ئۇيغۇر خەلقى چايخۇمار خەلىق ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ، ھېيىت - ئايەملىرىنى ، توي تۆكۈن ، نەزىرە - چىراقلىرىنى ، مېھماندارچىلىق ، تۈرلۈك مەشرەپ - بەزمە ، سەيلىلىرىنى چايسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس . شۇ سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سورۇنلارغا ماس كېلىدىغان چاي تۈرلىرى ۋە ئۇلارنى دەملەشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . 
    ئۇيغۇرلاردا ھازىرچە كۆپرەك ئستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان چايلارنى ماتېرىيال مەنبەسى ۋە سۈپتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سۈتلۈك چايلار ، دورىلىق چايلار ، مېۋە ، مېۋە قېقى - مېغىزى دەملەنمىسى ، قەنت چايلار ، غازاڭ چايلار ۋە باشقىلار دېگەن ئالتە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . 
    بىرىنچى ، سۈتلۈك چايلار 
    ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ھايۋانات ، ئۇچار قاناتلارنىڭ ئەت - گۆشلىرىنى ئۇزۇق قىلغاندىن باشقا ، يەنە ھايۋانات سۈتلىرىنىمۇ ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم . ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېدىقاد قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلاردا ئاق رەڭگە تېۋىنىش ، ئاق نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولىشى مۇمكىن . 
سۈتلۈك چاي ئادەتتە كالا سۈتى ، قوتاز سۈتى ، ئۆچكە سۈتى ، قوي سۈتى قاتارلىقلار ئاساسىي خۇرۇچ قىلىنىپ تەييارلىنىدىغان چاي بولۇپ ، ئادەتتە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ . سۈت مۆتىدىل تەبىئەتلىك بولۇپ تەركىبىدە ياغ ، ئاقسىل ، كالى ، كالتىسىي ، فوسفۇر ، ناتىرىي ، گۈڭگۈرت ، تۆمۈر ، مىس ، يود ، ۋىتامىن گورۇپپىسىدىكى كۆپ خىل ئېلېمېنت قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ھەرخىل ئېلېمېنىتلار بار . سۈت تەرەتنى راۋاجلاندۇرۇش ، خوسىسىيتىگە ئىگە . 
    ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان سۈتلۈك چايلار تۆۋەندىكىىچە : 
    1 . ئەتكەنچاي 
خەنزۇ ئالىملىرنىڭ تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن قارىغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تاڭ سولالىسى دەۋرىدىلا (618 - 907) ئەتكەنچاينى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم . 
   خۇرۇچلار : پىششىق سۈت ، دەملەنگەن قارىچاي ، تۇز ، خام قايماق ، سېرىقماي قاتارلىقلار . 
   دەملەش ئۇسسۇلى : 1) چەينەكنى پاكىز يۇيۇپ ، ئۇنىڭغا موۋاپىق مىققداردا چاي سېلىپ ، ئۈستىگە قايناق سۇنى قويۇپ ، بەش ئون - مىنۇت دەملەيمىز . 
   2) دەملانگەن چاينى جاۋۇر ياكى كورىغا تۆكۈپ ، ئۈستىگە پىششىق سۈتنىى قويۇپ ئۇنىڭغا موۋاپىق مىقداردا تۇز ، خام قايماق ۋە سېرىقماي سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز . 
   ئالاھىدىلىكى : رەڭگى جىزغۇچ ، ئىچىشلىك ، تەمى ئۆزگىچە بولۇپ كىشىگە ھوزۇر بېغشلايدۇ . 
   2  . سۈتلۈك تۇخۇم چاي 
خۇرۇچلار : يېڭى تۇخۇم ، پىششىق سۈت ، دەملەنگەن قارىغاچ ، ھەسەل قاتارلىقلار . 
دەملەش ئۇسسۇلى  :  تۇخۇمنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن ، بىر قاچىغا چېقىپ ، قوچىيمىز . سۈتنى ئايرىم قاچىدا قاينىتىپ ، تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئارلاشتۇرىمىز ، ئاندىن دەملەنگەن قىززىق چاينى قويۇپ ، ئازراق ھەسەل قويۇپ ئارلاشتۇرىمىز . 
ئالاھىدىلىكى : تەركىبىدە ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى . 
  3   . سۈتلۈك مېغىزلىق چاي 
خۇرۇچلار : بادام مېغىزى ، ياڭاق مېغىزى ، ھەسەل ، يېڭى سۈت قارىغاچ قاتارلىقلار . 
دەملەش ئۇسسۇلى  :  ياڭاق ، بادام مېغىزىلىرىنى قايناق سۇغا چىلاپ يومىشتىپ پوستىنى سويىۋېتىپ ، ھاۋانچىدا يانجىپ شىرنە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ چىنىگە ئالىمىز ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق ھەسەل قوشۇپ ، ئۈستىگە چەينەكتە دەملەنگەن قىزىق سۈتلۈك چاينى قويۇپ قوچىيمىز . 
ئالاھىدىلىكى : ئوزۇقلۇق ماددىسى مول ، بەدەننى قوۋەتلەيدۇ . 
تەپسىلى  كۆرمەكچى  بولسىڭىز بۇ ئادىرىسقا كىرىڭ  ==     
/bbs/read.php?tid=1099