' V: x) i& c) C3 A b: F9 e$ w
يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدە توردا قەلەم ھەققى بەرگىلى بولماسمۇ؟
% f. {/ ^5 w; ]بەزىدە توردىكى ئىسىل يازمىلارنى كۆرسەم شۇ يازغۇچىنىڭ ئەجرىگە تور يۈزىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بىلەن قانداقتۇر مەسىلىلەر ئۈستىدە غايىۋى مۇڭداشقۇم كىلىدۇھەم بەزەن قىرىنداشلار كەسىپداشلار بىلەن مۇڭدىشىپ كىتىمەن، ھەم بەزەن ۋاقىتلاردا خىزمەتتە كەسىپتە ھەمكارلىشىپمۇ قالىمەن ،ھەتتا بەزىلىرىنى كاتتا مىھمان قىلغۇم، يەنە بەزىلىرىگە بولسا ھەر بىر سۆزى ئۈچۈن مۇنچە تەڭگىدىن شاراقلىتىپ بەرگۈم كىلىدۇ... بۇ ئەلۋەتتە بىر خىيال خالاس،
. p3 o% s0 a0 m7 P3 N& b, d. @ئۇنداق بولسا ئەشۇنداق ئەسەرلەرگە تور بىكەت ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ھەق بەرسە بولامدۇ يوق؟ بۇنداق قىلىشنىڭ زادى ئەھمىيىتى بارمۇ يوق؟0 H4 p2 M3 w! l( i
مىنىڭچە ئالدىنقى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بار،
" f! O5 M4 e( }* s/ a5 ?قىرىنداشلىرىمىز شۇنچىلىك ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يىمەك-ئىچمەك،مۇلازىمەت،كەسپىي ساپا ۋە نەزىريىۋى بىلىم جەھەتتە.... يىمەك-ئىچمەك ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، تور بىكەت، مۇنبەرلەرنى ئاۋات قىلىۋاتقان ئەشۇ "تىرىشچان" ۋە " كەسىپچان" ئەمىلىي ۋە نەزىريىۋىي تەجىربىسى مول بولغان قىرىنداشلىرىمىز بار، ئازغىنە بولسىمۇ قىرىنداشلىرىمىزنى ،خەلقىمىزنى يىمەك ئىچمەك ساھەسىگە قىززىققۇچىلارنى كەسىپداشلىرىمىزنى رازى قىپ ئازدۇر كۆپتۈر بولسىمۇ ئەمگەك مىۋىسىنى ئەلگە سۇنىۋاتىدۇ،
! X# \, d% X. C4 Cكىيىنكى مەسىلىگە كەلسەك، يەنى بۇنداق قەلەم ھەققى تۈزىمىنى يولغا قۇيۇشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ يوق دىگەندە، مىنىڭچە ئەھمىيىتى بار. سىز جاپا تارتىپ يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدە بىر خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە ماتىيالنى تەرجىمە قىلىپ ۋە ياكى يىمەك ئىچمەك ساھەسىدە نەزىريىۋى ۋە ئەمەلىي توپلىغان مول تەجىربىلىرىڭىزنى،مۇكەممەل بولغان كەسپىي بىلىملەرنى، قورىمىلارنى، پۇشۇرۇقلارنى باشقىلار كۆرۈپ ۋە ياكى ئائىلىدە جەمىيەتتتە ،خىزمەتتە مەنىۋى ھەتتا ماددى جەھەتتە نەپ ئالدى، ئۇنداقتا سىزگە نىمە پايدا؟ ئەلۋەتتە بۇ دىگىنىم ھەممىدە پۇلغا قاراش كىرەك دىگەن گەپ ئەمەس، e. @4 p) G2 h4 V( J# p9 L" ` E' x) m
بەلكى باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى قەدىرلەش ، ئۇلارغا ئىلھام بىرىش ،مىللىي يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ،باشقۇرۇش،تەجىربە،نەزىريىۋى ئاساسىي بىلىم جەھەتتە تەڭ ئورتاق بەھىرلىنىش،تەڭ كۈچ چىقىرىش، مەسىلىسى . ئەشۇ تىرىشچان ،ئىزدىنىشچان قىرىنداشلىرىمىز كەسىپداشلىرىمىز خەلقىمىز تور يۈزىدىكى ئىتىراپ قىلىشلار بىلەن بىرگە يەنە بەلگىلىك ماددى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئىرىشەلىسە مىنىڭچە بىرنى يازىدىغان يەرگە ئىككىنى، مۇكەممەلسىز بولغان تىمىنى يوللاشتىن ،تەجىربە توپلاش تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش ،ئۈگۈنۈش تىرىشىش ئارقىلىق مۇكەممەل قىممىتى بار بولغان تىمىلارنى يوللايدۇ، ھەم يوللاۋاتىدۇ ،جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى قىرىنداشلىرىمىزغا سۇنىۋاتىدۇ ؟...ئىلھامنىڭ كۈچى چەكسىز...0 i O* W: L- J& o
شۇڭا مەن بەلگىلىك ئىختىزادى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقان تور بىكەتلەردىن بۇ يېڭى شەيئى توغرىلىق ئاز-تولا ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن، ئەلۋەتتە تور قەلەم ھەققىنى ھەممە ئادەمنىڭ ھەممە تېمىسىغا بەرگىلى بولمايدۇ، كۆپ كۈرۈلگەن تېمىكەن دەپمۇ بەرگىلى بولمايدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر قوللىغان تېمىلاركەن دەپمۇ بەرگىلى بولمايدۇ، مىنىڭچە بولغاندا يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدە مۇكەممەل بولغان،قىرىنداشلىرىمىز ئەمىلىي جەھەتتە قوللىنالىغان مۇشۇ تور بەت ساھەسىدىكى تىما يوللاش مۇكەممەل تىمىلىرى بولغان ۋە ياكى يوللىغان تورداشلارغا ھەقىقى مەنىۋى ياكى ماددى نەپ بىرەلىگەن، شۇ تور ياكى مۇنبەرنىڭ نوپۇزىنى كۆتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان نادىر تېمىلارغا ئادىل، ئاشكارا ئۇسۇلدا ئۆزىمىزنىڭ كۈچى يىتىشىچە مۇۋاپىق ھەق بەرسەك تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن . دىققەت، مىنىڭ دەۋاتقىنىم ئايلىق خىزمەتچىلەرگە بىرىدىغان ھەق ئەمەس بەلكى مۇشۇ تورغا ياخشى ئەسەرلەرنى يوللىغان قىرىنداشلىرىمىزغا بىرىدىغان ۋاقتلىق قەلەم ھەققى .0 Y* X% p( b/ ~% D
بۇ تۈزۈم بەلكىم تور ئەسەر ھوقۇقىنى ماددى ۋە قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلىپ، ھەممە بىكەت ، ھەممە مۇنبەردە ئوخشاش ئادەم تەرىپىدىن يېزىلغان ئوخشاش تېمىلار ئېقىپ يۈرىيدىغان ئەھۋالنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئالالىشىمۇ مۈمكىن ھەم تىمىلارنى مۇكەممەلسىز يوللاشتىن مۇكەممەل يوللاشقا تىرىشىشى مۇمكىن.
, ?% q! J6 u$ o2 {غەرپتىكى تاماقخانىلاردا خىرىدارلار تاماق پۇلىدىن سىرىت خىزمەتچىلەرگە تاپان ھەققى دەپ بىرىدۇ،بىز مىىلىي يىمەك ئىچمەك ساھەسىدىكى بىردىن بىر مۇكەممەل تور بەتنى ھەم بىر بىرىمىز قوللىساق ،ھەمكارلاشساق تەجىربە ئالماشتۇرساق ۋە ياكى كۈچ چىقارساق ، X5 X0 P1 }4 r; R
بىزدە تور قەلەم ھەققى بولسا نىمىشقا بولمايدىكەن؟ 5 G& n( k7 x* c& q
ئەمدىكى گەپ، تور بىكەتلەرنىڭ بۇ ئىشنى سىناپ بېقىش باقماسلىقىدا. يېڭى شەيئى دەسلەپتە كىچىك بالىدەك ئاجىز، غەلىتە بولىشى مۈمكىن، بىراق كارامەتنى كىيىن كۆرىمىز. قېنى ئاتامانلار ، تور دۇنياسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا بىر كۈچۈپ باقايلى ، يا قازاندىن چىقار يا چۈمۈچتىن چىقار.
$ v2 g7 L7 A! X% [' g2 ]; C |