مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 2ئىنكاس
  • 1416كۇرىلىشى

ئەقىللىق بىر ئانىنىڭ نەسىھىتى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

112
 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
228
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
*
يازما
*
نادىر تىما
*
مۇنبەرپۇلـــى
*
شۆھـرىتـــــى
*
تۆھپــــــــــە
*
سودا پۇلــــى
*
ياخشـى باھا
45
تەجىربىسى
45%
ھالىتى
توردا:
  • سائەت
  • تىزىم:
    *
    ئاخىرقى:
    *
                  ئەقىللىق بىر ئانا قىزىنى ياتلىق قىلغاندىن كىيىن مۇنداق نەسىھەت قىپتۇ:
      ئەي قىزىم ! بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قۇلىمىزدىن كەتتىڭ، باشقا بىر ئادەمگە يارۇ -يولداش بولدۇڭ، سەن ئۈچۈن بەخىت- ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن.
      قىزىم، ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ئۆزىگە يولداش، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى ، شادلىقتا بىللە شادلانغۇچى يولداش بولۇش ئۈمىدى بىلەن سىنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن. ئۇ ھەر ۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن .
      قىزىم ، تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن ، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا كېرەك بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار . ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىنى ، بولۇپمۇ قېيناتاڭ، قېيناناڭنى ھۆرمەت قىل . ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ ، ئۆز ئاتاڭدەك كۆر. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭ ھېسابلا، قېيناناڭ، قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل . مۇشۇ يېڭى تۇغقانلىرىڭنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل ، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قىلىشتىن ساقلان ، چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ . سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار ، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار . بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالار ۋە ئاخىر كىسەل بولۇپ قالار. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد ، تېنىچ بولۇشىغا مۇھتاجدۇر ، ئائىلىسىدە ئازراق قايغۇ بولسا ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتەر .
        قىزىم ! ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يوشۇرما ، ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما . باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارسى گەپ قىلما . چىرايىڭنى تۈرمە . ئەرلەر خوتۇنلىرى تەرەپتىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازىراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئتىگە خىلاپ ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس . ئەگەر كۆڭلىڭگە ياقمىغان ئادىتى بولسا ، ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت.
        قىزىم ، ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن ، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول . ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردىغان ئىشلارنى قىلما . ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسراپ تۇت ، ئىسراپ قىلما .
        قىزىم ، ئۆيۈڭ تەرتىپلىك ، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن . بالىلىرىڭنى دادىسىغا ئامراق ، دادىسىنى بالىلىرىغا كۈيۈمچان قىلىشقا تىرىش . ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك . بالىلىرىنى سۈيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ .
        قىزىم ، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق ، تەدبىرلىك خوتۇنلار ئۈچۈن ئېغىر ئىش ئەمەس . ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ .
      قىزىم ، بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ . دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ ئۇنىڭ توغرا بولمىغان ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازراق سۆزلە .
      قىزىم ، ئائىلە ھەر ۋاقىت نېمەت ئەمەستۇر ، بەزى چاغلىرىدا زەھىرى ، تىكىنى ، نەيزىلىرى ھەم بولىدۇ . ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغۇقچىلىق چۈشسە ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن سۆزلە ، قىزىرىشما ، چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە ، ھۆرمەت قىل ، ئۇ ھەر قانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما . ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر .
      قىزىم ، بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تىنىنى ئاسرا ، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل ، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر .
      ئايال ئەرنىڭ قاتتىق كۆڭلىنى يۇمشاتقۇچى ، پۈتۈن ئائىلىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرغۇچى ، بۇزۇپ - چېچىشتىن ساقلىنىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن مال يىغقۇچى، ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ تەن ۋە كۆڭلىنى ئاسراپ ئۆستۈرگۈچى ، ئېرىدە بولغان بۇزۇق ئادەت ،مىجەزلەرنى تۈگىتىشكە سەۋەپ بولغۇچىدۇر .
      ئاياللار ۋە ئانىلار يوقارقىدەك تىرىشچانلىقلارنى ۋە بەدەللەرنى تۆلىيەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلۇغدۇ .
      ئېسىڭدە بولسۇنكى <ئەر رازى ، خۇدا رازى > .
    شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى.

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    مۇنبەرباشلىقى
    يازما
    2107
    نادىر تىما
    91
    مۇنبەرپۇلـــى
    270
    شۆھـرىتـــــى
    2451
    تۆھپــــــــــە
    58
    سودا پۇلــــى
    10013315
    ياخشـى باھا
    8388607
    تەجىربىسى
    36814%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 1817 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-12
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2009-04-08
    مەن بۇنى لايىقىمغا  كورسىتىپ قويسام بولغىدەك  

    تۇرمۇش تەجىربىلىرىمدىن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، كەمچىلىكى يوق كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ ئاز بولىدۇ.
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    15
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    2050
    نادىر تىما
    8
    مۇنبەرپۇلـــى
    28440
    شۆھـرىتـــــى
    21634
    تۆھپــــــــــە
    163
    سودا پۇلــــى
    13840
    ياخشـى باھا
    2597
    تەجىربىسى
    49%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 388 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-13
    ئاخىرقى:
    2011-12-15
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2009-04-09
    رەھمەت نسىزگە مەن دائىم مۇشۇن داك ئۇيلايتتىم چۇنكى مىنىڭ ئاپاممۇ دا.ىم مۇشۇنداق دەيدۇ .

    ئاپام شۇنداق گەپلەر نى قىلغاندا مىنى شۇنداق يىغا بىسىپ كىتىدۇ بۇ ئانىلار غا نىمىنداق جاپادۇ دەپ.

    باللىرىڭنى بېقىپ چوڭ قىلىپ چوڭ بولۈغاندا راھىتىنىمۇ كۇرەلمەي ياتلىك قىل  ئەگەر يولدىشىنىڭ كوڭلىگە ئەرزىمىسە يەنە خا پىلىققا كالىدىغان ئادەم يەنە شۇ ئاناڭ ......................................                                               

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى