مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 2ئىنكاس
  • 1119كۇرىلىشى

ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
117
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
*
يازما
*
نادىر تىما
*
مۇنبەرپۇلـــى
*
شۆھـرىتـــــى
*
تۆھپــــــــــە
*
سودا پۇلــــى
*
ياخشـى باھا
446
تەجىربىسى
56%
ھالىتى
توردا:
  • سائەت
  • تىزىم:
    *
    ئاخىرقى:
    *
    ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى

    تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش

    (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن)


    تائاملارغا خاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى،
    بىزگە شەرەپ-شاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى.
    خاسىيەت ھەم شىپائىي بار ھەربىرىنىڭ،
    بىزگە ھۆسن-خالدۇر ئۇيغۇر تائاملىرى.
    − مۇھەممەتجان راشىدىن
    ئوزۇقلىنىش− ھاياتلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى، شۇڭا ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىزدىن «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس» دېگەن ھېكمەت مىراس قالغان. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئۆزلىرىنىڭ ياشىغان تەبىئىي شەرت-شارائىتى، مىزاجى، ئوزۇقلىنىش ئادىتى، ئېتىقاد ئادەتلىرىگە ماس كېلىدىغان، ئىنتايىن كۆپ تائام تۈرلىرىنى، شۇنداقلا ئىلمىي ئوزۇقلىنىش توغرىسىدىكى قىممەتلىك رىسالىلەرنى بىزگە مىراس قالدۇرۇپ، ئۆزىگە خاس تائام مەدەنىيىتى، تاماق ئېتىش ھۈنەر-سەنئىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە مىراس بولۇپ، خەلقىمىزگە كۈندە ئۈچ ۋاق ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارغا كۈچ-قۇۋۋەت، ئەقىل-پاراسەت، ساغلاملىق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان، جانغا ھۇزۇر، تىلغا لەززەت بېغىشلىغۇچى ئەنئەنىۋى تائاملىرىمىزنىڭ تۈرلىرى ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇيغۇر تائاملىرى تەمى، پۇرىقى، ئېتىلىشى ئۆزگىچە بولۇش، كۆرۈنۈشى، شەكلى ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغاش، مىللىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇش، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق.
    خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان قەدىمكى تۈرلۈك تارىخىي كىتابلاردىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىممەتلىك بايانلار خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم. ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار داۋانى»دا قەدىمكى ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئائىت 80 نەچچە ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنى يېمەك-ئىچمەك مەنبەسى، يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرى دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
    1) يېمەك-ئىچمەك مەنبەسىدە ئاساسەن: تارىغ (بۇغداي) ئارپا، تۇتۇرقان (گۈرۈچ) تۆگى (تېرىق)، قوناق، سۇ ياغ، قاغۇن (قوغۇن)، ياغ، ئەت (گۆش) سۈت، يۇند (ئات)، ئۇد (كالا)، قوي، ئۆچكە (ئۆچكە)، تاقاغۇ (توخۇ)، ئۆردەك، قاز (غاز)، بالىق (بېلىق)، يۇمۇرتغا (تۇخۇم)، بال (ھەسەل)، سارمۇ ساق (سامساق)، ئوغلى (ئاق سەۋزە)، مورچ (قارا مۇچ)، سپۈت (يۇمغاقسۈت)، سوغۇن (پىياز)، تۇرما (تۇرۇپ)، چاغمۇر (چامغۇر)، تارماز (تەرخەمەك) بۈتۈگە (پىدىگەن)، ياغ، گۆش، كۆكتات قاتارلىقلار
    تىلغا ئېلىنغان.
    2) يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرىدىن ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر تىلغا ئېلىنغان: (1) كۆمەچ، نان تۈرلىرىدىن ئەتمەك (نان)، چوقمىن (ھورنان)، قاتما (قاتلىما)، توقاچ، كۆزمەن (كۆمەچ)، پۈسكەچ (كاكچا)، پۈشكەل (پوشكال)، قۇيما (قۇيماق)… قاتارلىقلار؛ (2) سۇيۇق-سەلەڭ، قاينىتىلغان تائاملاردىن ئۈگرە، قېيما ئۈگرە، سارماچۇق (قۇشقاچ تىلى ئاش)، لەتۈ (بىر خىل سۇيۇق تاماق)، تۇتماچ (چۆپ) قاتارلىقلار؛ (3) گۆش تۈرىدىكى تائاملاردىن سۆگلۈنچۈ (كاۋاپ)، مۇن (شورپا)، قازى (قېزا)، سوغۇت (ھېسىپ) قاتارلىقلار؛ (4) ئىچىملىك تۈرلىرىدىن ئايران (قېتىق)، سۈزمە، بۇخسۇم (بوزا) قېمىز قاتارلىقلار.
    يۈەن سۇلالىسى دەۋرى(1279 ~ 1368) دە، ئوردىدا ساراي داستىخانچى، ئوزۇقشۇناس ۋە ئوردا تېۋىپى بولۇپ ئىشلىگەن مەشھۇر ئۇيغۇر تېبابەت ئالىمى قۇسقۇي تەرىپىدىن يېزىلغان «شىپالىق تائاملار دەستۇرى»دا بۇنىڭدىن 600 ~ 700 يىللار بۇرۇنقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن تائاملىرى، ئەت-گۆشلەر، كۆكتاتلار، خۇرۇچلار ۋە پەرھىزلەر بايان قىلىنغان.
    يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ھەققىدە خېلى نوپۇزلۇق رىسالە ۋە قامۇسلارنى نەشر قىلدۇردى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇردى. مەسىلەن: توختى باقى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984-يىلى نەشرى) «ئۇيغۇر تاماقلىرى» ناملىق كىتابقا 300 خىلغا يېقىن ئۇيغۇر تائاملىرى كىرگۈزۈلگەن. ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتابتا 640 نەچچە خىل تائام ۋە ئۇنىڭ خۇرۇچلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ياش تەتقىقاتچى ۋەلى كېرەم كۆكئالىپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى» (شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 2007-يىلى نەشر قىلىنغان) ناملىق كىتابقا نۇرغۇن تائاملار كىرگۈزۈلگەن. ئاپتور كىتابىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈنكى كۈندە بىز ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى 1000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، سان، سۈپەت جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دەپ ئېيتساق ئارتۇق كەتمەيدۇ» دەپ يازغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى «ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى مەجمۇئەسى» دېگەن سەرلەۋھىدە بىر يۈرۈش 23 پارچە كىتاب تۈزدى، ئۇنىڭ ھازىر 12 كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يۇقىرىدىكى بىرقاتار كىتابلارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنى ۋە كېيىن باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن تائاملىرىنى، مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
    1. نان تۈرىدىكى تائاملار
    نان تۈرىدىكى تائاملار دېگەندە، شەكلى قۇياش، ئاينى ئەسلىتىدىغان، پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان، ئاسان بۇزۇلۇپ
    قالمايدىغان، ساقلاپ يېيىشكە ماس كېلىدىغان، توي، نەزىر، مېھماندارچىلىقتا
    كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان تائاملار نەزەردە تۇتۇلىدۇ. نان تۈرىدىكى تائاملارنىڭ پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشاشمىغاچقا، ئۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرگە بۆلىمىز:
    1) قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغانلىرى كۆمەچ: بۇ ناندىن بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان تائام بولۇشى مۇمكىن. مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇنى «كۆزمەن» دەپ ئاتىغاندىن باشقا، «كۆمەچ» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ خىل تائام ھازىر كېرىيە ناھىيىسىنىڭ دەريا بويى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ھېلى ھەم مەۋجۇد. ئۇ كۆمەچ گۆشنان، قوقاس پېتىر كۆمىچى، قوقاس كۆمىچى، قېيمىلىق كۆمەچ، كۆممە قاتنان قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ.
    2) تونۇردا پىشۇرۇلىدىغانلىرى نان(ئەتمەك، ئەپمەك): ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تامىقى بولۇپ، قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 3200 يىلنىڭ ئالدىدىكى نان تېپىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپاننىڭ ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىنمۇ قەدىمكى نان تېپىلغان. ئۇيغۇرلاردا ناننىڭ تارىخى ھەقىقەتەن ئۇزۇن، تۈرى كۆپ شۇنداقلا نانغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ-ئادەتلەرمۇ مول بولغاچقا، مۇكەممەل نان مەدەنىيىتى يارىتىلغان دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ناننىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى-ئۆي نېنى، توقاچ، سەپەر توقىچى، توي نېنى، كاكچانان، پېتىر نان، گىردە، بىجاق نېنى (كۇچا نېنى)، دامان نان، ھەمەك نان، شېكەر نان، ياغلىق توقاچ، شىرمان نان، سىيادان توقىچى، كۈنجۈت توقىچى، سۈتلۈك توقاچ، گۆشنان، قاتلىما، جىگىردەكلىك نان، جىرىس نان، زاغرا نان، جىگىردەكلىك زاغرا، سۈتلۈك زاغرا، سۆك نان، جۆۋەندە نان (قوشۇقلۇق نان)، مۇنارنان، قىيمىلىق قاتلىما، تاغ نېنى، چاپىتى، گۇچۇڭ توقىچى، لوپنۇر توقىچى، بازار نېنى قاتارلىق 40 خىلدىن ئاشىدۇ.
    3) قازاندا پۇشۇرۇلىدىغانلىرى قاتلىما، قوتۇرماچ (قاتۇرما)، پىياز قاتلىمىسى، پىششىق خېمىر قاتلىمىسى، قاتلانغان قوتۇرماچ، تۇخۇم قوتۇرمىچى، پوشكال (بۇ تائاممۇ بىرقانچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە)، قات-قات پوشكال، تاتلىق پوشكال، تۇخۇم پوشكىلى قاتارلىقلار.
    4) تاۋىدا پىشۇرۇلىدىغانلىرى تاۋا چوڭ نېنى، شېكەر توقاچ، ماي توقاچ، گۆش قىيمىلىق قاتلىما توقاچ، مېغىز قىيمىلىق توقاچ، تاۋا توقىچى، چۈرۈك قاتلىما توقاچ، قىيمىلىق تاۋا نېنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
    2. قاينىتىلغان ۋە سۇيۇق-سەلەڭ تائاملار
    چۆپ: بۇ تائامنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، تەخمىنەن 2300 يىللىق تارىخقا ئىگە. مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇنىڭ «تۇتماچ» (تۇتماچ ئاچ) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قۇۋۋەتلىك، ئادەملەرگە پايدىلىق تائام ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق لەتىپىچىسى، قوشاقچى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇزىكانتى سەلەي چاققان (1790 ~ 1850) مۇ «چۆپ بولسا» ناملىق قوشىقىدا بۇ تائام توغرىسىدا مۇنداق قوشاق قوشقان:



    ئاتۇش قىزلىرى ئوتقاش،
    ئاشنىڭ يىلىكى چۆپ ئاش،
    قول باغلىشىپ تۇرىدۇ،
    چۆپ ئاش ئالدىدا كۆپ ئاش.

    بەشكېرەم ئۇنى بولسا،
    ئاۋاتنىڭ تۇزى بولسا.
    زەپ ئوخشايدۇ چۆپ دېگەن،
    ئاتۇشنىڭ قىزى بولسا.
    چۆپنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى: نارىن چۆپ، ئاتۇش چۆپى، قايماق چۆپ، قېزا نارىن، ياغلىما چۆپ، ئۆكۈز تىلى چۆپى دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئۇماچ، ئاتىلا، ياما، يوبدان، سىقماق، شوۋىگۈرۈچ، ماشخوردا، ئاق ئاش، نەۋرۇز ئېشى، خان ئېشى، كۆكۋاش ئېشى، سۆك ئېشى قاتارلىقلارمۇ سۇيۇق تاماقلارغا كىرىدۇ. سۇيۇقئاش چوڭ بىر تۈر بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە ئۈگرە، قورۇما ئۈگرە، خولوپئاش، كەسمە، قۇشقاچ تىلى كەسمە، ئۈزۈپ ئاش، كۆك پۇرچاق ئۈگرىسى، ماش ئۈگرىسى، مەنچىزە سۇيۇقئاش، بىمار ئېشى، ھاردۇق ئېشى، كۆجە ئاش، يىرتىپ ئاش، توي ئېشى، غورا ئۈگرىسى، قېتىق سۇيۇقئاش، كۇچا سۇيۇقئىشى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تۈرى بار.
    3. گۆش (ئەت) تائاملىرى
    گۆش تائاملىرىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
    1) شورپىلار ئاق شورپا، قورۇما شورپا، چەينەك شورپىسى، قىيما شورپىسى، باچكا شورپىسى، توخۇ شورپىسى، تۇخۇم شورپىسى، بېلىق شورپىسى، تاۋۇز شورپىسى قاتارلىقلار.
    2) كاۋاپ (سۆگلۈنچۈ ياكى قاقلىما ئەت) كاۋاپنىڭ تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن، چەرچەن ناھىيىسىنىڭ زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 2800 يىل بۇرۇنقى يۇلغۇن زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋاپ تېپىلغان. كاۋاپ زىق كاۋاپ، تونۇر كاۋاپ، شىرى كاۋاپ، تاۋا كاۋاپ، قىيما كاۋاپ، قورۇما كاۋاپ، پوستۇمبا كاۋاپ، سوقما كاۋاپ، بۆرەك كاۋىپى، جىگەر كاۋىپى، ئۈچەي كاۋىپى، قېرىن كاۋىپى، تال كاۋىپى، قوۋۇرغا كاۋاپ، بەل كاۋاپ، مۇنار كاۋاپ، كۆممە كاۋاپ، دۈمبە جىگەر كاۋاپ، بېلىق كاۋىپى، جاڭگال كاۋىپى، توشقان گۆش كاۋىپى، باچكا كاۋپى، ئۆردەك كاۋىپى، غاز كاۋىپى قاتارلىق 25 خىلدىن ئاشىدۇ.
    3) قېزا.
    4) دۈملىمە دۈملىمە توخۇ، دۈملەنگەن چۈجە، دۈملىمە گۆش، دۈملىمە بېلىق، دۈملىمە تال، دۈملىمە جىگەر، دۈملىمە پاچاق قاتارلىقلار.
    5) كاللا پاقالچاق، ئۆپكە.
    4. قىيمىلىق تائاملار
    بۇ خىل تائاملارنى تۆۋەندىكى ئالتە خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
    1) مانتىلار بولاق مانتا، پېتىر مانتا، كاۋا مانتىسى، چاۋا مانتىسى، شېكەر مانتا، كۈدە مانتىسى، جاڭدۇ مانتىسى، ياغ مانتىسى، قىزىلچا مانتىسى، ئاش مانتا، رەڭلىك مانتا، يېسىۋىلەك مانتىسى…
    2) چۆچۈرىلەر چۆچۈرە، قورۇما چۆچۈرە، كۆك چۆچۈرىسى، تۇخۇم چۆچۈرىسى، قايماق چۆچۈرىسى، مېغىز چۆچۈرىسى، قىزىل بىداچ چۆچۈرىسى، يالپۇز چۆچۈرىسى، لويلا چۆچۈرىسى، پىننە چۆچۈرىسى…
    3) سامسىلار سامسا، گۆش گىردە، پەرمۇدە، قاتلىما سامسا، ياغ سامسا، تۇخۇم
    سامسىسى، كۆك سامسىسى، شېكەر سامسىسى، كاۋا سامسىسى، قىزىل بىداچ سامسىسى، شوخلا سامسىسى…
    4) پۆرىلەر گۆش پۆرىسى، كۆك پۆرىسى، تۇخۇم پۆرىسى، ياۋا كۈدە پۆرىسى…
    5) تۈگرە (جۇۋاۋا ياكى جىن چۆچۈرىسى) تۈگرە، شورپىلىق تۈگرە، قۇرۇق كۆك تۈگرىسى، بېدە تۈگرىسى، پالەك تۈگرىسى، يېسىۋىلەك تۈگرىسى، ئۈندۈرمە تۈگرىسى، تۇرۇپ تۈگرىسى…
    6) باشقىلار موندەك، تۈرمەل، پەرەمىش (خوشاڭ)، سامبۇسا، تەپمەك…
    5. قورۇما تائاملار
    بۇ خىل تائاملارنى ئېتىدىغان ماتېرىيالنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
    1) ئۇن تەركىبلىك قورۇما تائاملار ئۆي مەڭمىنى، كاتتا لەڭمەن (گۇيرۇ)، غۇنچە گۆش لەڭمەن، كۈدەك لەڭمەن، تاسما لەڭمەن، غېرىچ لەڭمەن، قوۋۇرغا لەڭمەن، بوتقا لەڭمەن، كېسىپ لەڭمەن، قوناق لەڭمەن، باچكا لەڭمەن، چامغۇر لەڭمەن، تۇخۇم-كۈدە لەڭمەن، ياغ لەڭمەن، گۈرۈچ ئۇنى مەڭمىنى، يەركەن مەڭمىنى (توخۇرمىيەن)؛ قۇرغاق قورۇما چۆپ، ئۈزمە چۆپ قورۇمىسى (سوميەن)، قەلەمچە چۆپ قورۇمىسى، دىڭ-دىڭ قورۇمىسى، قورداق، نان قورداق، قىيما قورداق، ياپما (پېتىر ياپما، بولاق ياپما، قاتلىما ياپمىلار)، قولداما، قارا بۇغداي قولدامىسى، قورۇما چۆپ، شوخلا چۆپ، كۆك چۆپ (سەي چۆپ)، توخۇ نارىن، شۇڭگۈتماق، زاڭ (جوتاڭ)، گۈرۈچ چۆپ قورۇمىسى (سومىفىن)…
    2) گۈرۈچلۈك قورۇما تائاملار پولۇ: بۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ سۇلتانى − شاھى بولۇپ، تارىخى ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: گۆشلۈك پولۇ، ماش گۈرۈچ پولۇ، قېزا پولۇ، تاتلىق پولۇ، توخۇم پولۇسى، بېھى پولۇسى، قىيمىلىق پولۇ، توخۇ پولۇسى، توي پولۇسى (قارا ئاش)، سۆك پولۇسى، ئاق ئاش، بەقەسەم پولۇ، شادى پولۇ، يارما پولۇ، بۇغداي پولۇسى بولۇپ، 25 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تۈرگە شويلا، بەتتە، گاڭفەن، قورۇما گاڭفەن، ماش گۈرۈچ ئاش، سىڭدۈرمە، ھېسىپ قاتارلىقلارمۇ كىرىدۇ.
    6. تاتلىق يېمەكلىكلەر
    تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
    1) سۇيۇقراق كەلگەن تاتلىق يېمەكلىكلەر ھالۋا: قەنت ھالۋىسى، ئۈجمە ھالۋىسى، قوغۇن ھالۋىسى، شىرنە ھالۋىسى، تاۋۇز ھالۋىسى، بۇلماق، رىشالە (نىشالا)، ئېرىس قاتارلىقلار.

    2) قاتۇرۇپ پىشۇرۇلغان تاتلىق يېمەكلىكلەر (تاتلىق تۇرۇملار) تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن چىققان تاڭ سۇلالىسى دەۋرى(618 ~ 907) گە ئائىت قەبرىلەردىن تېپىلغان پېچىنە-پىرەنىكلەرگە قاراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل تائاملاردىن پايدىلىنىش تارىخىنىڭ قەدىمىيلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر پېچىنە-تورتلىرىنىڭ تۈرى 30 نەچچىدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە: بال پىرەنىك، ئاق پىرەنىك، ئېرىس پىرەنىك، ياغلىق پىرەنىك، ياڭاقلىق پىرەنىك، ماشىنا پىرەنىك، بالىلار پېچىنىسى، قايماق پېچىنە، قەۋەتلىك بال تورت، ياڭاق تورت، ئاق-قارا تورت، تۇخۇم تورت، شاكىلات تورت، كۈنجۈت تورت، قوناق ئۇنى تورتى، ئالما تورت، يۆگىمە تورت، باققالى، تۇچ، بولكا…
    7. قورۇمىلار
    ھازىر ئۇيغۇر رېستورانلىرى، تېز تاماقخانىلار ۋە ئائىلىلەردە ئېتىلىۋاتقان، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بىر قىسىم قورۇمىلىرىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر قورۇمىلىرى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن قورۇمىلارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى − ھايۋانات، ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆش ۋە تۇخۇم قورۇمىلىرى، شىپالىق قورۇمىلار، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بېلىق گۆشى تۈرلىرى قورۇمىلىرى، ھۆل-قۇرۇق مېۋىلەر، گۆشسىز قورۇمىلار، سوغۇق سەيلەر، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى قورۇمىلىرى دېگەن تۈرلەر بويىچە 200 خىلدىن ئاشىدۇ.
    8. باشقىلار
    ساڭزا، قايماقلىق ھورنان، ھور قاتلىما (يوتازا)، سېرىقئاش، قورۇما كاۋاپلىق سېرىق ئاش، قېيىقچە، بوغۇرساق، راڭپىزا، ئەشمە قۇيماق (ماخار)، بېلىق تالقىنى، ئۇجۇل تالقىنى (لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېكەننىڭ توزغىقىدىن تەييارلانغان ئالاھىدە تامىقى)، ئۇجۇل قاتۇرمىسى، ئۇجۇل ھالۋىسى…
    ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، ئۇنى ئايرىم بىر دۇنيا دېيىشكە بولىدۇ. بىر پارچە قىسقا ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس، مەن بۇ ماقالىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم. تۈرلەرگە بۆلۈشتە ئىلمىي بولمىغان، تولۇق بولمىغان ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇچانلىق بىلەن پايدىلىنىشىنى ۋە قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار
    1. مەھمۇت قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-، 2-، 3-توملار، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-، 1982-، 1984-يىللار نەشرى.
    2. قۇسقۇي: «شىپالىق تائاملار دەستۇرى»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006-يىل نەشرى.
    3. ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا: «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىل نەشرى.
    4. توختى باقى: «ئۇيغۇر تاماقلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984-يىل نەشرى.
    5. ۋەلى كېرەم كۆكئالىپ: «ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2007-يىل نەشرى.
    6. يۇنۇس ھەمدۇللا: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇن تائاملىرى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2007-يىل نەشرى.
    7. يۇنۇس ھەمدۇللا: «ئۇيغۇر قورۇمىلىرى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2006-يىل نەشرى.
    8. ئەھمەتجان ئىسمائىل: «مىزاج ۋە يېمەك-ئىچمەك»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى، 2000-يىل نەشرى.
    9. يۇنۇس ھەمدۇللا: «سۇيۇقئاشلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىل نەشرى.
    10. يۇنۇس ھەمدۇللا: «لەڭمەن، نېرىنلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىل نەشرى.
    11. رازىيە تۇرسۇن: «پېچىنە-پىرەنىك، تورتلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىل نەشرى.
    12. غوجا ئەخمەت يۇنۇس: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردىكى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە نەزەر»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 4-سان.
    13. داۋۇت تۇرەخمەتوۋ توپلىغان «سەلەي چاققان لەتىپىلىرى»، ئالمۇتا، 1984-يىل نەشرى.
    مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2007 - يىللىق 4  -سان
    [attachment=166] يۈنۈس ھەمدۇللا دەرس سۈزلىمەكتە.

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    64
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    2898
    نادىر تىما
    45
    مۇنبەرپۇلـــى
    4195
    شۆھـرىتـــــى
    1150
    تۆھپــــــــــە
    50
    سودا پۇلــــى
    10018740
    ياخشـى باھا
    8388590
    تەجىربىسى
    36825%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 952 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-18
    ئاخىرقى:
    2012-09-05
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2009-03-27
    بۇ     ئەھمىيىتى  چوڭ  ،  ياخشى  تېمىكەن   ،    رەھمەت  !!!!

    جان ئارامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل ،
    شاھ تائامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل !
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    132
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    مەڭگۈلۈك ئەزا
    يازما
    239
    نادىر تىما
    8
    مۇنبەرپۇلـــى
    0
    شۆھـرىتـــــى
    0
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    10007040
    ياخشـى باھا
    8388607
    تەجىربىسى
    36792%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 59 سائەت
  • تىزىم:
    2009-03-26
    ئاخىرقى:
    2012-08-31
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2009-03-31
    رەخمەت سىزگە

    قوچىقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قوققىنى ئەمەس!
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى