىڭ، سزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يولىڭىز تېخى ئۇزۇن، ھەرگىزمۇ ئەتىدىن - كەچكىچە قالايمىقان ئىشلارغا كاللا قاتۇرماڭ، سىزگە ھازىر بىر يۈەن پۇل بېرىپ تۇرسام بولىدۇ. بىراق سىز كېيىن ئىشنىڭ يولىنى ئۇقۇپ، پۇشايمان قىلغان چېغىڭىزدا مېنى قارغىشىڭىزدىن قورقىمەن. چۈنكى، ماڭا ئوخشاش ئادەملەر باغرى يۇمشاقلىق قىلىپ، سىزنى قەدەممۇ قەدەم ھالاكەتكە يۈزلەندۇرىدۇ.
          موماينىڭ تەربىيەسىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قايتۇرىدىغان مۇناسىپ جاۋاب تاپالمىدىم. مېنىڭچە، ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا بولمايدۇ، ئۇلار چوقۇم بۇنداق ئىشلارغا ناھايتى كۆپ ئۇچىرىغان. بىراق، موماينىڭ گېپى ماڭا بىر ئەرسكەرتمە بولدى، ئۇ مېنى: <زېيالىغا ئوخشايدىكەنسىز> دېدى. مەن ئۆزۈمنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېسەم، بەلكىم تېخىمۇ بەكرەك ھېسداشلىققا ئېرىشەلىشىم مۇمكىن.  
         ناھايتى مودا ياسىنىۋالغان بىر قىز كەلدى، مەن ئۇنىڭغا:
         - خانقىز، مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بۈگۈن ھەميىنىمنى ئېلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئاپتوبوس بىلەن مەكتەپكە قايتىۋىلىشىم ئۈچۈن بىر يۈەن پۇل بېرىپ تۇرالاسىزمۇ؟ - دېدىم.  
         قىز ئىنتايىن ھەيران قالغان ھالدا ئارقىغا نەچچە قەدەم داجىپ، ماڭا گۇمانسىراش نەزىرىدە تىكىلدى. ئۇ بەلكىم مېنى قىزلارنى ئاۋارە قىلىدىغان بىركار تەلەپ دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي، يېنىمدىن خۇددى خەتەرلىك رايوندىن ئۆتكەندەك ئەگىپ ئۆتۈپ، چاقماق تېزلىكىدە بېكەتنىڭ قارشى يەنە بىر تەرىپىگە يۈگۈرۈپ كەتتى.
         ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇنۇشۇمنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولغاچقا، بىر ئاز ئۈمۈدسىزلەندىم. كەينىمگە قارىسام تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوپېراتورى توختىماستىن باش بارمىقىنى چىقىرۋاتاتتى، بۇ بىز ئويۇنغا كىرىشىشتىن بۇرۇن بېكىتىۋالغان پارۇل ئىدى، مەنىسى < داۋاملاشتۇرىۋەر> دېگەنلىك بولاتتى. ئېنىقكى، مېنىڭ مەغلۇبىيىتىم ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى، بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالنى ياندىن كۆرگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن بىر قىزىقارلىق ئىش دېيىش مۇمكىن.
         شۇ ئەسنادا، بىر كىچىك دوست بېكەتكە يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرمەكچى بولدۇم. بۇ قېتىم ھەميان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ... دېگەندەك يالغان گەپلەرنى قىلىشنى خالىمىدىم. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەكەللۇپ بىلەن:  
         - شا كىچىك، ئاپتوبوسقا چىقىشىم ئۈچۈن بىر يۈەن پۇل بېرىپ تۇرالامسەن؟ - دېدىم. ئۇ دەرھال يانچۇقىدىن بىر يۈەن پۇلنى ئېلىپ ماڭا سۇندى. بۇ قېتىم ناھايتى ھەيران قالدىم. بۇ كىچىك دوستنىڭ ھېچنىمە دېمەستىنلا ماڭا پۇل بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ يېتەلمىدىم.
         - سەن نېمە ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلدىڭ؟ - دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن. كىچىك دوست دەرھاللا:       چۈنكى سىزنىڭ ئاپتوبوسقا ئولتۇرغۇدەك پۇلىڭىز يوق - دە، مۇئەللىم بىزگە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە سەۋەب كەتمەيدۇ دېگەن، - دېدى.
          بىردىنلا بىر خىل ئىسسىق ئېقىم يۈرىكىمدىن ئېقىپ ئۆتكەندەك بولدى.
         پىروگرامما ئاخىرلىشىدىغان چاغدا رىياسەتچى مېنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مەندىن مۇشۇنداق بىر ئويۇنغا قاتنىشىشىمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىمغا قانداق تەسىر بولغانلىقىنى سورىدى. مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم:
        - بۇنىڭدىن كېيىن يېنىمغا بىر يۈەن پۇلنى كۆپرەك سېلىۋىلىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىمەن دېدىم.


    مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2254
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    914
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    9285
    شۆھـرىتـــــى
    8985
    تۆھپــــــــــە
    16
    سودا پۇلــــى
    8985
    ياخشـى باھا
    969
    تەجىربىسى
    28%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 628 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-09
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-10-19
    دۇنيا مىھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇ.ھەي لېكىن بۇگۇنكىدەك رەزىللىشىپ كەتكەن جەمئەتتە .......................... ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3224
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1790
    نادىر تىما
    3
    مۇنبەرپۇلـــى
    634
    شۆھـرىتـــــى
    18523
    تۆھپــــــــــە
    11
    سودا پۇلــــى
    17880
    ياخشـى باھا
    2062
    تەجىربىسى
    50%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 860 سائەت
  • تىزىم:
    2011-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-10-19
    يائاللا .بۈگۈن دەم ئالغان ئوخشىمامسىز؟

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3927
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    دائىملىق ئەزا
    يازما
    119
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    1206
    شۆھـرىتـــــى
    1200
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    1200
    ياخشـى باھا
    121
    تەجىربىسى
    35%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 19 سائەت
  • تىزىم:
    2011-08-28
    ئاخىرقى:
    2012-03-15
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 2011-10-31
    بىر قارىماققا كۇلكىلىك بىلىندكەن .ئەمما ئوبدانراق ئويلانسا ،جەميەتتە ئاق كۇڭۇل ئادەملەرنڭ كوپلكىنى بىلگلى بولدكەن.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6731
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    506
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    5131
    شۆھـرىتـــــى
    5120
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    5120
    ياخشـى باھا
    532
    تەجىربىسى
    75%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 152 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-15
    ئاخىرقى:
    2012-03-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 03-08

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى