تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى
خام ماتىريالى؛تۇخۇ1دانە بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ)سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،غولپىياز1دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋاۋىچىن،شاكال بەدىيان،ئارپىدىيان ، قاقىلە، قۇۋزاق داچىن ،لاچىندانە ئاچچىق قىزىلمۇچ،ئاقمۇچ،شېكەر. ،چانالغان قىزىلمۇچ ،قىزىلمۇچ قىيامى،پۇرچاق بوتقىسى،
تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز.
قۇرۇش ئۇسۇلى؛قازانغابىرچۇمۇچ ماي قۇيۇمىز يېرىم چۇمۇچ شېكەرسېلېپ ئارلاشتۇرۇمىز شېكەر ئىرىپ قىزىل كۇپۇكچىلەر چىققاندا تەييارلانغان تۇخۇنى سېلىپ قۇرۇيمىز،تۇخۇقىزارغاندا چانالغان قىزىلمۇچ ،قىزىلمۇچ قىيامى،پۇرچاق بوتقىسى، سېلېپ تۇز ،كاۋاۋىچىن،شاكال بەدىيان،ئارپىدىيان ، قاقىلە، قۇۋزاق داچىن ،لاچىندانە ئاچچىق قىزىلمۇچ ،غولپىياز،سامساقلارنى ئارقىمۇ_ئارقاسلېپ
قۇرۇپ تۇخۇ چىلاشقىدەك سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا 15مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتىمىز بەرەنكە پىشقاندا تۇخىمۇ پىشىدۇ
تۇز تەمىنى تەڭشەپ كوك_قىزىل مۇچنى سېلىپ تەخسىگە ئۇسىمىز .
ئەسكەرتىش؛ ئەگەر يەرلىك تۇخۇ بولسا تۇخۇ قۇرىغاندا بەرەنكىنى سالماي تۇخۇ پشىشقائاز قالغاندا سالىمىز. بولمىسا بەرەنكە ئىزىلىپ كىتىپ ئەجرىڭىز بىكار بۇلىدۇ .مۇمكىن بولسىا چانالغان تۇخۇنى قۇرىشتىن بۇرۇن بىر قاينىتۋەتكەن ياخشى سىناپ بېقىڭ