مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 10ئىنكاس
  • 1958كۇرىلىشى

تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟ [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
15
جىنسى:
قىز
دەرىجىسى
ئالىي ئەزا
يازما
2050
نادىر تىما
8
مۇنبەرپۇلـــى
28440
شۆھـرىتـــــى
21634
تۆھپــــــــــە
163
سودا پۇلــــى
13840
ياخشـى باھا
2597
تەجىربىسى
49%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 388 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-13
    ئاخىرقى:
    2011-12-15
    شەرەپ مىدالى

    يىگىرمە يىللارنىڭ ئىلگىرىدە شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ بىردەرىسلىك كىتابىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، كىتابتا مۇنداقراق بىرقانچە سوئال بولىدىغان: «تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟» «ئاللاھ ھەممىگە قادىر ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتالامدۇ؟...»

    (نە ئۇزۇبىللاھ)...

    ئارىدىن 20 نەچچە يىللار ئۆتۈپتۇ، بۇ ئىلمىي بولمىغان سوئاللارنى ئۇنتۇپمۇ قالار ئىكەنمەن، ئەمما مەرھۇم پراففېسسور، ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۈ شۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن (جانابى ئاللاھ ئۇل زاتقا رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئاتا قىلسۇن، ئامىن!...) نىڭ بىر كىتابىنى ئوقۇۋېتىپ {«تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ تۇخۇممۇ؟» دېگەندەك ئاخىرى چىقماس مۇنازىرىگە كىرىپ قېلىشنى خالىماسلىق} ھەققىدە بىر جۈملىگە كۆزۈم چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن «تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ تۇخۇممۇ» دېگەن مۇنازىرىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشنى خالاپ قالدىم، جانابى خالق قەلىمىمگە قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن... ئامىن!...

    1- سوئال :

    تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟...

    1-جاۋاب:

    يۇقىرىقى سوئالنىڭ باتىللىقى شۇ يەردىكى، مۇبادا سىز «تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغان» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز قارشى تەرەپ سىزگە «تۇخۇ تۇخۇمدىن چىقىدىغان تۇرسا؟...» دەپ سوئال قويىدۇ.

    مۇبادا سىز «تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغان» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز قارشى تەرەپ سىزگە دەرھاللا «تۇخۇمنى تۇخۇ تۇغىدىغان تۇرسا؟..» دەپ سوئال قويىدۇ. ئاخىرىدا سىز ئىلاھى سىرلار غەزىنىسىدىن دۇردانە ئىزلەشكە يارالغان ئۆتكۈر ئەقلىي قۇۋۋەتلىرىڭىزنى كۈركە تۇخۇ بىلەن سېسىق تۇخۇم ئىچىدە چۈشەپ قويۇشقا مەجبۇر بولىسىز، نەتىجىدە ئىلاھى ئىشق ۋە ھىدايەت ماكانى بولغان بىغۇبار قەلبىڭىزگە ماركىسىزىمنىڭ ئاتىزىملىق ھىيلە - مىكىرلىرىدىن پەيدا بولغان گۇمانى قارا سايە جايلىشىدۇ!... بەلكىم بۇ سوئالنىڭ كەشپىياتچىسىنىڭ مەقسىتىمۇ شۇ بولسا كېرەك؟...

    يۇقىرىقى سوئالغا بېرىدىغان ئىلمىي ھەم ھەقىقىي جاۋاب شۇكى:

    دۇنيادا تۇخۇم تۇغىدىغان تۇخۇ ۋە تۇخۇ چىقىرىدىغان تۇخۇم ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس!....

    ئۇنداق بولۇشىنىڭ ئىلمىي ئاساسىي تۆۋەندىكىچە:

    (1) . « تۇخۇ » دېگەن بۇ ئاتالغۇ بولسا ئەركەك ۋە چىشى - ئىككى جىنسنىڭ ئورتاق نامى، يەنى قىزىل تاجىلىق تەكەببۇرخۇراز بىلەن ماختانچاق ۋات- ۋات مىكيان ۋە ئوماق چوك-چوك چۆجىنىڭ ئورتاق نامىدۇر، ھالبۇكى تۇخۇمنى تۇخۇ ياكى خۇراز ۋە ياكى چۈجە ئەمەس پەقەت ۋە پەقەتلا مىكيان چىقىرىدۇ، چىقارغاندىمۇ ئۆزى تەنھا ئەمەس، جەزمەن ۋە جەزمەنكى خۇرازنىڭ ئىشتىراكىدا ئاندىن چىقىرىدۇ!..

    شۇڭلاشقا ھەرگىز ۋە ھەرگىزكى «تۇخۇ» دېگەن بىر جانلىقنىڭ تۈر نامىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ تۇخۇم تۇغالمايدۇ!...

    (2). «تۇخۇم» دېگەن بۇ ئاتالغۇمۇ ئەركەك ۋە چىشى، ئىككى جىنسنىڭ ئۇرۇقىنىڭ قوشۇلمىسى بولۇپ، تۇخۇمنى مىكيان باسسا ياكى مەلۇم مۇددەت مەلۇم ئىسسىقلىق ئاستىدا ئاندىن بىر تۇخۇمدىن بىرلا قىتىمدا پەقەت ۋە پەقەتكى چىشى ياكى ئەركەك جىنسلىق بىرلا چۈجە چىقىدۇ، ئۇمۇ ئۆزلىگىدىنلا مۇتلەقا ۋە مۇتلەقاكى بىرلا ۋاتاقلاپ ياكى بىرلا چىللاپلا مەڭگۈگە «تۇخۇ» دېگەن بىر جانلىقنىڭ تۈر نامىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ - «تۇخۇ» دېگەن سۆزگە ۋە ياكى بىرلا قېتىمدا قىزىل تاجىلىق تەكەببۇر خۇراز بىلەن ماختانچاق ۋات - ۋات مىكيان ۋە ئوماق چۇك - چۇك چۆجىگە ئايلىنالمايدۇ!...

    (3). ئادەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يارىلىش قىسسىلىرىدىن شۇ مەلۇمكى، ئالدى بىلەن ئەركەك، ئاندىن چىشى جىنس يارىتىلغاندۇر!...

    مۇبادا خۇراز بۇرۇن يارالمىغان بولسا مىكيانمۇ بولمىغان بولاتتى!...

    شۇڭلاشقا ھەقلىق يۇسۇندا شۇنى جاكالايمىزكى: تۇخۇ بۇرۇن يارالغان، يارالغاندىمۇ بىر ئەركەك بىر چىشى قىلىپ يارالغان، ئەركىكى چىشىسى بىلەن جۈپلەشسە ئاندىن تۇخۇم تۇغىدىغان تەبىئەتتە تەقدىر قىلىنپ يارالغان!...

    مۇبادا بىراۋلار دەۋا قىلغاندەك تۇخۇ ئۆزلىگىدىنلا پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولسا، ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئاتالمىش ھېچنىمە يوق بىر زاماندا «جانابى ئەلمىساقۇ ئەل غايىبۇ تۇخۇ» ئالىيلىرى خۇراز ۋە مىكياندىن ئىبارەت ئىككى جىنس بولۇپ قالغان؟...

    ئاتالمىش ئۇلارنىڭ مىكرو جانلىق ھالەتتىكى تۇنجى تۆرەلمىسى قانداق قىلىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان ۋەزىپىنى كېيىنكى ھۈجەيرىسىگە مىراس قالدۇرالىغان؟...

    ئاتالمىش «پۈتكۈل جانلىقلار بىر تۈرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ» دېگۈچىلەرگە شۇ سوئالنى قويىمىزكى؛ «تەبىئەت دۇنياسىدىكى تالايلىغان جانلىقلارنىڭ بىرلا تۇرنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىدىن مەيدانغا كېلەلەيدىغانلىقى راست بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگەن ئاشۇ تۇنجى يەككە جانلىق ئۆزى شەكىللەنمىگەن يىراق قەدىمى تۇنجى يوقلۇق زامانىدا قانداق قىلىپ، ئەركەك ۋە چىشى 2 جىنسقا بۆلۈنۈپ پەيدا بولمىسا ئۆز ئەۋلادىنىڭ ئۈزلىكسىز داۋاملىشىشىغا كېپىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلەلىگەن، قانداق قىلىپ بۇ ئىقتىدارىنى ۋە ئېھتىياجنى كېيىنكى ئەۋلادىغا مىراس قالدۇرالىغان؟...»

    مۇبادا ئۇلار دەسلەپتە ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغاندا تاق جىنس بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارغا ئىككى جىنسقا بۆلۈنۈپ ئەۋلاد قالدۇرۇش كارامىتىنى كىم بەرگەن؟...

    ئۇ كارامەت ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان بولسا ۋە ئاشۇ تۇنجى جانلىقنىڭ تىنىدىلا ئەۋلاد قالدۇرۇش قابىلىيىتى بار ئىدى دېيىلسە، ئۇنداقتا ئوخشاش بىر تۈردىكى ئىككى جىنسلىق بىر جۈپ جانلىق قانداق قىلىپ بىر - بىرىگە ئوخشىغان ۋە ئوخشىمىغان، بىرىنىڭ كەم يىرىنى بىرى تولدۇرالايدىغان ئىككى ئالاھىدىلىك بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كەم-كۈتىسىز پەيدا بولالىغان؟...

    تەپەككۈر بولمىغان ھەتتا شۇ نەرسىنىڭ جانلىق ماددىي مەۋجۇتلۇقىمۇ يوق بىر ھالەتتە، پەيدا بولغۇسى جانلىقنىڭ ياشاش ئېھتىياجلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر تۈركۈم ئورگانىزىملارنىڭ تاسادىپى ۋە ئۆزلىگىدىن مۇكەممەل لايىھىلىنىپ قىلىشى زىنھار ۋە زىنھاركى مۈمكىن ئەمەستۇر!...

    شۇنىسى ئايانكى ماھىر بىر ياراتقۇچى بولمىغان ھالەتتە ھېچبىر جانلىق ياكى جانسىز جىسىم ئۆزىنى ئۆزى يارىتالمايدۇ، پەيدا قىلالمايدۇ ۋە نۇسخىلىيالمايدۇ!... تۇخۇ بىلەن تۇخۇممۇ، سىز بىلەن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە!...

    ئاللاھۇ ئەكبەر!...

    2 - سوئال:

    «ئاللاھ ھەممىگە قادىر ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتالامدۇ؟...»

    (نە ئۇزۇبىللاھ)

    2-جاۋاب:

    ئەلۋەتتە ئاللاھ جانابىلىرى ھەممىگە قادىر !...

    «ئاللاھ ھەممىگە قادىر ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتالامدۇ؟...» دىگەن بۇ سوئالنى قويغۇچىغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى:

    ئەلۋەتتە ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى زاتنىڭ سۈپىتىنى ھەممىگە قادىر ئەمەس سىز بىزدەك يارالغۇچى «زات» لارنىڭ كەمتۈك ئەقلى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ!...

    سىزگە ناھايىتى ئايدىڭكى، بىز سىزگە: « ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىر، ئۇنداق تاشنى يارىتالايدۇ» دېسەك، سىز دەرھاللا «ئۆزى كۆتۈرەلمىگەن تاشنى ياراتقان ئىلاھ ھەممىگە قادىر ئەمەس، چۈنكى ئۇ تاشنى كۆتۈرەلمىدى» دېيىشىڭىز تۇرغانلا گەپ، مۇبادا ئۇنداق تاشنى يارىتالمايدۇ دېسەك، سىز دەرھاللا «بىر تاشنى يارىتىشتىن ئاجىز كەلگەن ئىلاھ ھەممىگە قادىر ئەمەس» دېيىشىڭىز تۇرغانلا گەپ!...

    مۇبادا سىزنىڭ بۇ سوئال ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولغىنىڭىز « ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىقى» بولسا ئىدى سىزھەرگىزمۇ « ئاللاھ ھەممىگە قادىر ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتالامدۇ؟...» دەپ بىمەنە سوئال قويۇپ يۈرمىگەن بولاتتىڭىز، چۈنكى بۇ سوئالىڭىزدا «كۆتۈرەلمەيدىغان تاش» ئىبارىسىنىڭ بولغانلىقىلا سىزنىڭ ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىنى ئىسپاتلاش ئويىڭىزنىڭ بولمىغانلىقىنى ۋە سوئالىڭىزنىڭ فورمال لوگىكا قانۇنىيەتلىرىگە ھەم خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ!...

    زامان ۋە ماكان ئۆمەر رەزىياللاۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكىدە بولغان بولسا، سىز قىلىچتىن ئىبارەت ئەڭ تېز جاۋاب بىلەن مەھشەرگاھتا ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىنى بىلىۋالغان بولاتتىڭىز!...

    خەير!... زامان ۋە ماكان مەندەك ئاسىي قۇلنىڭ ۋاقتىدا گال قەلەم بىلەن سىزگە تىل چايناپ جاۋاب بەرمەكتىن باشقا ئامالىم بولمىدى!...

    جانابى ئاللاھ بىزنى كەچۈرگەي...

    ...

    سۆزىمىز «كۆتۈرەلمەيدىغان تاش» ئىبارىسىدە بولىدۇ.

    ھەممىمىزگە مەلۇم بولسۇنكى، دۇنيادا ۋە چەكسىز ئالەمدە جانابى ئاللاھنى ئامالسىز قالدۇرالايدىغان ھېچبىر كۈچ ۋە ھېچبىر شەيئى بولمىغان ۋە بولمايدۇ!... ئەلۋەتتە «كۆتۈرەلمەيدىغان تاش» مۇ بولمايدۇ!... ھەتتاكى ئەڭ ئاجىز مەخلۇق بولغان ئىنسانغا ھەم چەكسىز ئالەمدە «كۆتۈرەلمەيدىغان تاش» مەۋجۇت ئەمەس!...

    قەدىمدە ئارخىمىد دەپ بىر ئالىم ئۆتكەن، ئىستىلاچى ئارمىيە ئۇنى ئەسىر ئىلىپ بوينىغا قىلىچ تەڭلىگەن زاماندا ئۇ: «مېنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىما، مەن بىر تىئورمىنى ئىسپاتلىۋالاي.. » دېگەنمىش، ئەنە شۇ ئالىم ئېيتىدۇكى: مۇبادا ماڭا بىر پىشاڭ بىرىلسە مەن ئالەمدىكى مەلۇم بىر يۇلتۇزنى تايىنىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ يەر شارىنى كۆتەرگەن بولاتتىم».

    شۇنداق، بۇ ئالەم مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بېرىلدى!... شۇڭا ئىنسانغا چەكسىز ئالەمدە يارىتىلغان جىسىملار ئىچىدە كۆتۈرەلمەيدىغىنى يوقتۇر!...

    بار دېيىلسە شارائت ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈشكە ۋاقتىنچە ئىمكانسىزلىقىمىزلا بار خالاس!...

    بىر تاغنى پارچىلاپ ياكى پىشاڭنىڭ ياردىمىدە ئورنىدىن يۆتكەش تامامەن مۈمكىن، بۇنى سىز كۆتۈرەلمەسلىك دېمەكچىمۇ ياكى بۇنداق كۆتەرسە كۆتەرگەنگە ھېساب ئەمەس دېمەكچىمۇ؟....

    ئۇنداقتا بۇ جايدا سىزگە بىر جاۋاب تۇغۇلىدۇ!...

    دۇنيادا يارىتىلغان نەرسىلەر ئارىسىدا ئىنسانغا نىسبەتەن مۇتلەق كۆتۈرەلمەسلىك مەۋجۇت بولمىغان ئىكەن، بىردىن- بىر ياراتقۇچى بولغان جەللە جەلالەھۇ مېھرىبان رەببىمىزگە ھەم ئەلۋەتتە ھېچ زامان ۋە ھېچ ماكاندا «كۆتۈرەلمەسلىك» مەۋجۇت ئەمەس!...

    مەۋجۇت دېيىلسە پەقەتلا «كۆتۈرمەسلىك» مەۋجۇتتۇر!... ھالبۇكى «كۆتۈرەلمەسلىك» بىلەن «كۆتۈرمەسلىك» باشقا باشقا مەنىلەرنى ئاڭلىتىدىغان ئىككى ئاتالغۇدۇر!....

    جانابى ئاللاھ بىر تاشنى «كۇن پەيەكۇن» دەپ ئەمر قىلسا ئۇ تاش دەرھاللا يارىلىدۇ!... ئۇنى كۆتۈرمىسىلا سىزنىڭ سوئالىڭىز جاۋابىنى تاپقان بولىدۇ!... چۈنكى ئاللاھ جانابىلىرىنىڭ ھەممىگە قادىر سۈپىتى ئىچىدە «ھەم يارىتىشقىمۇ قادىر ھەم ئۆلتۈرۈشكىمۇ قادىر، شۇنداقلا، ھەم كۆتۈرۈشكىمۇ قادىر، ھەم كۆتۈرمەسلىككىمۇ قادىر» لىق سۈپىتى باردۇر!... ئەمما سىز ئېيتقاندەك «كۆتۈرەلمەيدىغان تاش» بىردىن بىر خالىق جانابى ئاللاھ ئۈچۈنمۇ ۋە كۆپتىن - كۆپ مەخلۇق سىز ۋە بىز ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت ئەمەس!... ئەمەلىيەتتىمۇ تاشلارنى، تاغلارنى ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھ ياراتتى ئۇ جىسىملارنىڭ ئېغىرلىقى ۋە كاتتىلىقى سىز- بىزنىڭ تەپەككۈرىمىز قىياس قىلىشقا ئاجىز كەلگۈدەك دەرىجىدە ئېغىر ۋە چوڭدۇر!... ھالبۇكى ئۇنى جانابى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىلمىگە لايىق بىر ئۇسۇلدا كۆتۈرۈپ تۇرماقتا!... بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئاشۇ نەرسىلەرنى جانابى ئاللاھ نىڭ كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى كۆرۈنمەيدۇ،

    سىزچە بۇ ئالامەتنى «يارىتىشقا قادىرلىق دەپ تەستىق قىلىپ تۇرۇپ كۆتۈرۈشكە قادىر ئەمەسلىك» دېگىلى بولسۇنمۇ؟...

    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى «جانابى ئاللاھ نىڭ ھەممىگە قادىرلىق» سۈپىتى ئۆزئىچىگە ئالغان مەنىلەرنى ئىنسانى ئەقىل بىلەن تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ!... بىزنىڭ ھېس قىلالايدىغىنىمىز پەقەتلا «ھەممىگە قادىرلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسى بولغان «يارىتىشقىمۇ ياراتماسلىققىمۇ، كۆتۈرۈشكىمۇ كۆتۈرمەسلىككىمۇ، ... قادىر» لىقتۇر!... سىزدەك مۇرتەد لەرنى (كەچۈرۈڭ!... سىزنى بېكارغىلا مۇرتەد دېگۈم يوق ئىدى، چۈنكى «دىل ئازاردىن ئاللاھ بىزار» ... يەنى بىراۋغا ئازار قىلغۇچىدىن رەھمان تائالا بىزاردۇر!... ھەسرەتكى!... سىزگە ئوخشىغانلار روزى مىساقتا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ تۇرۇپمۇ بۇ دۇنيادا ئاشۇ غەيب زاماندىكى ۋەدىسىگە ئاسىي بولۇپ ئىماندىن كۇفرىغا چېكىنگىنى ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم!...) قەھھارلىق سۈپىتى بىلەن تېز جازالاشقىمۇ، ياكى ھەلىملىك سۈپىتى بىلەن سىز- بىزگە بېرىلگەن جازانى بىر مەزگىل كېچىكتۈرىشكىمۇ قادىرلىقتۇر!...

    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ بىر مۇھىم شەرتى سۈپىتىدە جانابى ئاللاھنىڭ «ھەممىگە قادىر» لىق سۈپىتى ھەققىدە سۆزلىنىۋاتىدۇ!... جانابى ئاللاھنىڭ «ھەممىگە قادىر» لىق سۈپىتىنىڭ بىردىن بىر ئۆلچىمى ھەرگىزمۇ سىز ئېيتقاندەك «كۆتۈرۈشكە قادىر» لىقلا ئەمەس، بەلكى ئۇ زات خالىمىسا «كۆتۈرمەسلىككىمۇ قادىر» لىقتۇر!...

    جانابى ئاللاھ ئۆزى ئالىم!...

    ئىشىنىمىزكى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈستىدە جانابى ئاللاھ مەھشەرگاھتا ئۆزى ئەڭ لايىق ۋە ئەڭ گۈزەل چۈشەنچىنى بېرىدۇ، شۇ كۈن كەلگۈچە سىز بىزدەكلەرنىڭ چىقىپ ئىختىلاپ قىلىپ تۇرۇشى ئەجەپلەنگۈدەك ئىش ئەمەس!... چۈنكى قۇرئانى كەرىمدىكى ئىلاھى كەلىمە بويىچە ئېيتقاندا «ئىنسان ئىختىلاپ قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان» دۇر!..

    ...

    ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: مۇبادا مۇشۇ جاۋابلارنى سىزگە دەۋاتقان بۇ زاماندا، سىز جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياكى غەزىپىگە كەتكەن بولسىڭىز، ئۈمىدكى: گۆرىڭىزدە مۇنكىر – نەكىر ئاتلىق پەرىشتىلەر سىزگە بۇ جاۋابنى يەتكۈزگەي!... ئەلۋەتتە سىز گۆردە بولسىڭىز مېنىڭ بۇ يازمامسىزمۇ ئاللىقاچان ئەڭ ئادىل ۋە ئەڭ پاساھەتلىك جاۋابنى ئاڭلاپ بولدىڭىز!...

    ...

    ئاللاھۇ ئەكبەر!...

    بەندەڭمەن گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،

    كەچۈرگىن ئەي غەفۇر!... بەك تولا ئازدىم .

    كەمىنە قۇلۇڭ:

    قارغۇت

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    611
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    876
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9280
    شۆھـرىتـــــى
    9285
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    8250
    ياخشـى باھا
    941
    تەجىربىسى
    26%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 609 سائەت
  • تىزىم:
    2010-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-03-01
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2010-12-27
    ھەممىنى بىلگۈچى بۈيۈك، ئالىم اللە دۇر.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    64
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    2898
    نادىر تىما
    45
    مۇنبەرپۇلـــى
    4195
    شۆھـرىتـــــى
    1150
    تۆھپــــــــــە
    50
    سودا پۇلــــى
    10018740
    ياخشـى باھا
    8388590
    تەجىربىسى
    36825%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 952 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-18
    ئاخىرقى:
    2012-09-05
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2010-12-27
    تېما  بۇرۇن  پەيدا  بولغانمۇ  ئىنكاسمۇ ؟

    جان ئارامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل ،
    شاھ تائامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل !
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    611
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    876
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9280
    شۆھـرىتـــــى
    9285
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    8250
    ياخشـى باھا
    941
    تەجىربىسى
    26%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 609 سائەت
  • تىزىم:
    2010-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-03-01
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 2010-12-27
    ھا ھاھا ............ قىزىق گەپ قىلىسىز ھە؟؟؟ ئەلۋەتتە تىما بۇرۇن ئىنكاس كىيىندە..................

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    494
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1429
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    27073
    شۆھـرىتـــــى
    15130
    تۆھپــــــــــە
    66
    سودا پۇلــــى
    9335
    ياخشـى باھا
    1677
    تەجىربىسى
    35%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 374 سائەت
  • تىزىم:
    2009-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 2010-12-27
    ئاللاھ بۈيۈكتۇر.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    737
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    2501
    نادىر تىما
    12
    مۇنبەرپۇلـــى
    38545
    شۆھـرىتـــــى
    27100
    تۆھپــــــــــە
    123
    سودا پۇلــــى
    25375
    ياخشـى باھا
    2786
    تەجىربىسى
    78%
    ھالىتى
    توردا:
  • 1069 سائەت
  • تىزىم:
    2010-07-07
    ئاخىرقى:
    2012-10-15
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 2010-12-27
    مەن بۇتېمىنى كۈرۈپ تۇلۇق ئوتتىردىكى چاغدا  سىياسەتتە مۇنداق بىر دەرىسلىك بارئىدى شەيئىلەر ئاۋال پەيدا بۇلامدۇ ؟ئۇقۇم ئاۋال پەيدا بۇلامدۇ دەپ ئىككىسدىن قايسىنى تاللىسىڭىز خاتا يەرلىرى بارئىدى  كالىمىزنى خېلە بىر مەزگىل ئۇماچ قىلغان ئىدى  
    بۇمەسىلنى يەنىلام بىر ئېغىز گەپكە يىغساق بارلىق مەۋجۇداتلارنى بىر ئۇلۇخ ئاللا ياراتقان
    بۇنى ئىلىمى ئۇسۇلدا مۇنازىىر لىشىدىغان بۇلساق  ھەقىقى قايىل قىلارلىق جاۋاپنى تاپقىلى بۇلمايدۇ
    سۈت ئاۋال پەيدا بۇلغانمۇ قايماقمۇ دىگەندەك سۇئاللار بۇلسا ئويلانمايلام توغرا جاۋابىنى بىرەلىگىدەكمەن
    بۇ تېمىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا تەتقىق ئېپ باردىغان ئالىملارغا قۇيۇپ بىرەيلى  

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    957
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1922
    نادىر تىما
    2
    مۇنبەرپۇلـــى
    21899
    شۆھـرىتـــــى
    20710
    تۆھپــــــــــە
    108
    سودا پۇلــــى
    18670
    ياخشـى باھا
    2173
    تەجىربىسى
    56%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 451 سائەت
  • تىزىم:
    2010-08-18
    ئاخىرقى:
    2011-11-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 2010-12-27
    راس  بۇ بەكلا تەس سوئالكەن...

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6418
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    يېڭى  ئەزا
    يازما
    11
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    110
    شۆھـرىتـــــى
    110
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    110
    ياخشـى باھا
    11
    تەجىربىسى
    93%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 29 سائەت
  • تىزىم:
    2012-01-29
    ئاخىرقى:
    2012-03-16
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 02-10

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6731
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    506
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    5131
    شۆھـرىتـــــى
    5120
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    5120
    ياخشـى باھا
    532
    تەجىربىسى
    75%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 152 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-15
    ئاخىرقى:
    2012-03-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 03-06
    ئەلھەمدۇلىللا   ئاللادىن باشقا ھىچ كىم ياراتقۇچى ئەمەس شۇڭا سىرلارنىڭ مەناسى ئاللاھقا ئەڭ ئىنىقتۇر  ھەرقانداق تەتقىقات نەتىجىسىمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بىلدۇرگۈنىدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    8455
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    دائىملىق ئەزا
    يازما
    50
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    310
    شۆھـرىتـــــى
    309
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    305
    ياخشـى باھا
    50
    تەجىربىسى
    62%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 14 سائەت
  • تىزىم:
    2012-07-09
    ئاخىرقى:
    2012-08-06
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 9 ئېلان قىلىنغان: 07-21
    ھەممىنى بىلگۈچى بۈيۈك، ئالىم اللە دۇر.

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى