لاخماجۇن تۈركلەرنىڭ ئەڭ كۆپ يېيىلىدىغان تامىقىغۇ دەيمەن، بىزنىڭ لەغمەنگە ئوخشاش. تۈركلەر بىلەن ئارىلىشىپ باققانلار بولسا بۇ تاماقنى چوقۇم بىلىدۇ. لاخماجۇننى يەنە تۈركچە پىززا دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. پىززىغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئۈستىگە خۇرۇچلىرىنى يېپىپ پىشۇرىدىغان تۈركچە تاماقلاردىن بىر نەچچە خىلى باركەن. بىرىنى قۇش بېشى دەپ قويىدۇ، يەنە باشقىلىرىنىڭ ئىسمى نېمىكىن، ئىشقىلىپ، ئۈستىگە پالەك بىلەن ئىرىمچىكنىلا سېلىپ دوخوپكىدا پىشۇرىدىغان بىر خىل بار، شۇمۇ تەملىك.
لېكىن بۈگۈن بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم، لاخماجۇن.
تۆۋەندىكى رەسىملەرنى دەنۋېردە ياشايدىغان ئۆزبېك فوتوگراف قىز لالە مەنسۇروۋ ئەۋەتىپ بەردى. ژۇرنالغا باسقۇدەكلا تارتىۋېتىپتۇ.

رەسىمدىكىسى لاخماجۇن، يېنىدىكى ئىستاكاندىكى ئاق رەڭلىك ئىچىملىك تۈركلەرنىڭ دوغىپى--ئايران. ئاخىرىدا ئايراننىڭ ياسىلىشىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتىمەن.
لاخماجۇنغا كېرەكلىك ماتېرىياللار:
خېمىرى ئۈچۈن:
بىر بال قوشۇق ئېچىتقۇ
يېرىم بال قوشۇق شېكەر
ئېھتىياجغا قاراپ بىرەر-ئىككى پىيالە ئۇن
ئىلمان سۇ
قىيمىسى ئۈچۈن:
بىرەر پىيالە (خېمىرغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا) كالا ياكى قوي گۆشى قىيمىسى. ئادەتتە ماينى 85% ئەتراپىدا تازىلىۋەتسىڭىز مۇۋاپىق، بەك مايلىق بولسا يېيىشلىك بولمايدۇ.
باش پىياز
سامساق بىرەر باش
ئىككى ئاش قوشۇق سېرىق مايت
بىر تال كىچىكرەك شوخلا
تاپالىسىڭىز بىرەر پىيالە يالپۇز، تاپالمىسىڭىز مەيلى
بىرەر كىچىكرەك باغلام ئاشكۆكى
بىر ئاش قوشۇق قىزىلمۇچ
بىر تال كىچىك كۆكمۇچ
بىر تال لىموننىڭ شەربىتى ياكى پۈتۈن لىمون
تاماق ئېتىش
ئېچىتقۇنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز. بۇ ئارىلىقتا كۆكتاتلارنى يۇيۇپ تازىلىۋالىمىز.
ئېچىتقۇ كۆپۈپ چىققاندا ئۇنغا قۇيۇپ، ئىلمان سۇ بىلەن بوشراق خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق يەردە بولدۇرىمىز. تەخمىنەن بىرەر سائەتلەردە خېمىر كۆپۈپ چىقىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇنى بەك بولدۇرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. خېمىرنى مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا بۆلۈپ، ئۈستىگە ھۆلرەك لاتا قويۇپ قويسىڭىز، ياكى ئۈستىنى مايلاپ يالتىراق يېپىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
قىيمىغا تەييارلانغان نەرسىلەرنى لىمون بىلەن سېرىق مايدىن باشقىسىنى چانىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. لېكىن مەن شوخلا بىلەن ئاشكۆكىنى چانىمايمەن. ئاشكۆكىنى چانىۋەتسە كۆرۈنۈشى سەت چىقىپ قالىدىكەن. شوخلىنى چانىسا پۈتۈن سۈيى قاچىدىكەن. بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا قاراپ ئۆزگەرتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
قازانغا سېرىق ماينى تاشلاپ ئېرىتىڭ، ئاندىن چانالغان پىياز بىلەن سامساقنى سېلىپ بىر ئاز قورۇۋېتىڭ. ئەگەر ئۆيىڭىزدە سېرىق ماي بولمىسا كۆكتات مېيى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ھەممە خۇرۇچلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇڭ.

خېمىرنى يېيىپ ئېچىڭ. ئامال بار نېپىزرەك بولسۇن. ئاندىن ئارىلاشتۇرغان قىيمىنى خېمىرنىڭ ئۈستىنى بىر مايلىۋېتىپ يېيىتىڭ.

دوخوپكىنى 220 گرادۇس ئەتراپىدا قىزىتىپ، پات-پات ئېچىپ قاراپ، قىيمىلار قارىماققا پىشقانداق قىلغاندا، چۆرىسى بەك چۈرۈكلىشىپ كەتمىگەندە ئالسىڭىز بولىدۇ. كېسىپ، سوغۇق سەي ۋە ئۈستىگە ئازراق لىمون شەربىتى تېمىتىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئايران: تۈركلەرنىڭ دوغىپى. بىزنىڭ دوغاپتىن كۆپ ئاددىي، ئۇلار پەقەت شۇ قېتىقنى ئىلەشتۈرۈپ سۇيۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇزدەك سۇقۇيۇپ ئازراق تۇز سېلىۋېتىپ ئايران ياسايدىكەن. قىزىقسىڭىز ئۆيدە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. لېكىن بەك تۇزلۇق قىلىۋەتمەڭ. يېزىپ بولۇپ ئۆزەمنىڭ يېگۈم كەپ كەتتىيا. قاچان ئىپتار ۋاقتى بولار؟