—
بۇ يازمىنى ئاشپەز كالا گۆشى قورىمىلارنى تەييارلاش دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2010-11-06)
—
بىر كۈنى ئولتۇرسام ئۆينىڭ ئىشىكى ئۇرۇلۋاتىدۇ،كىم بولغۇيتى دەپ ئىشىكىنى ئاچسام، كىمكەن دىمەم سىلەر،يەنە كىم بولدۇ مۇنۇ ئاشپەز توربىكىتىڭ دىرىكتورى سەمەتجان بىلەن مۇئاۋىن دىرىكتورى سەردار كەن ئەمەسمۇ ، ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدىم ،قۇرسىقى تازا ئاشقانچىغى ،ئاۋۇ مۇئاۋىن دىرىكتور سەردار ئەپەندىم ئورۇقلاپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ يو يۈرۈپ، ئۆيگە قارسام توڭلاتقۇدا ھىچنىمەيوق،ئارانلا 3تال توخو پۇتى،بىر تال سەۋزە،بىر تال باش پىياز ئىككى تال ياڭيو،6تال موگو بار ئىكەن نىمە تاماق ئىتىشنى بىلەلمىدىم ،ئاخىرى ئويلاپ پاكىستانچە تاماق قىلىشنى توغرا تاپتىم ،تاماق قىلىشنى باشلىۋەتتىم .
ماتىريال: سەۋزە،موگو،باش پىياز،توخو گۆشى،گۆرۈچ،
تېتىتقۇلار:گالى ئۇنتىقى،پىياز ،زەنجىۋىل،تۇز،
ئىشلەش ئۇسولى:1-تاييار قىلىنغان توخو پاچىقىنى پاكىزە يۇيۇپ،ئۇستىقىننى ئايرىۋىتىپ ،تۆت سىڭىرلىق قىلىپ توغراپ تاييار قىلىۋالىمىز ،ئاندىن تاييارلانغان ،سەېزە،ياڭيو،باش پىيازلارنىمۇ ئوخشاش تۆت سىڭىر ياكى ئۆچ بۇلۇڭ قىلىپ توغراپ تاييارلىۋالىمىز،زەنجىۋىلنى ئۆگرە ئۇسولىدا توغراپ تاييارلايمىز.
2-قازانغا مۇۋاپىق مىقتاردا ماي قۇيۇپ قىزىغاندىن كىيىن تەييارلانغان ،زەنجىۋىل،باش پىيازلارنى سىلىپ قورۇپ خۇش پۇراق چىققاندا،تاييارلانغان،ياڭيو،سەۋزە،موگو ،لارنى سىلىپ 1 مىنوت ئەتراپىدا قورۇيمىز،ئاندىن تاييارلانغان توخو گۆشىنى سىلىپ قورۇپ ئازراق قىزارغاندىن كىيىن،تەييارلانغان شورپا ،ياكى ،سۇ قۇيۇپ،دۈملەيمىز،<ئەڭ ياخشىسى شورپا بولسۇن>چوڭ ئوتتا دۈملەيمىز ،قاينىغاندىن كىيىن كىچىڭ ئوتتا دۈملەيمىز،تاڭيو ئازراق ئىزىلگەن چاغدا تەييارلانغان گالى ئۇنتىقىنى مۇۋاپىق مىقتاردا،سىلىپ،ساپلىقنى ئىككى ئۆرۈپ تۇز تەمىنى تىتىپ ساپلىقتىن ئالساق بولدۇ ،
3-تەييارلانغان گۆرۈچ تاماق ئۆستۈنگە،قورغان قورمىنى سىلىپ،ئاندىن ئاستا تاماقتىن ھوزورلانساق بولدۇ.
شۇننى ئويلاپ قالدىمكى ،دىرىكتور بىلەن ،مۇئاۋىن دىرىكتور يارىتامدىكىن دەپ ، ئاراندا بىر كەلگەندە ،گۆرۈچ تامىقى بىلەن مېھمان قىلدى دەپ ، تىتىپ كۆرۈپ بىر گەپ قىلار سىلەر دەپ يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقتىم .بۇ تاماقنىڭ سەردارغا پايدىسى بار ئەمەسمۇ ئۆز ئەسلىگە كىلۋالامدىكىن دەپ،يەنە پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ،ئائىلىدە قىلىشقا بولدۇ .
رەھمەت :

مەنبە :تۇز