مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 0ئىنكاس
  • 1019كۇرىلىشى

ئالمىشىپ قالغان «تۈكۈرۈك قاچىسى» [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
11
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
باشقۇرغۇچى
يازما
2327
نادىر تىما
43
مۇنبەرپۇلـــى
2021
شۆھـرىتـــــى
50
تۆھپــــــــــە
40
سودا پۇلــــى
210
ياخشـى باھا
8388606
تەجىربىسى
16835%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 25507 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-13
    ئاخىرقى:
    2012-09-02
    شەرەپ مىدالى

    ئالمىشىپ قالغان «تۈكۈرۈك قاچىسى»

    بەزىدە ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى كوچا ئاپتوبوسىغا ئوخشىتىمەن.ئادەملەرنىڭ دۇنياغا كەلگىنى كوچا ئاپتوبوسىغا چىققىنى بولسا،بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقىنى كوچا ئاپتوبوستىن چۈشكەنگە ئوخشايدىكەن.بەلكىم بۇ تازا مۇۋاپىق بولمىغان قاراشتۇر ئەمما،كوچا ئاپتوبوستا كېتىپ بىرىپ شۇ خىياللارنى سۈرۈپ قالدىم . . .


    _ھېيتگاھ،2-دوختورخانا،يېڭى بىكەت،قىزىلنىڭ كۆۋرۈكى،دۆلەتباغ بازار !!!
    بىلەتچى قىز كۈنلۈكى مۇشۇنداق توۋلاپ يولوچىلارنى كوچا ئاپتوبوسقا چاقىردۇ.بوۋايمۇ بۇ ئاۋازغا خىلى كۆنۈك،ئۇ بۇ يولدا مىڭۋاتقىلى خىلى بولدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئارام ئالغاچ قۇرداشلىرى بىلەن بىرگە گۇڭ مۇڭ پاراڭلارنى سوقوپ باللىرىنىڭ راھىتىنى سۈرىدىغان چاغلىرى ئىدى.بىراق ئۇ: «بالىلارنىڭ ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالغىنى ياخشى،ئۇلارنىڭ كۈنى ياخشى بولسىلا شۇنىڭ ئۆزى بىزگە ئارامچىلىق،بىزنى دەپ زورقوپ قالمىسۇن»دەيتى.بالىلارمۇ : «دادا،ئەمدى بولدى قىل،بىز بارغۇ؟ئادەم خىجىل بولدىكەن »دىسە،«بالام ياخشى كۆڭلىڭلەرگە رەھمەت،بىكارچىلىق ماڭا پەقەت ياراشمايدۇ،ئۆزۈممۇ تىخى كۈچۈمدىن قالمىدىم.ئانچە-مۇنچە مىدىرلاپ تۇرسام سالامەتلىكىمگىمۇ ياخشىكەن» دەپ بالىلارنى ئىغىز ئاچتۇرمايتى.ئۇ كۈنلۈك ئادىتى بويىچە بۈگۈنمۇ بازار ئەھۋالىنى كۆرگەچ باللىرىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلىشىگە ياردەمدە بولوش ئۈچۈن ئاپتوبوسقا چىقتى.«ئۇكام قارسىلا،تىخى باياتىن نان ئالغان چىغىمدا قىرىق بەش كوي پۇل بارتى . . .ھۈ ھۈ ھۈ . . .يانچۇقۇمنى كىسىپلا ئىلۋاپتۇ . . .ناكەسلەر. . .ھۈ ھۈ ھۈ»قىياپىتىدىن يىزا ئاياللىقى مانا مەن دەپ كۆرنۈپ تۇردىغان بىر ئايال بىلەتچى قىزغا شۇنداق دەپ ئەھۋال تۆكۈپ بىرۋاتاتتى.دىگەندەك ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقى بىرتىۋادەك بىر نەرسىدە تىلىنىپ يىرتىۋىتلگەنتى.«بوپتۇ،ئاچا شەھەرگە كەلگەندە دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ.بۇندىن كىيىن بەكرەك دىققەت قىلالا»دىگىنىچە ئالدى ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.بوۋاي ئايالدىن سورىدى: «ماڭا قارسىلا ئۇكام،ئۆيلىرى نەدە؟»،ئايال تولىمۇ بىچارە قىياپەتتە جاۋاپ بەردى:«***يىزسىدىن كەلگەن،كىرەمباغ دوختورخانسىدا مەلىدىن بىر كىسەل بارتى،شۇنى يوقلاپ چىقىپ . . .»ئايال ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ سالدى«بالامنىڭ كىچىگى بازانىڭ نىنىغا ئامراقتى . . . شۇ ناننى ئىلىپ ئاپتوبوسقا چىقىپ قارىسام . . .ھۈ ھۈ ھۈ. . . ناننى ئالغۇچە ئىككى -ئۈچ ياش بالا بىر بىرسىنى ئىتترىشقاندەك قىلغان،تاسلا قالغان ماڭا سوقولوپ يىقىتىۋەتكىلى ھۈ ھۈ ھۈ »ئايالنىڭ سۆزلىرى ،يىغىسى يۈرەكنى ئىزەتتى،ھېسداشلىقنى قوزغايتى،كىملەرگىدۇ نەپرەتلەرنى ئوقوتاتتى.«مانى تۇتسىلا ئۇكام،ئاز بولسىمۇ ***نىڭ ئارلىقى خىلى بار،كىرا قىلىپ كىتىۋالسا، بوپتۇ ھېچقىسى يوق.بۇندىن كىيىن كۆپرەك دىققەت قىلسىلا،مۇشۇ خۇمسىلارنىڭمۇ قوللىرى قۇرۇپ كەتكەي ئىلاھىم!كۆرىدىغان كۈنى بارغۇ ئاخىر،مۇشۇ دۇنيادىمۇ بار تارتقۇلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ ئۆلىدۇ تىخى . . .»بوۋاي يەنە نىملەرنىدۇ دىمەكچى ئىدى ئەمما بولدى قىلدى.«ئاچا مانى سەپ قويسلا،بىكەتنىڭ ئالدىدا نان بار ،باللىرغا ئالغاچ كەتسە»يەنە بىرەيلەن پۇل تەڭلىدى ھىلقى ئايالغا. : «رەھمەت،رەھمەت . . .خۇدايىم . . .»ئۇ ئايال پەقەت شۇنداقلا دىيەلىدى.كۆزىدىن ياش تۆكۈلەتتى.«ئاچا يېڭى بىكەتكە كەلدۇق،چۈشۋالسىلا ئەمسە،دىققەت قىلالا_ھە»بىلەتچى قىز ئۇنى ئەسكەرتتى.«ماقۇل،مەن چۈشىۋالاي،رەھمەت . . .خۇدايىم بۇيرىسا . . .»«بولدى،بولدى ئاۋايلىسلا ،خۇدايىمغا ئامانەت»ئايال بىلەن بىرگە ئۈچ تۆت يولۇچى چۈشۈپ قالدى،ئاپتوبوستىكىلەر ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قويدى.
    «ئاجايىپ ئادەملەر بار ھە،بىر دەمنىڭ ئىچىدە يىغلاپ يۈرۈپ ما بىر قانچە ئەخمەقنىڭ پۇلىنى ئىلىپ ماڭدى ما خوتۇن»ھەممەيلەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى.تۇرقىدىن خىلى يامان ئەمەس بىرسى ئىختىيارسىز بۇ گەپنى قىلدى.«قارى غوجام،ماندا گەپ قىلمىسلا جۇمۇ! بۇ ئەخمەقلەر بەرسە ئۆزىنىڭكىنى بەردى،قانداق دىگەن گەپ بۇ»بوۋاي ئاچچىقلاندىيۇ ئۆزىنى بىسىۋالدى.«شۇ ئەمەسمۇ ،تازىمۇ بىر . . .»بىر قانچەيلەنمۇ سۆز ئارلىدى.
    «ئۇيغۇر دىگەنغۇ شۇنداغ خەق زادى،ئەخمەق كالۋالار» دىدى ھېلىقى تۇرقى يامان ئەمەس بىرسى .
    «خخخق تۈفى! ئۇيغۇر قانداقكەن ھە!»شالاققىدە تۈكۈرۈلگەن تۈكۈرۈك ھېلقىنىڭ يۈزىگىلا چۈشتى.بوۋاي تىترەيتى ئۇ ئاچچىقىدا يەنە نمىلەرنىدۇ دىمەكچى ئىدى ئاپتوبوستىكىلەر ئۇنى باستى« بولدى قىلسىلا،ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسە،نىمە قىلىلا بۇنداق نىملەرگە چىچىلىپ . . .»«تاغا ،قىزىلنىڭ كۆۋرۈكىگە كەلدۇق»بىلەتچى قىز بوۋاينىڭ يىڭدىن تارتىپ «بولدى خاپا بولمىسلا تاغا،ئاۋايلىسلا»دىگىنىچە بوۋاينى چۈشۈرۈپ قويدى.
    «ما قىرى،نىمانداق قىلىدۇ،بىكاردىن بىكار .. .»دىدى ھېلىقى يۈزىدىكى تۈكۈرۈكنى سۈرتكەچ. بىلەتچى قىز : «ئاپتوبوسنىڭ ئىچىگە تۈكۈرۈك قاچىسى قويماپتىكەنمىز،قالايمىقان تۈكۈرسە تىخى ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ، شۇ ئەمدى ئىغىزىغىڭىزدىن چىققان گەپكە قاراپ . . .»ئاپتوبوستا كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
    كوچا ئاپتوبوسى ماڭماقتا،بىلەتچى قىزمۇ يولوچىلارنى چاقىرماقتا:_كىرەمباغ،ئاتۇش بىكەت،ھېيتگاھ ،باغچىنىڭ ئالدى . . .


    http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-97185.html

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    باشقىلار تارتمىغان جاپانى تارتساڭ ،
    باشقىلار ئېرىشەلمىگەنگە ئېرىشىسەن .
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى