مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 0ئىنكاس
  • 843كۇرىلىشى

يېمەك-ئىچمەك كەسپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
93
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
ئاشپەز ئۇستام
يازما
172
نادىر تىما
4
مۇنبەرپۇلـــى
3579
شۆھـرىتـــــى
2110
تۆھپــــــــــە
173
سودا پۇلــــى
410
ياخشـى باھا
455
تەجىربىسى
39%
ھالىتى
توردا:
  • 132 سائەت
  • تىزىم:
    2009-03-15
    ئاخىرقى:
    2011-02-05
    يېمەك-ئىچمەك كەسپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر


                    ئابدۇۋەلى مەخپۇللا
        يېمەك-ئىچمەك كەسپى خەلقىمىزنىڭ ئاممىۋى ئىگىلىكىدىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەت دائىرىسىدىكى ئەڭ چوڭ كەسىپ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بىزدە يەككە-خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ %70ى يېمەك-ئىچمەك ۋە توپ-پارچە سېتىش كەسپىگە مەركەزلەشكەن. شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى خەلقىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كەسىپ، دەپ چۈشىنىمىز. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن:
      بىرىنچى، يېمەك-ئىچمەك كەسپى مەدەنىيەت كەسىپلىرىمىز ئىچىدىكى تەرەققىياتى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ جانلىق كەسىپ بولۇش رىئاللىقىنى شەكىللەندۈردى. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە سودا-تىجارەت خاراكتېرىدىكى كەسىپلىرىدىن باشقا، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر قىسىم مەدەنىيەت كەسىپلىرى بار، مەسىلەن، يېمەك-ئىچمەك كەسپى، ئۇيغۇر تېبابەت كەسپى، مىللىيچە توقۇمىچىلىق كەسپى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى، بىناكارلىق كەسپى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ئاساس قىلغان ساياھەتچىلىك كەسپى، كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەت (ناخشا-ئۇسۇلنى ئاساس قىلغان ئويۇن قويۇش كەسپى، ئۈن-سىن فىلىم ئىشلەش كەسپى، نەشرىياتچىلىق كەسپى، ئېلانچىلىق كەسپى، مىللىي تەنتەربىيە كەسپى، گۈزەل-سەنئەت مائارىپ تەربىيىلەش كەسپى، مۇزېي، تىياتىرخانا كەسپى قاتارلىقلار) كەسپى، گىرىم بۇيۇملىرى كەسپى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى  تەرەققىياتى ئەڭ ئۈنۈملۈك بولدى ھەم ئەڭ ياخشى تەرەققىيات كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئىقتىسادىمىزدىكى بىرىنچى قېتىملىق كەسىپ تەرەققىيات يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن كەسىپ  بولۇپ قالدى.
      ئىككىنچى، يېمەك-ئىچمەك كەسپى خەلقىمىز ئىقتىسادىي پائالىيەت مۇھىتىدىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئامىللار ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان ۋە ئۆزلەشتۈرۈلگەن كەسىپ بولۇپ قالدى. ماركا، شىركەت تۈزۈمى ۋە داڭلىق كارخانا قاتارلىق يېڭىۋاشتىن پەيدا بولغان ئىقتىسادىي ئامىللار ئەڭ دەسلەپ يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە پەيدا بولدى، مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، خەلقىمىزنىڭ ماركا، شىركەت ئېڭىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يېتىلىشىدە يېمەك-ئىچمەك كەسپى ئەڭ دەسلەپكى تەجرىبە سىناق مەيدانىغا ئايلاندى. مۇشۇ جەرياندا «ئارمان» شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ئەڭ دەسلەپكى يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كارخانىچىلىق مۇھىتىمىزدىكى بىرقەدەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە سىجىل تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئىگە كارخانىلار يەنىلا مۇشۇ كەسىپنى ئاساس قىلماقتا، شۇنداقلا كارخانىلار تۈركۈمى سىستېمىلىق ۋە كۆلەملىك ئالاھىدىلىك ھاسىل قىلغان كەسىپ ساھەسى يەنىلا يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەت مۇھىتىدىكى نۇرغۇن كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىلىرى مۇشۇ كەسىپتە پەيدا بولۇپ، ئومۇملاشتى ۋە باشقا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئەندىزە ۋە تەجرىبە بىلەن تەمىنلەپ بەردى. ھازىر ئۇيغۇر تېز تاماقخانىلىرىنىڭ ئىستىخىيىلىك تەشكىللىنىشىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتى بازار مۇھىتىدىكى خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈزۈلمە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى بازار مۇھىتىدا ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلسا، ئۇنداقتا، بۇ تەرەققىيات مەدەنىيەت كەسىپلىرى تەرەققىياتىدىكى كارخانىلار ئۇيۇشمىسى ياكى كەسىپدانلار ئۇيۇشمىسى ئەڭ دەسلەپ شەكىللەنگەن كەسىپ بولىدۇ.
      ئۈچىنچى، يېمەك-ئىچمەك كەسپىمىزدە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى، تاللا بازارلىرى ۋە تېز تاماقخانا-رېستوراندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى شەكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلار ئاساسلىق شىركەت تۈزۈمىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش ئاپپاراتلىرىنى ياكى زاۋۇتلارنى قۇرۇپ چىقتى، بىر قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالاقىدار زاۋۇتلارغا مال بۇيرۇتۇپ ئىشلىتىشنى يولغا قويدى. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئاساسەن، ھەر خىل قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرى، ئىچىملىكلەر، ئۇن-ياغ ياكى تېتىتقۇلار، تاتلىق يېمەكلىكلەر، مۇراببالار ۋە تەييار تائاملار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلىرىدىغان مېۋە-چىۋە، كۆكتات ۋە گۆش قاتارلىقلارنى ئۆزىگە خام ماتېرىيال قىلغان، بەزى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارغا سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن ئايرىم تەم تەڭشىگۈچ ۋە سۈپەت ساقلىغۇچ ماتېرىياللار ئارىلاشتۇرۇلغان. تاللا بازارلىرى ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى پىلان ئىگىلىكى مۇھىتىدىكى كوللېكتىپ ماگىزىنلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن ۋە شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە  راۋاجلانغان. شەھەر-رەستىلەردىكى بىرقىسىم پېچىنە-پىرەنىك دۇكانلىرىمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. تاللا بازارلىرى تاۋار مۇلازىمىتى جەھەتتە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ۋە ئاممىباپ ئىستېمال بۇيۇملىرىنى تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇقىم بازىرىنى ئېچىش ۋە خەلقنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قۇلايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە ھالقىلىق رول ئوينىدى. رايونىمىزدىكى تاللا بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا «ئارمان»، «ئىخلاس» قاتارلىق كارخانا گەۋدىلىرى ئىنتايىن مۇھىم بولغان كەسپىي يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى. يېمەك-ئىچمەك كەسىپ دائىرىسىدىكى تاللا بازارلار تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم فۇنكسىيىسى ئائىلە تائاملىرىنىڭ يېرىم پىششىقلىنىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۆي تائاملىرى خۇرۇشلىرىنىڭ تاللا بازارلىرىدىن ئورۇن ئېلىشى ئائىلە تائاملىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يېڭى بىر خام تائام كەسىپ بوشلۇقىنى شەكىللەندۈردى ھەم بۇ يېرىم پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار تاللا بازارلىرىنىڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيىسىگە ۋە مۇھىتىغا يېڭى مەزمۇن قوشتى ھەم بۇ جەھەتتە مەلۇم ئائىلە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تېز تاماقخانا-رېستورانلارنىڭ تەرەققىياتى يېمەك-ئىچمەك كەسپى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ جانلىق بولغان بىر ئىقتىسادىي بۆلەكنى ھاسىل قىلىپ، كۆرۈنەرلىك كەسىپ ساھەسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، شۇنداقلا كەسپىي يۈكسىلىش بىرقەدەر زور بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئاشپۇزۇللىرىمىز مۇھىت ۋە مۇلازىمەت تۈزۈلمىسى نۇقتىسىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، شۇنداقلا خەلقىمىز ئىقتىسادىي پائالىيەت مۇھىتىدىكى ئون يىللىق تەرەققىياتى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئەندىزە ـــــــ «كېرەم ئاتۇش ئەندىزىسى» مۇشۇ كەسىپ ساھەسىدىن يېتىشىپ چىقتى. تېز تاماقخانىلارنىڭ تەرەققىياتى خەلقىمىز ئىقتىسادىي پائالىيەت دائىرىسىدە باشقا مەدەنىيەت كەسىپلىرىگە نىسبەتەن دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز خەلقىمىز ئىستېمال مۇھىتىدىن ئۈنۈملۈك ھالقىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىستېمال بازىرىغا ئۇتۇقلۇق ھالەتتە يۈرۈش قىلالىغان، كەڭ دائىرىدىكى ئىستېمال بازىرىنى ئېچىش ئىمكانىيىتى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان كەسىپ بولۇپ قالدى.
      ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇمىي جەھەتتىن باھا بەرسەك، بۇ كەسىپ ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ دېسەك بولىدۇ، كەسىپ كۆلىمى، كارخانىلار تۈركۈمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنى، تېخنىكىسى جەھەتتە كارخانىلارنىڭ بازار ئېچىش ئىقتىدارى جەھەتتە بىرقىسم جۇغلانمىلارـــ كەسىپ يۈكسىلىش ئاساسلىرى پەيدا بولدى.
    ئەمما بۇ كەسىپنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە خېلى ئۇزاق جەريان كېتىدۇ. چۈنكى بۇ كەسىپتە بىرقىسىم تېخنىكىلىق تەرەققىيات توسالغۇلىرى يەنىلا مەۋجۇت، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخى ئېچىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن ئىنچىكە كەسىپ، يانداشما كەسىپ بار. يېمەك-ئىچمەك كەسپىمىزدە گەرچە تونۇلغان بىرقىسىم ماركىلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ماركىلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاممىباب ئىستېمال بازىرىدىكى رولى چەكلىك بولۇۋاتىدۇ، رايونىمىزدىكى مەلۇم كەسىپتە ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى رايون ھالقىغان ياكى ئەتراپىمىزدىكى دۆلەت بازارلىرىغا كۆلەملىك ھالەتتە يۈرۈش قىلالىغان ماركىلار تېخى يوق دېيەرلىك بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كەسىپنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېنىك سانائەت تەرەققىيات بوشلۇقىدىكى تەسىرچانلىقى چەكلىك بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك زاۋۇتلىشىش ۋە كەسپىي زامانىۋىلىشىش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن ئومۇميۈزلۈك جابدۇنۇش جەريانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
    ( ئاپتور شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى