مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 4ئىنكاس
  • 1107كۇرىلىشى

دوكتور توفيان تىيۇفانوفيانىڭ قۇرئان كەرىمنى تەرجمە قىلىش جەريانىدا مۇسۇلمان بولۇشى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
15
جىنسى:
قىز
دەرىجىسى
ئالىي ئەزا
يازما
2050
نادىر تىما
8
مۇنبەرپۇلـــى
28440
شۆھـرىتـــــى
21634
تۆھپــــــــــە
163
سودا پۇلــــى
13840
ياخشـى باھا
2597
تەجىربىسى
49%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 388 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-13
    ئاخىرقى:
    2011-12-15
    شەرەپ مىدالى

    دوكتور توفيان تىيۇفانوفيانىڭ قۇرئان كەرىمنى تەرجمە قىلىش جەريانىدا مۇسۇلمان بولۇشى




    قۇربانجان ئابدۇلكەرىم




    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان جانابى اﷲ نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن


         ھەمدۇ سانالار پۈتۈن كائىناتنى ياراتقان، ئازغانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ كۆڭلىگە ئىمان نۇرى چاچقۇچى جانابى اﷲ قا خاستۇر، ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇرۇت-سالاملار، قىيامەت كۈنىگىچە يولىنى تۇتۇپ ماڭغۇچى مۆئمىنلەرگە تېنچ–ئامانلىق، بەخت–سائادەت تىلەيمەن.
         ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ھازىر سىلەرگە بۇلغارىيەلىك شەرق شۇناس سوفىيە ئالى مەكتىپىنىڭ دوكتور پروفېسسورى توفيان تيوفا نوفانىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىسىدىكى رېئاللىقتىن ئىلىنغان قىسسىنى سەمىڭلەرگە سۇنىمىز، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغايسىزلەر:
         بۇلغارىيەلىك شەرق شۇناس دوكتۇر توفيان تىيوفا نوفا ــ بۇلغارىيەلىك شەرق شۇناس، سوفىيە ئالى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئامېرىكا شەرق شۇناسلار بىرلەشمە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، ئىسلام دىنىغا ئۆزىنىڭ پۈتۈن قانائىتى بىلەن كىرگەن زات.
         چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئارا تەڭ باراۋەرلىك، ھەق ھوقۇقىنى ساقلاپ، پۈتۈن ئىنسانلارجەمئىىتىگە تېنچ–ئامانلىقنى ئۆزىنىڭ مەقسىدى قىلغان قانۇن-پرىنسىپنى يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدىغان ھەق , توغرا دىندۇر.
         دوكتۇر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئۇ ئۆز ئېغىزى بىلەن تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۇمۇنداق دېدى:
         مەن قۇرئان كەرىمنى بۇلغارىيە تىلىغا توغرا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 12 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلدىم، تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، قۇرئان كەرىمنىڭ تولۇق مەنىسىگە چۈشۈنۈپ يېتىش ئۆچۈن ئىسلام دىنى توغرىسىدا ناھايتى ئىنچىكىلەپ، قېتىرقىنىپ ئوقۇدۇم.
         مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسلام مەدەنىيىتى ھازىرقى خەلىقئارادىكى مەدىنىيەتلەرنىڭ ئانىسى، پۈتۈن دۇنيادىكى مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك مەدەنىيەتتۇر. مەن بۇ مۇھىم تەرجىمە خىزمىتىدىن بىكار بولغاندىن كېيىنلا مۇسۇلمان بولدۇم.
         ئۇ كىشى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: مۇسۇلمان بولغۇنۇمغا 5 يىل بولدى، مەككىنى 1999- يىلى ھەج پائالىيتىنى ئادا قىلغاچ زىيارەت قىلىپ كەلدىم.
         مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۆچۈن ئائىلەمدىن ھىچقانداق سىقىنچىلىققا ئۈچرىمىدىم، ئايالىم ۋە قىزىم تا ھازىرغىچە خىرىستان دىنىنىڭ ئارسۇزەكسىيە مەزھىبىدە، لېكىن ئائىلەمدە مەنلا يالغۇز بىر كىشى مۇسۇلمان.
         دوكتور توفيانىڭ تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى بۇلغارىيە ئىسلام پەتىۋا ھەيئىتى تەكشۇرۇپ چىقىپ بېسىلىشىغا رىئاسەتچىلىك قىلغان ئېكەن.
    ئۇ كىشى بىلەن ئۆتكۈزۇلگەن سۆھبەتتە مۇسۇلمانلارغا ئەھمىيەتلىك مەسىللەر ۋە شەرق شۇناسلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان كۆز قاراشلىرى توغرىسىدا ئىلمىي تەھلىل، پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولۇپ ئۆتتى.

         بۇلغارىيەلىك شەرق شۇناس توفىيانغا مۇنداق دەپ سۆزۈمنى باشلايمەن: غەرپ ئەللىرىدە بىرقانچىلىگەن شەرق شۇناس ئالىملار ئۆزلىكىدىن مۇسۇلمان بولۇشقا ئىنتىلىپ ئىسلام دىنىگە كىرگەن . ئۇلاردىن<< روجىيە گارۇدى، ۋە ھوفمەن>> ۋە ئۇلاردىن باشقا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىدا مۇستەھكەم تۇرغانلاردىن ماجىرىستانلىق << روبىرت سىيمون >>، ئىسپانىيەلىك شەرق شۇناس<< سىمۇن ھايك >> قا ئوخشىغانلار كۆپتۇر. سىزنىڭ مۇسۇلمان بولىشىڭىزغا نىمە سەۋەپ بولدى؟
         مەن ئۈزۇن مۇددەتتىن بىرى ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن، ئەسلى مەن ئىراقنىڭ باغداد ئالىي مەكتىۋىنىڭ ئەرەب تىلى فاكولتېتىنى، مىسىرنىڭ القاھىرە ئالىي مەكتىۋىنىڭ ئەرەب ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئاخىرى روسيەدە شەرق شۇناس ئۇنىۋېرسىتىدە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشىتم. ھازىر مەن بۇلغارىيەنىڭ سوفىيە ئالىي مەكتىۋىنىڭ ئىسلامىي دەرسلىكلەر فاكولتېتىدا ۋە ئىسلام ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن. ھەمدە ئامرېكا شەرق شۇناس جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئەنگىلىيە ئورتا شەرق ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، ياۋرۇپپادىكى شەرق شۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى. يۇقىرىقى بۇ مەنسەپ، ۋەزىپىلەر ئىسلام دىنى، ئەرەب مىللىتى ۋە ئۇنىڭ مەدىنىيىتى توغرىسىدا ھەر تۈرلۈك كىتابلارنى يېزىپ , بېسىپ چىقىرىشىمغا ئاسانلىق يارتىپ بەردى.
         دوكتور توفىيان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: بەزى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن شەرق شۇناسلار ئىسلام دىنى، قۇرئان كەرىم توغرىسىدا تىل ئۇزۇتىشىدۇ، بولۇپمۇ قۇرئان كەرىمنى اﷲ نىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى بەندىنىڭ سۆزى دىيىشىدۇ. ھەمدە مەككە، مەدىنە مدە نازىل بولغان ئايەتلەرگىمۇ تىل ئۇزىتىشىدۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىشىدۇ، ئىلمىي سورۇنلاردا بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەر تۈرلۈك ئاساسى يوق سەپسەتىلەرنى توقۇپ پىتنە-پاسات قىلىشىدۇ.
         مەن ۋە باشقا ھەقىقەتنى ياقلايدىغان ھەققانىي شەرق شۇناسلار بۇ يۇقىرىقى تۈردىكى شەرق شۇناسلىق پىكىرىنى قۇبۇل قىلمايمىز، بولۇپمۇ ھەقىقىي شەرق شۇناسلىقنىڭ ئابۇرويىنى بۇلغايدىغان، ئىسلام دىنىگە ئورۇنسىز تىل ئۇزۇتىشنى ياقتۇرمايمىز.
         مەن سۆزۈمنى جەزىملەشتۇرىمەنكى، شەرق شۇناسلىقنىڭ ھەممىسى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغات زىيانلىق نەرسىمۇ ئەمەس، توغرا، قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا خاتالىقلار سادىر بولغان يەرلەرمۇ يوق ئەمەس. ئۇ بولسا شەرق شۇناسلار قاتارىدىن بىرسى ئاشۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلغان ئېكەن. لېكىن بىز بۇنى بىرسى قەستەن قىلغانمۇ ۋەياكى بىلمەي سەۋەنلىكتە قىلىپ سالغان خاتالىقمۇ، ئۇنى ياخشى ئايرىپ ھۆكۈم قىلىشىمىز كېرەك.
         بەزىلەرنىڭ سەۋەنلىكتىن خالىي بولالماسلىقى، ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى پۇختا بىلمىگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئەرەب تىلى ــ قۇرئان كەرىمنىڭ تىلى ۋە يېزىقىدىن ئىبارەتتۇر.
         ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەنلىك نەتىجىسىدىن، ھەتتاكى مەنمۇ بەزى ئىزدىنىشلىرىمدە خاتالىشىشىم مۇمكىن، لىكىن قەستەن ئۆتكەزگەن خاتالىق ئەمەس. مىنىڭ بۇيەردە سىلەرگە دەپ ئۆتمەكچى بولغىنىم، ھەر قانداق بىر شەرق شۇناسنىڭ ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ مەدىنىتىنى چۈشىنىشتە قوشقان توھپىسى بار. ھەر بىر شەرق شۇناسنىڭ بۇ ساھەدە ئالاھىدە ئۆزىگە خاس يەكۈنگە ئىگە.
         جانابى اﷲ غا ھەمدۇ سانالار بولسۇنكى، جانابى اﷲ مىنى قۇرئان كەرىمنى بولغارىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى. تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ھەر بىر ئايەت كەرىمنىڭ ھەقىقىي مەناسى توغرىسىدا ئالاھىدە توختۇلۇپ، ھەقىقىي مەنىسىنى بايان قىلىشقا تىرىشتىم. شۇ سەۋەبتىن بۇلغارىيە ئىسلام پەتىۋا ھەيئىتى بۇ تەرجىمىنى رەسمىي تەستىقلاپ ماقۇللىغىدىن ئۆتكەزگەندىن كېيىن كۆپلىگەن ئىسلامى ھەيئەت، مەسچىتلەر ۋە مۇسلمانلارغا تارقاتتى.


    ئىسلام دىنى خەتەرلىك دىن ئەمەس


         بەزى ھەقىقەتتىن يىراق ئازغۇن شەرق شۇناسلار ئىسلام دىنىغا ۋە ئىسلام دىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرىدە قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىگە تىل ئۇزىتىشىدۇ، ھەمدە ئىسلام دىنى بولسا دۇنيانى قالايمىقانچىلىققا سالىدىغان يېڭىدىن باش كۆتۈرۇپ چىقىۋاتقان خەتەرلىك دىن، دەپ قارىشىدۇ. سىزنىڭچە ئۇنداق ئالا-جوقا سۆزلەيدىغانلارغا نېمە دېسەك توغرا كىلىدۇ؟
         مەن يەنە سۆزۇمنى تەكىتلەيمەنكى: ئىسلام دىنى ھەرگىزمۇ باشقىلار ئۈچۈن خەتەرلىك دىن ئەمەس. بىز مۇھىم بىر ھەقىقەت ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز ئۇ بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلمى... ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان سان–ساناقسىز تۆھپىسى، ئۇ تۆھپىلەردىن ياۋرۇپا ئەللىرى ئالاھىدە پايدىلانغان؛ بولۇپمۇ تىبابەت، دوختۇرلۇق، دورگەرچىلىك، ماتېماتىكا، ئاستىرنومىيە (پەلەك ئىلىملىرى) ۋە ئۇندىن باشقا ھەر تۈرلۈك ئىلىم–پەن ساھاسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجاد قىلغان ئىلم-ھېكمەتلىرىدىن ئالاھىدە پايدىلانغان. بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى ھىچقانداق بىر ئىنسان ئىنكار قىلالمايدۇ، پەقەت ھەقىقەتكە كۆز يۇمغۇچىلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
         ياۋرۇپانىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتى ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قۇرۇلغان، غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيتىدىن ئىبارەت.
         پرۇفېسسور توفىيان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ئەگەر ھەقىقەتتىن يىراقلاشقان شەرق شۇناسلارنىڭ ئىلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئىسلام ۋە مۇسۇلمان ئۈستىدىن ھەرتۈرلۈك بۆھتان، تىل ئۇزۇتىشلىرىنى ئۇچىرىتىمىز؛ مەسىلەن، بەزىلىرى داۋاملىق ئېغىزلىرىدىن چۈشۇرمەي، ئىسلام دىنىدە دىدەك ۋە قۇللۇققا يول قويىدىكەن، مۇسۇلمان ئايال كىشى مەزلۇم ۋە بىچارە، ئۇلار غەرپ ئەللىرىدىكى ئاياللارغا ئوخشىغان ھەق–ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ. ئەمما ئەركىشى بولسا ئىسلام دىنىنىڭ سايسىدا كەڭ دائىرىدە ئەركىنلىكتىن بەھرامان بولۇپ ياشايدۇ. مەسىلەن: ئەر كىشى بىر ۋاقىتتا بىرقانچە ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇش دېگەندەك... ھەمدە ئىسلام دىنى ئىدېئولۇگىيە ئەركىنلىگىنى چەكلەيدۇ بولۇپمۇ << دىندە زۇرلاش يوق >> دەيدۇ، لېكىن مۇسۇلمان كىشى ئىسلام دىنىدىن چىقىپ باشقا بىردىنگە ئىنتىقاد قىلىسا ئۇنىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، بۇ بولسا يۇقىرىقى ئايەتكە زىت كىلىدىغان مەسىلە، دەپ بىلجىرلىشىدۇ.


    قانائەتلىنەرلىك رەددىيە


         ئۇنداقتا پورۇپپۇسۇر توفيان ئەپەندى سىز بەزى شەرق شۇناسلارنىڭ توقىۋالغان بۆھتانلىرىغا قانداق رەددىيە بىرەلەيىسىز؟
         بۇلغارىيەلىك شەرق شۇناس دوكتور توفيان مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: مەن بۇ شەرق شۇناسلارنىڭ بۆھتانلىرىغا قارشى رەددىيە بىرىش توغرىسىدا بىر تۈركۈم كىتاب تۈزۈپ چىقتىم. كىتابلىرىم ئاساسەن ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىپ كىلىۋاتقان ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگەن ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە: ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دىنى ئەركىنلىگى بولىشى، ئۆزى ئىتىقاد قىلىدىغان دىننى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەركىنلىگى بىلەن تاللىشى، چۈنكى ئەقىدە دېگەن ئىنساننىڭ ئىچكى ئەزاسىدا قانائەت تېپىپ، دىلىدا ئىشىنىپ ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭغا بىرەر كىشىنىڭ زورلىشى ئورۇنسىزدۇر. چۈنكى بۇ توغرا ئەقىدە ئىگىسىنىڭ ھەر تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرنى ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتكەن پىرىنسىپقا ئاساسەن ئاشكارە ئادا ۋە ئەمەل قىلىشدا تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە. ھازىر ئىسلام ئەللىرىدە ياشاۋاتقان غەيرى دىندىكىلەر دەسلەپكى قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىدىن تا ھازىرغا قەدەر ھەر تۈرلۈك ئەركىنلىكتىن چەكسىز بەھرامان بولماقدا، ھەمدە ئىسلام دۆلىتى ئۇلارغا ھەرتۈرلۈك تېنچ–ئامانلىق ئىچىدە ياشاش پۈرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە.
         بەزى شەرق شۇناسلارنىڭ تىلىدىن چۈشۇرمەي تەكرالاپ تۇرىدىغان سۆزلىرىدىن ئىسلام دىنىدە مۇرتەدگە ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدۇ، دىيىشىدۇ، مىنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان رەددىيەم: غەرپنىڭ نىزامىدا چوڭ خىيانەت قىلغانلارغا تىزدىن قاتتىق جازا بىرىدۇ، مۇرتەدلىك ئۇ ئىسلام دىنىدە كەسكىن بىكىتىلگەن نەرسىنى يوققا چىقىرىپ ئىنكار قىلغانلىق. مۇرتەدكە بىرىلگەن بۇ جازا ئۇنىڭ ئىسلامدىن چىققانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دىنگە ھىلىمىكىر ئىشلەتكەنلىگى، بىرگە ياشىغان مۇسۇلمان ئىجتىمائىې ھاياتقا ھۆرمەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن جازادۇر. ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنى تاشلىۋەتكەنلىكىگە بىرىلگەن جازا ئەمەس.
    ئەمدى، قۇل–دېدەك توغرىسىدىكى سەپسەتىلىرىگە بىرىدىغان رەددىيەم: مېنىڭ ئىسلام دىنىنڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشۈنۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئوقۇش باسڭقۇچلىرىمدا بولسۇن، ياكى قۇرئان كەرىمنى بۇلغارىيەچىگە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بولسۇن، قۇرئان كەرىمدە ھەرگىزمۇ قۇل–دېدەكلىككە يول قويغانلىق توغرىسىدا بىرمۇ ئايەت ئۇچراتمىدىم. ئۇنىڭ ئەكسىچە دېدەك، قۇللۇقتىن ھۆر–ئازاتلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنى كۆپ ئۇچراتتىم .
         بولۇپمۇ ئىسلام دىنىدا قۇل ئازات قىلىشنىڭ ناھايتى كاتتا تائەت قاتارىدىن سانىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، ھەتتاكى قۇل ئازات قىلىش ئۈچۈن زاكات بىرىلىدىغان مالدىن ئايرىش بېكىتىلگەن.
         ئىسلام دىنى قەسەم ئىچىكەن كىشىنىڭ قەسىمىدىن يىنىشى ئۈچۈن قۇل ئازات قىلىشقا، بىرسىنى بىلمەي خاتادىن ئۆلتۇرىۋۈتكەن بولسا، ئايالىنى زىھار قىلغان ( يەنى ئايالىنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ بەدىنىڭ بىر قىسىمگە ئوخشاتقان ) بولسا قۇدرىتى يەتسە قۇل ئازات قىلىشقا بۇيرىيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىپىدە قۇل ئازات قىلىشقا ئۈندەيدىغان ھەدىسلەر كۆپ زىكىر قىلىنغان. ئىسلام دىنى ئىجابىيلىككە بۇيرۇپ، قۇللۇقنى يوقۇتۇشقا ئۈندەيدۇ. سۆزۇمنى تەكىتلەيمەنكى، تارىخ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەرگە قارايدىغان بولسام غەرىپ ئەللىرى قۇللۇق تۈزۈمدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، بولۇپمۇ ئۇلار قۇللارنى ساتىدىغان خەلىقئارا بازارلارنى پەيدا قىلغان. ھازىرقى ئامرىكىدىكى قاراتەنلىكلەر ئىككى ئامرىكا قىتئەسىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ كېلىنگەن ئافرېقىلىقلارنىڭ پەرزەنتىللىرىدۇر، ئۇلار ۋەتەنلىرى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋاقىتلاردا قۇل قىلىنغان، ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ نەۋرىللىرى ھەم ھەر تۈرلۈك سەلبىي ئىرقچىلىقنى بىشىدىن ئۆتكەزمەكتە.

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    611
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    876
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9280
    شۆھـرىتـــــى
    9285
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    8250
    ياخشـى باھا
    941
    تەجىربىسى
    26%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 609 سائەت
  • تىزىم:
    2010-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-03-01
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-01-18
    اللە ئىسلام دىنىنى بارچە دىنلاردىن ئۈستۈن قىلدى.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    15
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    2050
    نادىر تىما
    8
    مۇنبەرپۇلـــى
    28440
    شۆھـرىتـــــى
    21634
    تۆھپــــــــــە
    163
    سودا پۇلــــى
    13840
    ياخشـى باھا
    2597
    تەجىربىسى
    49%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 388 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-13
    ئاخىرقى:
    2011-12-15
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-01-18
    ئاللاغا شۈكۈر.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    15
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    2050
    نادىر تىما
    8
    مۇنبەرپۇلـــى
    28440
    شۆھـرىتـــــى
    21634
    تۆھپــــــــــە
    163
    سودا پۇلــــى
    13840
    ياخشـى باھا
    2597
    تەجىربىسى
    49%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 388 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-13
    ئاخىرقى:
    2011-12-15
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 2011-01-19
    ئامىن

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    7823
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    94
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    895
    شۆھـرىتـــــى
    894
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    890
    ياخشـى باھا
    94
    تەجىربىسى
    87%
    ھالىتى
    توردا:
  • 18 سائەت
  • تىزىم:
    2012-03-14
    ئاخىرقى:
    2012-09-16
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 03-21
    شۈكرى  ئەلھەمدۇلىللا.....ياخشى يوللاپسىز، ئاللا رەھمەت قىلسۇن..

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى