مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 2120ئوقۇش
  • 8ئىنكاس

بالا تەربىيلەشنىڭ 57 خىل ئۇسۇلى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
794
دەرىجىسى
ئوت يۈرەك
يوللانغان يازما
47
نادىر تىما
1
مۇنبــــەرپۇلـــى
630
شۆھـرىتـــــــــى
535
مۇنبەر تۆھپـــە
3
سودا پۇلـــــــــى
370
ياخشــــــى باھا
69
تەجىربىسى
63%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
كەيپىيات
ئېنىقسىز بولسا.بۇ يەرگە بېرىڭ
بالىلارنىڭ تەربىيە ھوقۇقلىرى ئاتا - ئانىلارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتتۇر.  
ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق بالا تەربىيلەش ئاتا -ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيتىدۇر.

بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلار يېزىلغان بولۇپ، بۈگۈن بۇ كىتاپلاردىن ئېلىنغان خۇلاسە ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. بۇ تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى ئەقىدە، ئىبادەت، ئەدەپ - ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيلەش، بالىلارنىڭ جىسمانىي، پىسخىك، ئىجتىمائىي، سەھىيە، مەدەنىيەت ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئويۇن ئارقىلىق تەربىيىلەش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تەدبىرلىرى قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بالا تەربىيىلەش بىر پەن ۋە ماھارەت بولۇپ بۇنى ھەر بىر ئاتا - ئانا ئۆگىنىش كېرەك.
بەزى ئاتا - ئانىلار تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى بىلمىگەنلىكتىن بالىلىرىنىڭ يارامسىز ئادەم بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن قاقشايدۇ، ھەتتا بەزىلەر بالىلىرىدىن بىزار بولۇپ سەندەك بالىنى تاپقىچە بالىسىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسامچۇ دەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.

بەزىلەر بىلىمسىزلىك ياكى بالىدىن يىراقتا تۇرغان سەۋەپلىك بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلىيەلمىگەن بولسا يەنە بەزىلەر خىزمەت ۋە پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكتىن بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە ۋاقىت ئاجرىتالمىغان. نەتىجىدە بالىلىرى تەربىيىسىز چوڭ بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىر مىسالى: ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ئىشلەيدىغان بىر ئادەم خىزمەتدىشىغا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىزمەتدىشى ھەيران بولۇپ، نېمىشقا شۇنداق يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى سورىغاندا: ئۇ ، مەن بۇ يەردە بالىلىرىمغا ياخشى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش شارائىتى يارىتىمەن دەپ جاپا تارتىپ ئىشلەپ يۈرۈپتىمەن، بىر بالام مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغانلىقتىن ھەيدىلىپتۇ، يەنە بىرسى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قاپتۇ، دەپتۇ.
ئەلۋەتتە، بالىلارغا ماددىي شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەننىڭ ئۆزىلا ياخشى تەربىيە قىلغانلىق ھېساپلانمايدۇ.
شۇڭا ھەر بىر ئاتا - ئانا بالىلىرىنى دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەربىيلەش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم.  

1‏- بالىڭىزنىڭ سادىق ۋە راستچىل بولىشىنى خالىسڭىز، ئۇنى قورقۇتماڭ.
2‏- سىز ئاۋال راست گەپ قىلىڭ، بالا راست گەپ قىلىشنى سىزدىن ئۆگەنسۇن.
3‏- ئۇنىڭغا راستچىللىقنىڭ ۋە ئامانەتدار بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى چۈشەندۈرۈڭ.
4‏- بالىڭىزنىڭ راستچىللىقىنى ئۆزىگە تۇيدۇرماستىن سىناپ بېقىڭ.
5‏- بالىڭىزنى سەۋرچانلىققا ۋە ئالدىراپ كەتمەسلىككە كۆندۈرۈڭ.  بەزى سەۋر تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق سەۋر قىلىش ۋە چىدامچانلىقنى ئۆگىتىڭ.
6‏- بالىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇڭ، بۇ ئۇلارغا ئادىللىقنى ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
7‏- بالىڭىزنى ئۆز نەپسىدىن خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئارتۇق بىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەقىقى ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ.
8‏- بالىڭىزغا كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق، ئوغۇرلۇق ۋە يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ۋە يامان ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىڭ.
9‏- بالىڭىز شىجائەت ۋە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن چاغلاردا ئۇنى ماختاڭ ۋە مۇكاپاتلاڭ، ئۇنىڭغا باتۇرلۇقنىڭ ئېسىل خېسلەت ئىكەنلىكىنى ۋە قىلغان ئىشىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ.
10‏- قاتتىق قوللۇق قىلماڭ، زىيادە قاتتىق قوللۇق قىلىش بالىنى يۈرەكسىز، يالغانچى ۋە قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ.
11‏- بالىغا كەمتەرلىك ۋە مۇلايىملىقنى سۆيدۈرۈڭ، تەكەببۇرلۇقنىڭ ناچار سۈپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ.
12‏- بالىڭىزغا كىشىلەرنىڭ پۇل - مال، نەسەب ۋە مەنسەپ بىلەن بىر بىرىدىن ئارتۇق بولمايدىغانلىقىنى بەلكى  ياخشى ئەمەل بىلەن بىر بىرىدىن ئارتۇق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.
13‏- ئۇنىڭغا زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى، خىيانەتنىڭ ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە ئىسيانكارلىقنىڭ قەۋمنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ.
14‏- بەزى شەيئىلەرنىڭ پەرقلىرىنى بايان قىلىڭ، مەسىلەن، باتۇرلۇق بىلەن قاراملىق، ھايا بىلەن خىجىللىق، كەمتەرلىك بىلەن خارلىق ۋە زېرەكلىك بىلەن مەككارلىقنىڭ پەرقلىرىنى چۈشەندۈرۈڭ.
15‏- بالىڭىزنى سېخىلىق ۋە مېھماندوست بولۇشقا ئادەتلەندۈرۈڭ، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز سېخىلىق ۋە ئوچۇق قوللۇق بىلەن نەپىقە قىلىڭ، بېخىللىقتىن ساقلىنىڭ.
16‏- ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىڭ، خۇسۇسەن بالىلىرىڭىز غا قىلغان ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ، شۇنداق قىلسڭىز ئۇلارنىڭ قەلبىدە ۋەدىگە ۋاپا قىلىش خېسلىتى ئورۇنلىشىدۇ.
17‏- بالىڭىزغا سالام قىلىڭ.
18 -باالىڭىز ئالدىدا ئەۋرىتىڭىزنىڭ ئېچىلىپ قىلىشدىن ساقلىنىڭ.
19- قوشنىلىرىڭىزدىن ھال سوراپ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭ.
20- بالىڭىزغا قوشنىلارنىڭ ھوقۇقىنى ۋە ئۇلارغا ئازار بېرىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ.
21‏- ئاتا - ئانىڭىزغا ياخشىلىق قىلىڭ، تۇققانلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ، بۇ ئىشلاردا بالىڭىزنى بىللە ئېلىۋىلىڭ.
22‏- بالىڭىزغا، كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ئازار بەرمەيدىغان ئەدەپلىك بالىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ.
23‏- بالىڭىزغا، بەزى ئىجتىمائىي ئەدەبلەر، ۋەسىيەتلەر ۋە نەسىھەتلەرنى يېزىپ بېرىڭ.
24‏- بالىڭىزغا، بەزى قىلىق ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنى دەپ بېرىڭ.
25‏- بالىڭىزغا ئايرىم ئولتۇرۇپ نەسىھەت قىلىڭ، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا جازالىماڭ.
26‏- مۇمكىن قەدەر مالامەتنى ئاز قىلىڭ. ئەيىپلىمەڭ.
27‏- بالىڭىزنىڭ ياتىقىغا كىرىشتىن ئىلگىرى رۇخسەت سوراڭ، بۇ، رۇخسەت سوراپ كىرىشنى ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.
28‏- سىز بالىڭىزغا قىلغان سۆزنى بىرىنجى قېتىمدىلا چۈشەندى دەپ پەرەز قىلماڭ. چۈشەنمىگەن بولسا سەۋرچانلىق بىلەن قايتا چۈشەندۈرۈڭ.
29‏- بالىڭىزنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا كۆز يۈمۈڭ، كۆڭلىڭىزدە ساقلاپ يۈرمەڭ.
30‏- خاتالاشقان چىغىڭىزدا بالىڭىزغا ئۆزرە ئېيتىڭ ۋە ئەپۇ سوراڭ.
31- بالىڭىز ئەلاچى بولغان چاغدا ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈڭ ۋە مەن بىلىمەن سەن بەك ھۇشيار، شۇڭا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشەلىگەن دەڭ.
32- بەزى نەرسىلەر ۋە ئىشلارنى بالىڭىزغا خاس قىلىڭ.
33- بالىڭىزنىڭ سۆزلىرىنى ۋە بەزى ھەرىكەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭ.
34- بالىڭىزغا تەبرىكلەش، قارشى ئېلىش ۋە ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئۆگىتىڭ.
35- بالىغا يول كۆرستىش ۋە ئىش ئۆگىتىشتە ھەددىدىن ئاشۇرۋەتمەڭ. ئۆزىنىڭ قىلىشىغا قويۇپ بېرىڭ.
36- بالىڭىزنى، ھەممە ئىشقا مۇكاپات بېرىمەن دەپ ماددى مەنپەئەتكە كۆندۈرۈپ قويماڭ. بولمىسا بالا ماددى مەنپەئەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
37- بالىڭىزنى ئەڭ يىقىن دوستىڭىز قىلىۋىلىڭ.
38- بالىڭىزنىڭ ئوينىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىڭ.
39- بالىڭىزغا پايدىلىق ئويۈنچۈقلارنى ئېلىپ بېرىڭ.
40- بەزنى ئويۇنچۇقلارنى ئۇ ئۆزى تاللىسۇن.
41- بالىڭىزغا سۇ ئۈزۈش، يۈگۈرۇش باشقا تەنھەرىكەتلەرنى ئۆگىتىڭ.
42- بالىڭىز بىلەن بىللە ئويناڭ، بەزىدە ئۇنىڭ يېڭىۋىلىشىغا يول قويۇڭ.
43- بالىڭىزنى ئۆلچەملىك غىزالاندۇرۇڭ.
44- ئۇنىڭ ئۈچ ۋاخ تامىقىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
45- بالىڭىزنى تاماقنى بەك كۆپ يېىيىشتىن چەكلەڭ ۋە چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرىڭ.
46- بالىڭىزنىڭ تاماق يەۋاتقان چاغدىكى خاتالىقلىرىدىن ھېساپ ئالماڭ.
47- كۆپىنچە بالىڭىز ياقتۇرىدىغان تاماقلارنى ئېتىڭ.
48- بالىڭىزنىڭ ھەر بىر سۆزىنى دېققەت بىلەن ئاڭلاڭ.
49- بالىڭىز دۇچ كەلگەن مۈشكۈلاتلارنى ئۆزى ھەل قىلسۇن، تۇيدۇرماستىن ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ.
50- بالىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ ۋە بىرەر ئىشنى قىلىپ رەھمەت ئېيتىڭ.
51- بالىڭىزنى قەسەم قىلىشقا زورلىماڭ، ئۇنىڭغا مەن ساڭا ئىشىنىمەن دەڭ.
52- تەھدىد سېلىش ۋە جازا ۋەدە قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
53- بالىڭىز ئۆزىنى دۆت ۋە ئەسكى دەپ ھېس قىلىپ قالمىسۇن.
54- ئۇنىڭ كۆپ سوئال سورىشىدىن تېرىكمەڭ، ھەر بىر سورىغان سوئالىغا ئاددى ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىڭ.
55- بالىڭىزنى باغرىڭىزغا بېسىپ ئۇنىڭغا ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
56- بەزى ئىشلاردا بالىڭىزغا مەسلىھەت سېلىڭ ۋە مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىڭ.
57- بالىڭىزغا بەزى ئىشلاردا قارار چىقىرىش ئەركىنلىكى بېرىڭ.
مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

ئوخشاپتۇ

قالتىس

چاۋاك

كۈلكىلىك

قوللاش

بارىكاللا
 
قۇرئان ھەقىقى بۇلاق.
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
1288
دەرىجىسى
ئوت يۈرەك
يوللانغان يازما
584
نادىر تىما
2
مۇنبــــەرپۇلـــى
6341
شۆھـرىتـــــــــى
6110
مۇنبەر تۆھپـــە
0
سودا پۇلـــــــــى
6090
ياخشــــــى باھا
658
تەجىربىسى
40%
ھالىتى
كەيپىيات
ئېنىقسىز بولسا.بۇ يەرگە بېرىڭ
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-03-21
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.
 
گۇلخان
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
611
دەرىجىسى
ئوت يۈرەك
يوللانغان يازما
877
نادىر تىما
1
مۇنبــــەرپۇلـــى
9280
شۆھـرىتـــــــــى
9285
مۇنبەر تۆھپـــە
3
سودا پۇلـــــــــى
8250
ياخشــــــى باھا
941
تەجىربىسى
59%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
كەيپىيات
ئېنىقسىز بولسا.بۇ يەرگە بېرىڭ
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-03-21
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاشلار بولىدىغان ئوتتىن ساقلاڭلار» – (تەھرىم سۈرىسى، 6 – ئايەت).
 
سەن ياقتۇرمىغان بىرەر   ئىشتا سەبىر قىلغىن اللە كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
2237
دەرىجىسى
ئوت يۈرەك
يوللانغان يازما
218
نادىر تىما
0
مۇنبــــەرپۇلـــى
2340
شۆھـرىتـــــــــى
2320
مۇنبەر تۆھپـــە
0
سودا پۇلـــــــــى
2320
ياخشــــــى باھا
240
تەجىربىسى
92%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
كەيپىيات
ئېنىقسىز بولسا.بۇ يەرگە بېرىڭ
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 2011-03-21
،ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.
    
ئاشپەزلەر
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
2505
دەرىجىسى
ئوت يۈرەك
يوللانغان يازما
230
نادىر تىما
2
مۇنبــــەرپۇلـــى
2409
شۆھـرىتـــــــــى
2410
مۇنبەر تۆھپـــە
0
سودا پۇلـــــــــى
2400
ياخشــــــى باھا
253
تەجىربىسى
97%
ھالىتى
كەيپىيات
ئېنىقسىز بولسا.بۇ يەرگە بېرىڭ
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 2011-03-21
بۇ تىمىڭىزنى   ساقلىۋالاي.ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن كىيىنچە بالىلىق بولۇپ قالسام  ئەسقاتقۇدەك.
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
64
دەرىجىسى
باشقۇرغۇچى
يوللانغان يازما
2897
نادىر تىما
45
مۇنبــــەرپۇلـــى
3660
شۆھـرىتـــــــــى
720
مۇنبەر تۆھپـــە
50
سودا پۇلـــــــــى
10018210
ياخشــــــى باھا
8388607
تەجىربىسى
16785%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
كەيپىيات
ئېنىقسىز بولسا.بۇ يەرگە بېرىڭ
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 2011-03-21
بالا  تەربىيىلەشنىڭ  ئەڭ  ياخشى  ئۇسۇلى  ئالاھ تالادىن  ھەر  ۋاقت  بالىلىرىغا   ئىمان - ئىتىقاد ، تەۋپىق  ھىدايەت  ،  ساپ  ئەقىل ، ساغلام  تەن  تىلەپ تۇرۇش ،   پەرزەنتلىرى  ھەرقانچە  خاپا  قىلسىمۇ  سەۋرىچان  بولۇپ  ، ھەرگىزمۇ  قاغىماسلىق  !
جان ئارامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل ،
شاھ تائامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل !
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
2188
دەرىجىسى
ئوت يۈرەك
يوللانغان يازما
287
نادىر تىما
0
مۇنبــــەرپۇلـــى
3160
شۆھـرىتـــــــــى
3080
مۇنبەر تۆھپـــە
0
سودا پۇلـــــــــى
3080
ياخشــــــى باھا
370
تەجىربىسى
69%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
كەيپىيات
ئېنىقسىز بولسا.بۇ يەرگە بېرىڭ
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 2011-03-22
بالا  تەربىيىلەشنىڭ  ئەڭ  ياخشى  ئۇسۇلى  ئالاھ تالادىن  ھەر  ۋاقت  بالىلىرىغا   ئىمان - ئىتىقاد ، تەۋپىق  ھىدايەت  ،  ساپ  ئەقىل ، ساغلام  تەن  تىلەپ تۇرۇش ،   پەرزەنتلىرى  ھەرقانچە  خاپا  قىلسىمۇ  سەۋرىچان  بولۇپ  ، ھەرگىزمۇ  قاغىماسلىق  !

بۇلدىكەن يولىغىنىڭزغا رەخمەت
يۈسەن
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
2429
دەرىجىسى
ئوت يۈرەك
يوللانغان يازما
99
نادىر تىما
0
مۇنبــــەرپۇلـــى
1090
شۆھـرىتـــــــــى
1060
مۇنبەر تۆھپـــە
0
سودا پۇلـــــــــى
1060
ياخشــــــى باھا
110
تەجىربىسى
43%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
كەيپىيات
ئېنىقسىز بولسا.بۇ يەرگە بېرىڭ
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 2011-03-29
تىمىڭىزغا كۆپ رەخمەت .
يىگىت
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئېلان ئورنى4
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى