—
بۇ يازمىنى ئاشپەز توخۇ گۆشىدە تەييارلىندىغان قورىمىلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2010-11-06)
—
خۇرۇچلىرى:2كىلوگىرام ئەتراپىدىكى يەرلىك چاقما كاۋىدىن 1دانە،كۆك يىمىشتىن 50گىرام،ئۆرۇك مىغىزىدىن20گىرام،مۇقاتىلدىن(ياۋگو)20گىرام،قۇرۇق چىلاندىن10گىرام،گۇلىدىن 50گىرام،ھەسەلدىن 50گىرام،ناۋاتتىن 100گىرام،ياڭاق مىغىزىدىن100گىرام.
ئىتىش ئۇسۇلى:1-كاۋىنىڭ ساپاق تەرىپىدىن دۇگىلەك كىسىپ،ئىچىدىكى ئۇرۇقلارنى ئېللىۋېتىپ،پۇتۇن ھالەتتە تەييارلايمىزكۆك يىمىش،چىلان ،مۇقاتىل،گۇلە،ياڭاق مىغىزى،ئۇرۇك مىغىزى قاتارلىقلارنى يۇيۇپ،ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىمىز،ناۋاتنى چوقۇپ ئۇششاق پارچىلايمىز.
2-كاۋا ئىچىگە پارچىلانغان ناۋات بىلەن چىلاپ قويۇلغان يىمىشلەرنى ئازراق سۇيى بىلەن سىلىپ،قاسقاندا30مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ،كۇچلۇك ئوتتا پىشۇرىمىز.پىشقان كاۋىنىڭ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ،قىزىتىلغان دوخۇپكىدا10~15مىنۇت تۇرغۇزۇپ،سۇيى قۇرغاندا ئىلىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
مەنبە:گوشسىز قورۇمىلار دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.