illikdunya.biz sohpat
كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 899
شۆھرىتى: 9215 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9270 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 933 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

غۇلجىدىن تۇغقانلار كەلگەن، ئۇلار ھەر كۈنى سەھەردە ئەتكەن چاي ئىچىپ ئادەتلەنگەنگەچكە ئۇلار ئەتكەن چاي ئىچمىسە بېشى ئاغرىيدىكەن. شۇڭا ئۇلارغا ئەتكەن چاي قىلىپ بېرەي دىگەن، ئەتكەن چاي قىلىشنى بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار قانداق، سىلەرنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.


[ بۇ يازماجەسۇرتەرپىدىن2010-06-04 15:22دە قايتا تەھر ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-06-04 12:48 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
جەسۇر
باھانىڭىز بارمۇ ؟؟؟؟؟؟
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 604
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 31
شۆھرىتى: 345 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 390 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 45 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

      

ئۇيغۇر خەلقى چايخۇمار خەلىق ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ، ھېيىت - ئايەملىرىنى ، توي تۆكۈن ، نەزىرە - چىراقلىرىنى ، مېھماندارچىلىق ، تۈرلۈك مەشرەپ - بەزمە ، سەيلىلىرىنى چايسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس . شۇ سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سورۇنلارغا ماس كېلىدىغان چاي تۈرلىرى ۋە ئۇلارنى دەملەشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
    ئۇيغۇرلاردا ھازىرچە كۆپرەك ئستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان چايلارنى ماتېرىيال مەنبەسى ۋە سۈپتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سۈتلۈك چايلار ، دورىلىق چايلار ، مېۋە ، مېۋە قېقى - مېغىزى دەملەنمىسى ، قەنت چايلار ، غازاڭ چايلار ۋە باشقىلار دېگەن ئالتە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
    بىرىنچى ، سۈتلۈك چايلار


    ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ھايۋانات ، ئۇچار قاناتلارنىڭ ئەت - گۆشلىرىنى ئۇزۇق قىلغاندىن باشقا ، يەنە ھايۋانات سۈتلىرىنىمۇ ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم . ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېدىقاد قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلاردا ئاق رەڭگە تېۋىنىش ، ئاق نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولىشى مۇمكىن .
سۈتلۈك چاي ئادەتتە كالا سۈتى ، قوتاز سۈتى ، ئۆچكە سۈتى ، قوي سۈتى قاتارلىقلار ئاساسىي خۇرۇچ قىلىنىپ تەييارلىنىدىغان چاي بولۇپ ، ئادەتتە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ . سۈت مۆتىدىل تەبىئەتلىك بولۇپ تەركىبىدە ياغ ، ئاقسىل ، كالى ، كالتىسىي ، فوسفۇر ، ناتىرىي ، گۈڭگۈرت ، تۆمۈر ، مىس ، يود ، ۋىتامىن گورۇپپىسىدىكى كۆپ خىل ئېلېمېنت قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ھەرخىل ئېلېمېنىتلار بار . سۈت تەرەتنى راۋاجلاندۇرۇش ، خوسىسىيتىگە ئىگە .
    ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان سۈتلۈك چايلار تۆۋەندىكىىچە :

    1 . ئەتكەنچاي
خەنزۇ ئالىملىرنىڭ تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن قارىغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تاڭ سولالىسى دەۋرىدىلا (618 - 907) ئەتكەنچاينى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم .
   خۇرۇچلار : پىششىق سۈت ، دەملەنگەن قارىچاي ، تۇز ، خام قايماق ، سېرىقماي قاتارلىقلار .
   دەملەش ئۇسسۇلى : 1) چەينەكنى پاكىز يۇيۇپ ، ئۇنىڭغا موۋاپىق مىققداردا چاي سېلىپ ، ئۈستىگە قايناق سۇنى قويۇپ ، بەش ئون - مىنۇت دەملەيمىز .
   2) دەملانگەن چاينى جاۋۇر ياكى كورىغا تۆكۈپ ، ئۈستىگە پىششىق سۈتنىى قويۇپ ئۇنىڭغا موۋاپىق مىقداردا تۇز ، خام قايماق ۋە سېرىقماي سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز .
   ئالاھىدىلىكى : رەڭگى جىزغۇچ ، ئىچىشلىك ، تەمى ئۆزگىچە بولۇپ كىشىگە ھوزۇر بېغشلايدۇ .

   2  . سۈتلۈك تۇخۇم چاي
خۇرۇچلار : يېڭى تۇخۇم ، پىششىق سۈت ، دەملەنگەن قارىغاچ ، ھەسەل قاتارلىقلار .
دەملەش ئۇسسۇلى  :  تۇخۇمنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن ، بىر قاچىغا چېقىپ ، قوچىيمىز . سۈتنى ئايرىم قاچىدا قاينىتىپ ، تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئارلاشتۇرىمىز ، ئاندىن دەملەنگەن قىززىق چاينى قويۇپ ، ئازراق ھەسەل قويۇپ ئارلاشتۇرىمىز .
ئالاھىدىلىكى : تەركىبىدە ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى .

  3   . سۈتلۈك مېغىزلىق چاي
خۇرۇچلار : بادام مېغىزى ، ياڭاق مېغىزى ، ھەسەل ، يېڭى سۈت قارىغاچ قاتارلىقلار .
دەملەش ئۇسسۇلى  :  ياڭاق ، بادام مېغىزىلىرىنى قايناق سۇغا چىلاپ يومىشتىپ پوستىنى سويىۋېتىپ ، ھاۋانچىدا يانجىپ شىرنە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ چىنىگە ئالىمىز ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق ھەسەل قوشۇپ ، ئۈستىگە چەينەكتە دەملەنگەن قىزىق سۈتلۈك چاينى قويۇپ قوچىيمىز .
ئالاھىدىلىكى : ئوزۇقلۇق ماددىسى مول ، بەدەننى قوۋەتلەيدۇ .


تەپسىلى  كۆرمەكچى  بولسىڭىز بۇ ئادىرىسقا كىرىڭ  ==     /bbs/read.php?tid=1099
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-04 16:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( جەسۇر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۇيىغۇرلاردا چاي مەدىنىيىتى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا